ئاسىيا ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق قىتئەسى بولۇپ، غەرىپ تەرەپتە ياۋروپا قىتئەسى بىلەن تۇتۇشۇپ، ياۋروئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنى ھاسىلق قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنى شەرقتە تېنىچ ئوكيان، شىمالدا شىمالى مۇز ئوكيان، جەنۇپتا ھىندى ئوكيان بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىدە ھەرخىل يەرشەكىللىرى بار، يەرشارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا جۇمۇلاڭما چوققىسى، ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىقلار ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان. ئاسىيا دېگىنىمىز قەدىمكى "فىنىكىيە" تىلىدا قۇياش كۆتۈرۈلىدىغان جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ

ئاسىيا
يەر مەيدانى 44,579,000 كلومېتر²

17,212,000 مىل

نۇپۇس 3,879,000,000
زىچلىق 89/km²

226/ مىل

دۆلەتلەر 47
ۋاقىت رايونى UTC+2 (تۈركىيە)

UTC+12 (رۇسىيە)

ئاسىيا قىتئەسى يەرشارىنىڭ شەرقىي يېرىم شارىغا چايلاشقان بولۇپ، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان، جەنۇبتا ھىندى ئوكيان، شەرقتە تېنچ ئوكيان، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىزلارغا تۇتىشىدۇ. شەرقىي- شىمال تەرىپى ئۇرال تاغلىرى، ئۇرال دەرياسى، بۈيۈك كاۋكاز تاغلىرى، بوسپورۇس بوغۇزى ۋە داردانىل ئارقىلىق ياۋرۇپا بىلەن چىگرالىنىدۇ. غەربىي- جەنۇب تەرەپتە، سۇۋەيىش قانىلى ۋە قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. شەرقىي- جەنۇپتا، دېڭىزلار ئارقىلىق ئوكيانىيەدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرەپتە بولسا، بېرىنگ بوغۇزىدىكى 86 كىلومېتىرلىق ئارىلىق بىلەن شىمالىي ئامېرىكىغا ئۇلىشىپ تۇرىدۇ. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مېردىئان كەڭلىكى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، شەرقتىن غەبكە بولغان ۋاقىت پەرقى 11 سائەتكە يېتىپ بارىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 44 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، يەرشارى قۇرۇقلۇقىنىڭ ٪29.4نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى شۈبھىسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىتئە ھېساپلىنىدۇ.

ئاھالە ئەھۋالى

تەھرىرلەش

ئومومىي ئاھالىسى 4 مىليارد بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ٪61نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت دۇنيا بويىچە ئاھالىسى بىردىنبىر بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان ئىككى دۆلەت ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، ھىندونېزىيە، پاكىستان، ياپونىيە ۋە بېنگال قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاھاسىمۇ 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. سىنگاپورنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە 45 مىڭ ئادەم توغرا كېلىدۇ. موڭغۇلىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە ئاران 1 ئادەم توغرا كېلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستام، ئومان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بولسا، ھەر كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە 5-7 ئادەم توغرا كېلىدۇ.

ئاسىيادىكى ئېرق ۋە مىللەت تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ. ئاساسلىقى سېرىق تەنلىكلەرنى (موڭغۇللوئىد ئېرقى) ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاسىيا ئومومىي ئاھالىسىنىڭ ٪60نى ئىگىلەيدۇ. قالغان قىسىمىنى ئاق تەنلىك، قوڭۇر تەنلىك ۋە ئارىلاشما تەنلىكلەر ئىگىلەيدۇ. ئاسىيادا تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا چوڭ- كىچىك قەۋىم- مىللەتلەر دۇنيادىكى ئومومىي قەۋىم- مىللەتلەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار چىن-تىبەت تىللىرى، دراۋىد تىللىرى، ئاۋسترو-ئاسىيا تىللىرى، ئالتاي تىللىرى، ياپۇن تىلى ۋە كورىيان تىلى (بۇ ئىككى تىلنىڭ سېستىما تەۋەلىكى ئېنىق بېكىتىلمگەن)، مالاي- پولېنىزىيە تىللىرى، ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرى ۋە سام- ھام (ئافرو- ئاسىيا) تىللىرى سېستىمىلىرىغا تەۋە بولغان 2197 خىل تىلنى سۆزلىشىدۇ.

تەبئىي شارائىتى

تەھرىرلەش

ئاسىيا قىتئەسىنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 69 مىڭ 900 كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز قىرغىقى دۇنيادىكى بويىچە ئۇزۇن قىتئە ھېساپلىنىدۇ. يېرىم ئارال ۋە ئاراللار كۆپ. ئەرەب يېرىم ئارىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال. ھىندونېزىيىدىكى كالىمانتان ئارىلى دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى چوڭ ئارال ھېساپلىنىدۇ. ئاسيانىڭ يەر شەكلى تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئىگىز. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 950 مېتىر بولۇپ، ئانتاركىتا قىتئەسىدىن قالسىلا، دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز قىتئە ھېساپلىنىدۇ. تاغلىق ۋە چوققىلىقلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. تاغلىق، ئىگىزلىك ۋە تۆپىلىك رايونلار ئومومىي قىتئەنىڭ 4/3 قىسىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا قىتئەسى پامىر ئىگىزلىكىنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئەتراپىغا قاراپ ئىگىز تاغ تىزمىلىرى چەكىللەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى ھىمالايا تاغ تىزمىسىدۇر. ئىگىزلىكى 8000 مېتىر كېلىدىغان چوققىلار ھەممىسى قاراقۇۇرۇم تاغلىرى بىلەن ھىمالايا تاغلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى جومۇلاڭما چوققۇسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىگىز چوققا ھېساپلىنىدۇ. "دۇنيانىڭ ئۆگىزىسى" دەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن جاي بولغان "ئۆلۈك دېڭىز"مۇ (دېڭىز يۈزىدىن 400 مېتىر تۆۋەن) ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان. ئاسىيا قىتئەسىگە دۇنيا بويىچە يانار تاغلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇنيادىكى يانار تاغلار ئەڭ كۆپ رايون ھېساپلىنىدۇ. شەرقىي قىسىمدىكى ئاراللار، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسىملىرىدە يەر تەۋرەش كۆپ بولىدۇ. ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دەريا- ئېقىنلار ئوتتۇرا قىسىمدىكى تاغلاردىن باشلىنىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا تېنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانلارغا قۇيۇلىدۇ. ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريا چاڭجياڭ دەرياسى (يېشىل دەريا) بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6397 كىلومېتىر، ئۇنىڭدىن قالسا خۇاڭخې دەرياسى (سېرىق دەريا)، ئۇزۇنلۇقى 5464 كىلومېتىر، ئۈچىنچى ئورۇندىكى مېكوڭ دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا 4500 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا "سىر دەرياسى" بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئامۇ دەرياسى بىلەن تارىم دەرياسى. بايقال كۆلى (بايكۆل) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر كۆل ھېساپلىنىدۇ.

ئاسىيا قىتئەسى كۈچلۈك بولغان قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا ئىگە بولۇپ، سوغۇق، مۆتىدىل ۋە ئىسسىق بەلۋاغلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شىمالدىكى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرى سوغاق ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، سىبرىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ھاۋا كىلىماتىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى تېنچ ئوكيان يانداش ئوتتۇرا مېردىئان رايونلىرى مۇسسون شامىلى ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، جەنۇبقا سۈرۈلگەنسېرى سۇپ- تروپىك ئورمانلىق ھاۋا كىلىماتىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرى تروپىك (ئىسسىق) بەلۋاغ ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ئېكۋادور ئەتراپى كۆپىنچە ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمان ھاۋا كىلىماتىغا مەنسۇب بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى قۇملۇق ۋە ئوتلاق ئىقلىمىغا تەۋە بوۇپ، غەربىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرى سۇپ- تروپىك ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ.

تەبىئىي بايلىقى

تەھرىرلەش

ئاسىيا قىتئەسىدە كان بايلىقلىرى مول، تۈرى كۆپ، زاپاس تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، نېفىت، قەلەي، ۋولفرام، سۈرمە، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، مانگان، ماگنېزىت، ئالتۇن، گرافىت (سۈرمە تاش) ۋە خروم قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە نېفىت، ماگنېزىت، سۈرمە ۋە تۆمۈرنىڭ زاپىسى ھەر قايسى قىتئەلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. خروم كانىنىڭ زاپاس مىقدارى دۇنيا ئومومىي زاپىسىنىڭ ٪60تىن كۆپىرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئورمان كۆلىمى دۇنيا ئومومىي ئورمان كۆلىمىنىڭ ٪13نى ئىگىلەيدۇ. ئىشلەتكىلى بولىدىغان سۇ كۈچى بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول. دېڭىز قىرغىقى بېلىقچىلىق رايونلىرى دۇنيانىڭ ئومومىي دېڭىز بېلىقچىلىق رايونلىرىنىڭ ٪40نى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىغا جايلاشقان.

ئىقتىسادى ئەھۋالى

تەھرىرلەش

قەدىمكى زاماندا، ئاسىيالىقلار پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىلمىي كەشپىياتلىرى، تەرەققىي قىلغان يېزا- ئىگىلىكى ۋە قول- ھۈنەرۋەنچىلىكى ئارقىلىق، دۇنيا ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. 16-ئەسىردىن كېيىن، غەرب مۇستەملىكىلىرى ۋە جاھانگىرلىكىنىڭ ئۈلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىقى ئارقىسىدا، ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىقتىسادى ئېغىر زىيانغا ئۇچىرىدى، ھەمدە مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا بولدى. نۆۋەتتە، ياپۇنىيەدىن باشقا، كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى "تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت" قاتارىغا كىرىدۇ. يېزا- ئىگىلىك بولسا ھەر قايسى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىگىلىكىدە مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەت ئاساسى ئاجىز، لېكىن كان قېزىش ۋە يېزا- ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپلىرى بىر قەدەر ئىلغار.

رايونلارغا بۆلىنىشى

تەھرىرلەش

مەنبەلەر

تەھرىرلەش