Open main menu

Wikipedia β

سەئۇدى ئەرەبىستان

‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى.


سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى

المملكة العربية السعودية
El-Memleketü'l-ʻArabiyye es-Suʻūdiyye

Suudi Arabistan

Coat of arms of Saudi Arabia.svg

دۆلەت گربى

Flag of Saudi Arabia.svg
دۆلەت بايرىقى
شۇئارى

"لا إله إلا الله محمد رسول الله"
للەتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد اللەنىڭ رەسۇلى
پايتەخت&ئەڭ چوڭ شەھرى رىياد
تىلى ئەرەبچە
دىنى ئىسلام
ھۆكۈمەت
- پادىشاھ

- ۋەلىئەھد

مۇتلەق مۇنارخيىلىك پادىشاھلىق
سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز

مۇھەممەد بىن نايىڧ

قۇرۇلىشى

سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىقى

1932- يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى
يەر مەيدانى
-سۇ
2,149,690 كلومتر2 (13نچى)
0.7%
نۇڧۇسى

-زىچلىق

29.994.272 جان (43نچى)

12.3جان\كلومېتر2

ئ.ئ.ئۇ.ق
-2013 تەخمىنەن

-كىشى باشى

927,762 مىلىيارد دوللار

31،309 دوللار\كىشى

پۇل بىرلىكى رىيال (SAR)
ۋاقت رايونى ئە.ۋ.ر. UTC+3
قاتناش ئوڭدىن
خەلق.ارالىق تېلېڧون كودى 966+
تور بەت sa.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى, ئاسىيانىڭ غەربىگە، ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتتۇر. غەربىي شىمالدا ئىئوردانىيە، شىمال ۋە شەرقىي شىمالدا ئىراق، شەرقتە كۇۋەيت، قاتار، بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، شەرقىي جەنۇبتا ئۇممان، جەنۇبتا يەمەن، شەرقىي شىمالدا پارس قولتۇغى ۋە غەربتە قىزىل دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. بۇ يەرگە ئىككى مۇقەددەس مەسجىت توپرىغى ھەم دېيىلىدۇ. چۈنكىئىسلام دىنىغا كۆرە مۇقەددەس بولغان ئىككى شەھەر مەككە ۋە مەدىنە بۇ دۆلەتتە يەر ئالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن پارس قولتۇغى ئەللىرىدە بولغانىدەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.

تارىخچەتەھرىر

ئەرەب يېرىم ئارلىلىنىڭ بۈيۈك بىر قىسمىدا مىڭ يىللاردىن بېرى كۆچمەن قەبىلە ھاياتى سۈرۈلۈپ كەلگەن. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 571- يىلى مەككەدە توغۇلىشى، دۇنيا تارىخىدە يېڭى بىر دەۋىر باشلىتىپ، ئەرەبىستاننىڭ ئورنىنى يۈكسەلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەسىي خانەدانىنىڭ، شامنى پايتەخت قىلىشى بىلەن، ئىسلام ئالەمىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى سۇرىيە تەرەپكە قايدى (692). ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ 16. ئەسردىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىدارەسىدە بولدى.

1730- يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان ۋەھھابىي ھەرىكىتى 1745- يىلى سەئۇد ئائىلىسى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى. 1902- يىلى كۇۋەيتتە سۈرگۈندە بولغان ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، رىيادقا قايتىپ يېڭىدىن سىياسىي ئىزدىنىش يولىغا قويۇلدى. ئۇ يىللاردا ئوسمانلى دۆلىتى بۇ ئەھۋالنىڭ قارشىسىدا ئابدۇلئەزىزنىڭ دادىسى ئابدۇرراھماننى رىياد ھاكىمى تەئيىن ئەتتى. بالقان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ رايوندا ئازىيىشىنى پۇرسەت بىلگەن نەجىت ئەمىرى ۋە ۋەھھابىي ئىمامى بولمىش ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇد، ئىدارىي مەركەز بولمىش ھاسا\ئاھسانى قولغا كىرگۈزدى (1913). كېيىنچە 1921-1926 ئارىسى خائىل، مەككە، جىددە ۋە ئەسرنى قولغا كىرگۈزۈپ توپراقلىرىنى كېڭەيىتتى ۋە 1926- يىلى ھىجاز قىرالى، 1931- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان قىرالى (پادىشاھى) ئېلان قىلىندى. 1936- يىلى تۇنجى نېفىت زاپىسىنىڭ بايقىلىشى، ئەمما ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە سالماقلىق بىر شەكىلدە نېفىت قۇدۇغى قېزىلمىغان بولسىمۇ، ئابدۇلئەزىز بىن سەئۇدنىڭ ئۆلىمىدىن (1953) كېيىن، ئورنىغا چىققان ئوغلى سەئۇد بىن ئابدۇلئەزىزدىن ئىتىبارەن ھەم قىرال ھەم باشۋەزىر بولدى، 1964- يىلى سەئۇدىي ئائىلە مەجلىسىنىڭ قارارى بىلەن تەختتىن تۈشۈرۈلدى ۋە ئورنىغا قېرىنداشى فايسال بىن ئابدۇلئەزىز چىقارىلدى (1964-11-02). مەملىكەتنى زامانەۋىيلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن فايسال بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1975- يىلى جىيەنلىرىدىن بىرى تەرەفىدىن ئۆلتۈرۈلىشىدىن سوڭرە، ئورنىغا چىققان ئۇكىسى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز، 1979- يىلى مىسىر - ئىسرائىل تېنچلىق توىتامىغا شىددەت بىلەن قارشى چىقىش بىلەن بىرگە، ئەرەب - ئىسرائىل كېلىشەلمەسلىكىدە مۆتىدىل بىر سىياسەت تۇتتى. خالىد بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 1982- يىلدىكى ئۆلۈمى بىلەن ئورنىغا فەھد بىن ئابدۇلئەزىز ئۆتتى.