UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


مەككە
مَكّة المُكَرَّمة
مەككە مۇكەررەمەدىن بىر كۆرۈنۈش

كوردىنات’25°21 شىمال،’49°39 شەرق

ھەققىدە
ئىسمى شەرىڧى مەككەتۇل مۇكەررەمە(مكة المكرمة)، ئۇممۇل قۇرئا (أم القرى)، بەلەدىلئەمىن (البلد الأمين)
تەۋەلىكى
مىنتىقە\رايون
سەئۇدىيە

مەككە ئۆلكىسى

باشقۇرۇرش
ۋالىي
شەھەر باشلىقى
خالىد ئەل ڧايسال
ئىسامە ئەل بار
زېمىن ۋە نۇڧۇس
يەر مەيدانى 850 كلومتر2
نۇڧۇس(2010) - توپلام
- زىچلىقى

1,675,000
2,200\كلومتر2, دۆلەتنىڭ 3. چوڭ شەھرى
ۋاقت رايونى ئەۋر (UTC +3)
خەلقئارالىق رايون نومىرى (12)966+
تور بەت www.holymakkah.gov.sa

مەككە (ئەرەبچە: مَكّة) ياكى مەككە مۇكەررەمە (ئەرەبچە: مَكّة المُكَرَّمة) — بۇگۈنكى سەئۇدىيە ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ھۇدۇدى ئىچىدە يەر ئالغان تارىخى ھىجازىدىكى مەككە ۋىلايىتى مەركىزى شەھرى. مەككه‌ – دۇنیا مۇسلىمانلار جامائەسىنىڭ ئاساسى موقەددەس شەهرىدۇر.


مەككە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ھىجاز رايونىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىدە يەر ئالغان. ئىسلام دىنىدا يېرى ئىنتايىن مۇھىم، مۇقەددەس بىر شەھەردۇر. زىرا ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س.ئە.ۋ) مۇشۇ شەھەردە توغۇلغان. ئىسلام دىنىنىڭ ساماۋىي كىتابى قۇرئان كەرىم مۇشۇ شەھەردە نازىل قىلىنىشقا باشلانغان دەپ ئىشىنىلىدۇ. بەيتۇللاھ دەپ ئاتالغان مۇقەددەس كەئبە ھەم يەنە مۇشۇ شەھەردە يەر ئالماقتا. قۇرئاندا «شەھەرلەرنىڭ ئانىسى» (ئۇممۇل قۇرئا) دەپ سۈڧەتلىنىدۇ. كۈنىمىزدە ھەر يىلى مىليونلىغان مۇسۇلمانلار تەرەڧىدىن زىيارەت قىلىنىدىغان بۇ شەھەر رىياد ۋە جىددەدىن سوڭرە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۈچىنچى بۈيۈك شەھىرىدۇر.
مەككە شەھرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ 450 كىلومېتىر جەنۇبىي غەربىگە، تائىڧنىڭ 120 كىلومېتر، جىددە شەھرىدىن 72 كىلومېتر ئۇزاقلىقتادۇر.


تارىخچەئى مەككە تەھرىرلەش

ئىسمىنىڭ مەنبئەسى
مەككەنىڭ بىلىنگەن ئەسكى ئاتى بەككە ئېرۇر. بەئزى مەنبئەلەر مەككەنىڭ، ھەم شەھەر ھەمدە كەئبەنى ئىپادىلەيدۇرغان بىر ئىسىم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە؛ باشقا بەئزى مەنبئەلەردە مەككەنىڭ، ھەرەمنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمىغادېيىلىدىغانلىقىنى؛ بەككەنىڭ بولسا بۇ مەسجىدنىڭ باشقا بىر ئىسمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ[1][2]. تىلشۇناشلار مەككە بىلەن بەككە نىڭ بىر نەرسىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئېتىراڧ قىلىماقتا[3]. مەككە ۋە بەككە، بابىل تىلىدە 'ئۆي' دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئامەلىكالىقلار تەرەڧىدىن بۇ يەرنىڭ ئىسمى سۈڧەتىدە قوللىنىلغان. باتلاميۇس بولسا مەككەگە ماكوراببا دېگەنلەر.

ئىسلام مەنبئەلىرىدە مەككە
مەككە شەھرى، م.ب. 2000- يىللارغە قەدەر ئۇزانغان بىر شەھەردۇر. بۇ شەھەرنىڭ مۇقەددەس كۆرىلىشى ڧەقەت ھەزرىتى مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) نىڭ بۇ ۋادىدە توغۇلغان بولىشىىدىن ئاۋۋال ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تاقىلىدۇ. ئىسلام مەنبئەلەرىغە كۆرە ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ توقالى ھەزرىتى ھاجەردىن توغۇلغان ئوغلى ئىسمائىلنى تۇنجى زەۋجەسى ھەزرىتى سارەنىڭ ئىستىكى بىلەن يىراققا ئاپىرۋەتمەكچى بولىدۇ. ھەزرىتى ئىبراھىم ئىككىسىنى ئېلىپ اللەنىڭ دىلىغا سىلىشى بىلەن بۇگۈنكى مەككەنىڭ ئورنىغا كېلىدۇ. ئۇلارنى بۇ يەردە قالدۇرۇپ قايتىپ كېتىدۇ. گىياھسىز ۋە ئادەمزاتتىن ئەسەر يوق بۇ زېمنغا ئانا ۋە ئوغۇل يەرلىشىپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تىجارەت ئۈچۈن بۇ يەردىن ئۆتىۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ جۇرھۇم قەبىلىسى ئىسمائىلنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدىن چىققان زەمزەم بىلەن ياشاش مۇمكىن ھالغا كەلگەن بۇ جايغا يەرلىشىدۇ ۋە شەھەرنىڭ تۇنجى تۇرغۇنلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېيىنچە قايتا بۇ يەرگە كېلىدۇ ۋە اللەنىڭ ئەمرى بىلەن ئوغلى ھەزرىتى ئىسمائىل بىلەن كەئبەنى ئىنشا قىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەئبە بىر ھەج يېرى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھەزرىتى ئىبراھىمغا ئەرگەشكۈچىلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ تاۋاپ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ.
ئەسرلەر مابەينىدە ھەج مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى كېڭەيگەن مەككە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مۇھىم تىجارەت شەھرى بولۇپ قالىدۇ. ھەزرىتى ئىسمائىلنىڭ پۇشتىدىن بولمىش ۋە شەھەرنىڭ مۆتىۋەر جەمەتىدىن بولغان قۇرەيشىلەردىن چىققان ھەزرەتى مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) 571- يىلى ئۇشبۇ شەھەردە توغۇلغان. 40 ياشقىچە بۇ شەھەردە ياشاغان ھەزرىتى مۇھەممەد ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھىينى قەبۇل قىلغاندىن سوڭرە بارا-بارا ساماۋىي تەھىد دىنى ئىسلامنى بۇ شەھەردە دۇنياغا جاكارلىغان. بۇ يېڭى دىننى قەبۇل قىلماغان مەككە كاتتىلىرى بىلەن قاتتىق تىركىشىشلەردىن كېيىن، اللەنىڭ رۇخسىتى ۋە ئەمرى بىلەن 622- يىلى مەدىنە شەھرىگە ھىجرەت قىلغان.
بىر نەچچە يىل مەدىنەدە ياشىغاندىن سوڭ، يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولغان ھەزرەتى مۇھەممەد 630- يىلى شەھەرنى ئۇرۇش قىلماي تەسلىم ئالغان ۋە بۇ يەردە ھەج قىلغان. ۋىدا خۇتبىسىنى بۇ شەھەردە ئوقۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كەتكەن ۋە 632- يىلى مەدىنەدە رىھلەت قىلغان.

خەلىڧەلەر دەۋرى
مەككە خەلىڧەلەر دەۋرىدە سىياسىي جەھەتتىن تېنچ بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈردى. بۇ دەۋىردە سۇ باسقۇنلىرىغا دۇچ كەلگەن كەئبە ئۈچۈن خەلىڧە ئۆمەر بىن خەتتاب ۋە ئوسمان بىن ئەڧڧان زامانىدا سەپەرۋەرلىك بىلەن شەھەرنىڭ يوقىرى قىسىملىرىغا دامبىلار قۇرۇلدى.

ئەمەۋىيلەر دەۋرى
ئەمەۋىيلەر خانەدانى زامانىدا شەھەرنىڭ ئولتۇراق قۇرلۇشى تېزلەشتى. سەللەرنى تىگىنلەش ۋە يۆنىلىشىنى بۇراش ئۈچۈن بۈيۈك قاناللار قازىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەزرىتى ئۆمەر زامانىسىدا باشلىنىپ ۋەلىد 1 زامانىغىچە دەۋام قىلغان قاشالاش خىزمىتى بىلەن كەئبىنىڭ ئەتراڧى چوڭلىتىلدى.
مۇئاۋىيە قۇدۇق قازدۇرۇپ سۇلارنىڭ يىغىلىشى ئۈچۈن كۆلچەكلەر چاپتۇردى. ئۇ قۇرغان سوغىرىش سېستىمى بىلەن تېرىقچىلىققا ماس ئېتىز-دالىلار كۆپەتىلدى.
يەنە 6. ئەمەۋىي خەلىڧەسى ۋەلىد 1 دەۋرىدە (705-715) مەسجىدى ھەرەم پىلانى ھازىرلاندى. بۇ پىلان ئۈچۈن سۇرىيە ۋە مىسىردىن مىمارلار كەلتۈرۈلۈپ كۈنىمىز دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مەسجىد - جامئەسىنىڭ قۇرۇلىشى باشلاندى.
مەككە ئەمەۋىي دەۋرىدە بەئزى مۇھىم سىياسىي ۋاقى.ەلەر بائىس ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. يەزىدنىڭ ناھەقلەرچە خەلىڧە بولىشىنى قەبۇل قىلماغان ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير قارشىلىق ھەرىكىتىنى مەككەدە سۈردۈرگەن. بۇ ھال سۇرىيە قوشۇنىنىڭ ھىجازغا ئىبەرىلىشى ۋە مەككەنىڭ قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىشىغا سەبەب بولغان. ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير بۇ قوشۇننى مەغلۇب قىلغان ۋە قۇماندانلاردىن كۆپىنچىسىنى ئەسر ئالغانىدى. كېيىچە مەككەنى تەكرار قورشاۋغا ئالغان يەزىد قۇشۇنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەبەرىنى ئېلىپ قورشاۋنى بىكار قىلغانىدى.
مەككەدە خەلىڧەلىگىنى ئېلان قىلغان زۇبەيرگە ھىجازنىڭ تامامى ۋە ئىراق ۋە خۇراسان ھۇدۇدلىرىمۇ بەيئەت قىلغانىدى.ئابدۇلمەلىك بىن مەرۋان، ئەمەۋىي تەختىگە چىقار چىقماس، ھەججاج قۇمانداقلىقىدا بۇ قوشۇننى مەككەگە ئىبەردى. زالىملىقى بىلەن ئۈن سالغان ھەججاجنىڭ قۇرشاۋىغا ئالتە ئاي تىركەشكەن مەككە، ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەسلىم بولغان.
747- مىلادى يەمەندىن كەلگەن خارىجىلەر مەككەنى ئىشغال قىلغان. 750- يىلقى ئابباسىي زەربىسى بىلەن مەككە خىلاڧەت بىلەن بىرلىكتە ئابباسىلەرنىڭ قولغا ئۆتكەن.


ئابباسىيلەر دەۋرى
ئابباسىيلەر دەۋرىدە (750-961) مەككىنىڭ ئىدارەسى خانەدان مەنسۇبى كىشىلەرنىڭ قولىدا بولغان. ھارۇن رەشىد، مەككە ئۈچۈن بۈيۈك مەبلەغ ئاجرىتىلغان. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ 9 مەرتە ھەج مەقسەدى بىلەن مەككىگە بارغانلىقى بىلىنمەكتە. مەئمۇن دەۋرىگە كەلگەندە، توغۇلغان مەجبورىيەت نەتىجىسىدە، مەككىنىڭ ئىدارىسى خەلىڧە ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. مەئمۇننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئابباسىيلەر يىمىرىلىشكە باشلىغان ۋە مەملىكەت قالايماقانچىلىققا ئىتتىرىلگەن. ھاكىمىيەتتىن يوقسۇل قالمىش مۇقەددەس زېمىنلار پات - پات قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان.

قارماتىلەر ڧىرقەسىنىڭ تېرورلۇق دەۋرىدە مەككە قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى. 916- يىلىدىن كېيىن ھاج كارۋانلىرىنىڭ يولىنى بېسىۋالغان قارماتىلەر، مەككىگە قىلغان بىر باسقۇنىدا نۇرغۇن ئادەم قەتىل قىلىندى ۋە ھەجەرۇل ئەسۋەدنى يولۇپ بەھرەيىنگە ئېلىپ كەتتى (م. 930). سۇننىي ئىسلامغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشنىڭ مەغلۇب بولىشى نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن قارماتىلەر، ھەجەرۇل ئەسۋەدنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەنلەر.

مىسىردا ڧاتىمىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىدىن كېيىن، ھەزرەتى ئەلىنىڭ پۇشتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ھىجاز رايونىدىكى پائالىيەتلىرى ئارتتى. بۇ ۋاقىتتىن سوڭرە مەككە ئىدارىسى، شەرىڧ دەپ ئاتالغان ھەزرەتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەزرەتى ھەسەننىڭ پۇشتىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قولىدا قالدى. شەرىڧلىكنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن مەككە، نىسبەتەن مۇستەقىل بىر ھايات سۈرۈكە باشلىدى. 994-1039 يىللار ئارىسىدا شەرىڧلىك مەقامىدا بولمىش ئەبۇل ڧۇتۇھ بىر خەلىڧە مىسالى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. شەرىڧلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مەككە روشەن تەرەققىي قىلىپ مەدىنەنى ئېشىپ تۈشتى. بۇ ئارىدا ڧاتىمىلەرنىڭ مەككەگە بېسىم قىلغانلىقى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.


ئوسمان تۈرك دەۋرى ۋە سوڭرەسى

مىسىرنىڭ 1517- يىلى ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزىلىشى بىلەن ھىجاز مىنتىقەسى ئوسمانلى ھاكىمىيىتىگە ئۆتتى. ئوسمانلى پادىشاھلىرى شەھەرنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ۋە شەرىڧلەرنىڭ ھەزرەتى ئەلى پۇشتىن كەلگەنلىكىدىن مەككەنىڭ ئىدارەسىدە بىر ئۆزگەرتىش قىلمىدى ۋە شەھەر شەرىڧلەر ھاكىمىيىتىدە دەۋام قىلدى. ئۇلار بۇ دەۋىردە ساھىب بولغان زېمىنلىرىنى مەككىنى مەركەز قىلغان ھالدا، شىمالدا ھەيبەرگە، جەنۇبتا ھالىگە، شەرىقتە ئىسە نەجد رايونىغا قەدەر كېڭەيىتتى. ئوسمانلى ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مەككە، مەنىۋىي تەرەپتىن ئىگە بولغان مەركەزىيلىك مەۋقى ۋەجدىن دائىما ھۆرمەت ۋە ئىجرائات كۆرگەندۇر. بۇنداي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مىسىر دائىمىي بىر مەنبئە قەبۇل قىلىنغان. بۇندىن باشقا، ئىلىم يۇرتلىرى ۋە دىنىي ئىمارەتلەر ئۈچۈن كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

مۇرات IV دەۋرىدە ھەج مەزگىلىدە چىقارغان مالىماتاڭ يۈزىدىن شىئەلەرنىڭ ھەجگە كېلىشى چەكلەنگەن. بۇ ئەھۋال سۈننى - شىئە توقۇنۇشلىرىنىڭ مەككىگە قەدەر يېيىلىشىنى توغدۇرغان. ڧەقەت ئوسمانلى ۋالىسىنىڭ بۇ ئەمىرنى ئىجرا قىلىش ئىستىكىگە قارشى، مەككە شەرىڧلىرىنىڭ بۇ ئىجرائاتقا يېقىن كەلمىگەنلىكى كۆرۈلمەكتە. مەككە ۋەھھابىيلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىچە، زاۋىي زەيد، زاۋىي بەرەكات ۋە زاۋىي مەسئۇد قاتارلىق شەرىڧلەرنىڭ تۈگىمەس مۇجادىلەلىرىگە سەھنە بولغان.

نەجد رايونىدا كۈچلەنگەن ۋەھھابىيلەر، 1800- يىللاردىن كېيىن مەككە شەھرىنى قىستاشقا باشلىدى. ۋەھھابىيلەر دەستلەبتە تائىڧكە ھۇجۇم قىلدى. ئوسمانلى ۋالىيسى غالىپ ئەپەندى ۋاھھابىي تەھلىكىسىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ئامال چارە قىدىرغان بولسىمۇ بۇ ھەقتە مۇۋاپپەقىيەت قازىنالمىدى. 1803- يىلى، ئەمىر مەسئۇد قۇماندانلىقىدىكى ۋەھھابىيلەر مەككىنى قولغا كىرگۈزدى. مەدىنەدە قىلغانلىرىدەك ئىتىقادىي قاراشلىرىدىن سەبەب بىر مۇنچە ئاشقۇن ھەرىكەتلەردە بولدى. غالىپ ئەپەندى جىددەگە قاراپ چىكىنىشكە مەجبۇر بولدى. جىددەدە ئۆزىگە كېلىۋالغان غالىپ ئەپەندى مەككىنى قايتا ئېلىشقا مۇۋەڧڧەق بولدى. لېكىن، ۋەھھابىيلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى قەبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

ھىجازدىكى ئوسمانلى ھاكىمىيىتىنى قايتا تەئسىس قىلماقچى بولغان سۇلتان مەھمۇد II، مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئەلى پاشانى بۇ ۋەرىڧىگە تەئيىنلىدى(1811).

1813- يىلى جىددىگە كىرگەن مۇھەممەد ئەلى پاشا، غالىپ ئەپەندىنىڭمۇ ياردىمى نەتىجىسىدە مەككىنى ئاسانلا قولغا كىرگۈزدى. ۋەھھابىيلەر قارشى تۇرالمايدىغانلىقى تونۇپ يېتىپ شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. مۇھەممەد ئەلى پاشا، غالىپ ئەپەندىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا جىيەنى يەھيا بىن سارۇرنى شەرىڧ تەئيىن قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلىنىڭ شەرىڧلەرنىڭ ئىشلىرىغا دائىم قول تىققانلىقى كۆرۈلمەكتە. شەرىڧلىك مەقامى ئۈچۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارغا ئىستانبۇلمۇ بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان.

1869- يىلى سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ھىجاز رايونى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشى مۇمكىن بولغان. شەرىڧ ھۈسەيىن ئوسمانلىلارنىڭ كېركسىز بىر شەكىلدە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشىنىڭ ئاقىسىدىن ئىنگىلىزلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ مەككەدە مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. شەرىڧ ھۈسەيىن كېيىنچە ئۆزىنى خەلىڧە دەپ ئېلىن قىلدى. لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم ئېرەن قىلمىغانىدى. ئىنگىلىزلەرنىڭ مەنپئەتلىرى كېرىكى، ھۈسەيىننى تشلاپ ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇدنى قوللىشى نەتىجىسىدە ھۈسەيىن يالغۇز قالدى. ئۇنىڭ 1924- يىلىدىكى ۋەڧاتى بىلەن ئورنىغا چىققان ئوغلى مەلىك ھۈسەيىن پۇت تىرەپ تۇرالماي ئەۋۋەل ئەقەبەگە، ئۇ يەردىن قىبرىسكە قاچتى. مەككىنى راھەت بىر شەكىلدە قولغا كىرگۈزگەن بىن سەئۇد، 1926- يىلى ھىجاز قىرالى ئېلان قىلىندى. كېيىنلا نەجد ۋە باشقا رايونلارمۇ بۇنىڭغا داخىل قىلىندى.

ئورنى تەھرىرلەش

مەككە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىگە، قىزىل دېڭىزنىڭ 80 كلومترچە شەرقىگە جايلاشقان. جوغراڧىيەلىك ئورنى شىمالىي تروپىك سىزىقىنىڭ جەنۇبىغا، شىمالىي كەڭلىك '31°21 ۋە '20°40 شەرقىي ئۇزۇنلۇق ئارىسىغا جايلاشقان. شەھەر تائىڧنىڭ 100 كلومتر غەربى، جىددەنىڭ 80 كلومتر شەرقى ۋە مەدىنەنىڭ 400 كلومېتردىن كۆپراق جەنۇبىغا جايلاشقان.

نۇڧۇسى تەھرىرلەش

جوغراڧىيىلىك ئالاھىيدىلىكى ۋە ئىقلىم تەھرىرلەش

1813- يىلى جىددىگە كىرگەن مۇھەممەد ئەلى پاشا، غالىپ ئەپەندىنىڭمۇ ياردىمى نەتىجىسىدە مەككىنى ئاسانلا قولغا كىرگۈزدى. ۋەھھابىيلەر قارشى تۇرالمايدىغانل

مەنبئەلەر تەھرىرلەش

  1. İbn Kuteybe, Tefsiru Garîbi'l-Kur'an, Beyrut 1978, s.107-108
  2. İbrahim Hasan, Tarihu'l-İslâm, Mısır 1979, I, 45
  3. Abdullah el-Endelûsî, Mu'cemu Ma İste'ceme, Beyrut 1983, I, 269