نۇرى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، چىرا ناھىيەسى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان،چىرا ناھىيىسىبازىرىغا 120 كىلومېتىر كېلدىغان تاغلىق رايون بۇلۇپ، يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىمچارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2350 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 188 مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت چارۋىچىلىق كەنتى، 44 كەنت گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 5225.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 10437 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، ياغلىق دانلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ.

نۇرى يېزىسى

奴尔乡.Nuri town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 12 مىڭ
يەر مەيدانى 5225.5 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېزا تەۋەسىدە 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ،

  • قۇمباغ كەنتى،
  • چىمەنباغ كەنتى،
  • يارباغ كەنتى،
  • ئاقتاش كەنتى،
  • تۆۋەن ئاچما كەنتى،
  • ئاچما كەنتى،
  • ئاراقۇم كەنتى،
  • يالغۇز باغ كەنتى،
  • دوما كەنتى،
  • رىزەك كەنتى،
  • چارتاش كەنتى،
  • باغبېشى كەنتى،
  • چوڭكۆل كەنتى،
  • قاشيەر كەنتى،
  • لەڭگەر كەنتى،
  • ياچى كەنتى،
  • بۇزاڭ كەنتى،
  • چاغانقۇم كەنتى قاتارلىقلار.