ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم
تۇغۇلۇشھ. ؟ / م. ؟
ۋاپاتىھ. 15 / م. 636


ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم (عبد الله بن أم مكتوم): ئابدۇللاھ ئىبنى قەيس ئىبنى زائىدە ئەلقۇرەشىي (ھ. ؟ – 15 / م. ؟ – 636) مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىر نەۋرە ساھابە.

ئۆز ئىچىدىن ئىسلامغا مايىل بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە مۇشرىكلىرىنى دەۋەت قىلىۋاتقان سورۇنغا كېلىپ ئىسلامدىن تەلىم ئالماقچى بولغان. كۆزى ئەما بولغانلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشغۇلىيىتىدىن بىخەۋەر سۇئال سوراۋەرگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىئارام بولۇپ يۈزىنى پۈرۈشتۈرگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەركىتى ئاللاھ تائالاغا ماقۇل كەلمەي «ئەبەسە سۈرىسى»نىڭ 1 – 2- ئايەتلەر نازىل بولغان. كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خاتاسىنى تونۇپ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇمغا ئىلتىپات قىلغان ۋە «ئى ئۆزى يۈزىدىن رەببىم ماڭا تەرگىگەن زات، مەرھابا!» دەپ خىتاب قىلغانلىقى مەشھۇردۇر.

ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىدا ھەزرىتى بىلال بىلەن بىللە نۆۋەتلىشىپ ئەزان توۋلايتتى. دەسلەپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ئىككىنچى كىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 13 قېتىم غازاتقا چىققاندا مەدىنىدە ئورنىغا ئۇنى تەيىنلەپ قويغان. ئەما بولسىمۇ «قادىسىييە» جېڭىدە تۇغ كۆتۈرۈپ شەھىد بولغان زات.