يېڭىئېرىق يېزىسى (خوتەن ناھىيىسى)

يېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسىگە جايلاشقان.

يېڭىئېرىق يېزىسى

英艾日克乡.Yëngi’ëriq town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 10 مىڭ
يەر مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

بۇ يېزىغا قاراشلىق 22 كەنت ئاھالىلەر كومېتىتى بار بۇلۇپ، پاۋانلا كەنتى، چاچى كەنتى، تۇلىۋاي كەنتى، ئارال كەنتى، تۆگمەنبېشى كەنتى، لاتىلىق كەنتى، تورا كەنتى، يەكلى كەنتى، ئارا ئايماق كەنتى، بايلا كەنتى، ئۈستۈنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، تۆۋەنكى توغرائۆستەڭ كەنتى، شاقۇر كەنتى، ئۈستۈنكى لەڭگەر كەنتى، تۆۋەنكى لەڭگەر كەنتى، كەكرىبۇيا كەنتى، قوشقۇدۇق كەنتى، قوۋۇرغا كەنتى، سۇ يايدى كەنتى، سەككىزىنچى ليەن كەنتى، بەشپۇتاق كەنتى، كۆتۈرمە كودى كەنتى، سۆگەتئېرىق كەنتى قاتارلىقلار بار.

نوپۇسى تەھرىرلەش

يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تۈزۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلار 62 نەپەر، ئەمەلىي خىزمەت ئۆتەيدىغان كادىرلار 53 نەپەرگە يەتكەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرى 20 كىشى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتكوم بەنزىسى 11 ئادەم، پارتكوم، ھۆكۈمەت گىرەلەشمە ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئۈچ ئادەم؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 50 ياش، ئەڭ كىچىكى 26 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى 37 ياش. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىدە بەش ئادەم، ئوتتۇرچە يېشى 30 ياش. پارتكوم ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدا 23 كەنت پارتىيە ياچېيكىسى، سەككىز ئورگان، پونكىت، 966 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، ئۈچ پېشقەدەم خادىملاردىن 135 كىشى، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1039 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت پاۋان كەنتىدە، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 90 ئاھالە گۇرۇپپىسى، يېزا بويىچە 5961 نۇپۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 26269 ئادەم، خەنزۇ 1507 ئادەم، خۇيزۇ 71 ئادەم، جۇاڭزۇ 88 ئادەم.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

يېقىندىن بېرى، يېڭىئېرىق يېزىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرغان.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، يېڭىئېرىق يېزىسى 50 مىڭ مو ئەتراپىدىكى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قالغان، بۇغداي 20 مىڭ مو ئەتراپىدا تېرىلغان. ھازىر بار بولغان مېۋىلىك باغ كۆلىمى 17900 مو، باغ كۆلىمى 5600 مو . 2006-يىلى 4500 مو چىلان تىكىلگەن، ياڭاق 800 مو بولغان، كۆچەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە تۇتۇش نىسبىتى %85 تىن ئاشقان، ئەڭ يۇقىرى ئەي بولۇش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ قوتاندىكى ئومۇمىي سانى 129785 تۇياق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 18316 تۇياق، ئۇششاق چارۋا 59364 تۇياق، ئۆي قۇشلىرى 52105 دانە.

مائارىپى تەھرىرلەش

باشقىلار تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش