سۇرىيە
- قاراڭ/Qarang/қараң: ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسى/Uyghur latin élipbesi/уйғур латин елипбәси, [[{{{2}}}|ئۇيغۇر كىرىل ئېلىپبەسى/Uyghur kiril élipbesi/уйғур кирил елипбәси]]
سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى الجمهورية العربية السورية | ||||||||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
سۇرىيە (ئەرەبچە:الجمهورية العربية السورية) ياكى رەسمى ئىسمى سۇرىيە ئەر جۇمھۇرىيىتى، ئاسيا قىتئەسىدە، ئوتتۇرا شەرقتە لىۋان، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە تۈركىيە بىلەن قوشنا بىر ئەلدۇر. غەربىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى باردۇر. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى دەمەشىق (شام). رەسمىي تىلى ئەرەبچە. سۇرىيەنىڭ توپلام نۇڧۇسى 2004- يىلى 17 مىلىيون 921 مىڭ كىشىدۇر[1]. خەلەب، لازكىيە، ھۇمۇس باشقا چوڭ شەھەرلىرىدىندۇر. 1963- يىلىدىن بېرى سۇرىيە بااس پارتىيىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. دەۋلەت باشىدا 1970- يىلىدىن بېرى ئەسەد ئائىلىسىدىن بىرى ۋەزىپىدە بولماقتا. سۇرىيەنىڭ مەۋجۇد ئەلباشى، 1970-2000 ئارىسى باشقۇرغان ھاڧىز ئەسەدنىڭ ئوغلى بەشەر ئەسەدتۇر. 2011- يىلىنىڭ مارت ئېيىدا ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن دۇلقۇندىن ئىلھاملىنىپ كوچىغا چىققان نامايىش ئۇيۇشتۇردى. خەلقنىڭ ئىسلاھات تەلەبى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ ئۆلۈمى نەتىجىسىدە مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى باشۋەكىللىكىدىكى ھۆكۈمەت 2011- يىلى 29- مارت كۈنى ئىستىڧا ئەتتى. مۇھەممەد ناجى ئەل ئوتارى، ھۆكۈمەت قۇرۇلغانغە قەدەر بەشەر ئەسەد تەرىپىدىن ۋاقىتلىق باشۋەكىل ئاتاندى. شۇ كۈنى باشتا پايتەخت دەمەشىق ۋە باشقا شەھەرلەردە ئونمىڭلىغان خەلق ھۈكۈمەت تەرەپتارى نامايىشلار ئۆتكۈزدى[2].