دۇنيانىڭ بەش چوڭ ئوكيانى
تېنچ ئوكيان · ئاتلانتىك ئوكيان · ھىندى ئوكيان
جەنۇبىي مۇز ئوكيان · شىمالىي مۇز ئوكيان

تېنچ ئوكيان ياكى بۈيۈك ئوكيان، ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ئوكيانۇسىيە قىتئەلەرى ئاراسىدا ۋە دۇنيادا ئەڭ بۈيۈك ئوكياندۇر. خەلقئارادا پاسىفىك ئوكيان دەپ ئاتىلىدۇ كى، بۇ ئىسىم ئىسپانىيە قراللىقىغا ۋاكالەتەن دۇنيانى ئايلانغان پورتۇگال دېڭىزچىك فەردىناند ماگېللان تەرىپىدىن بېرىلگەن. ماگېللان، كۈنلەرچە دەۋام قىلغان بوران چاپقۇنلۇق شارائىتتىن سوڭرە ماجېللان بوغۇزى دەپ ئاتىغان يەردىن ئۆتۈپ بۇ ئوكيانغا كىرگەندە، بوران چاپقۇن توختاپ، تېپتىنىچ سۇلارغا قاۋۇشقانلىقىدىن پورتۇگالچە "تېنچ" مەنىسىدىكى "Pasifico" سۆزلۈكىدىن يولغا چىقىپ بۇ ئىسىمنى بەرگەن.

تېنچ ئوكيان

179.7 مىلىيون كلومېتر2 يۈز ئۆلچىمىگە ئىگىدۇر. تەخمىنەن ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئومۇمىي يۈز ئۆلچىمىگە تەڭ كېلىدۇ.

ئەڭ چوڭقۇر يېرى 11.034 مېتر بىلەن مارىياننا ئويمانلىقى بولۇپ، بۇ يەر شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدۇر. ئەڭ ئاۋات ئارال تاھىتى ئېرۇر. شۇنداقلا دۇنيادىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ 90% ى ۋە چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ 80% ى تېنچ ئوكيان رايونىدا يۈز بەرمەكتە. بۇنىڭ سەبەبى، بۈيۈك ئوكياننىڭ بەك چوڭقۇر بولىشىدۇر. ھەجىمى 708 مىلىيون كلومېتر كۇب بولۇپ قاپلىغان مەيدانى يەر يۈزىدىكى ئومۇمىي قۇرۇقلۇقلاردىنمۇ چوڭراق ئېرۇر.

تېنچ ئوكياننىڭ 3.000-3.500 مېتردىنمۇ چوڭقۇر ھەر يېرىدە ئىسسىقلىق 2 °C گرادوسنىڭ ئاستىدا.

تېنچ ئوكياندا چوڭ كىچىك 20 مىڭ ئارال باردۇر. بۇنىغا قارىماي توپلام يۈز ئۆلچىمىنىڭ 1% چىلىك قىسمى قۇرۇقلۇقتۇر. ياپونىيە، ھىندونېزىيە ۋە يېڭى گىنە ۋ.ب ۋولقانىك ئاراللار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللار "ئوت چەمبىرى" دەپ ئاتىلىدۇ.