گۇلاخما بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىچىرا ناھىيىسى گە قاراشلىق مەمۇرىي بازار. 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۇلاخما يېزىسى گۇلاخما بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شەرقىدە دامىكۇ يېزىسى بىلەن، غەربىدە چىرا بازىرى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. جەنۇبىدا بولسا چاقا يېزىسى، ئۇلۇغساي يېزىسى، نۇرى يېزىسى ۋە بوستان يېزىلىرى بار. 315-نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى بازارلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ قاتنىشى ئىنتايىن قولايلىق.

گۇلاخما بازىرى

固拉合玛镇.Gulaxma town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 27 مىڭ
يەر مەيدانى 1081 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

گۇلاخما يېزىسى ۋاكالىتەن نومۇرى: 653225201. يېزىغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:

  • ئاقئىلەك كەنتى،
  • جىگدىلىك ئوتاق كەنتى،
  • گىدىشئېرىق كەنتى،
  • دىلىم تېرەك كەنتى،
  • توغرا ئۆستەڭ كەنتى،
  • ئارائۆستەڭ كەنتى،
  • قوشئېغىل كەنتى،
  • پەنسەن كەنتى،
  • ئارال كەنتى،
  • يېڭىئاۋات كەنتى،
  • باغ ئېرىق كەنتى،
  • مەدىر ئېقىن كەنتى،
  • ئامبار كەنتى،
  • ياپىلاق كەنتى،
  • ياقا ئۆستەڭ كەنتى،
  • لايقا كەنتى،
  • شاپتۇللۇق كەنتى،
  • ئۇشۇ ئۆستەڭ كەنتى،
  • سالجىلىق كەنتى،
  • قوشقەۋەت كەنتى قاتارلىقلار.