ئابلىكىم تۇردى
ھازىرقى ئورنىشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
مىللىتىئۇيغۇر
خىزمىتىئەدەبىي تەرجىمان، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، شائىر

ئابلىكىم تۇردى _ ئۇيغۇر تەرجىمان شائىر.

ھاياتى تەھرىرلەش

ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئابلىكىم تۇردى 1936- يىلى ئىيۇلدا ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ مەشھەد يېزىسىدا بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950- يىلى مارتقىچە ئۇچتۇرپاندا دىنىي مەكتەپتە ۋە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان؛ كېيىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە، غۇلجا شەھەرلىك رۇسچە- خەنزۇچە تىل كەچ كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئابلىكىم تۇردى 1950- يىلى ئۇچتۇرپاندا خىزمەتكە قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ياشلار ئىتتىپاقى كومېتېتى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق ياشلار ئىتتىپاقى كومېتېتدا، 1957- يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتېتىنىڭ «شىنجاڭ ياشلىرى گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈملىرىدە مۇھەررىر، تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1983- يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئىجادىيتى تەھرىرلەش

ئابلىكىم تۇردى 1956- يىلىلا ئەدەبىي تەرجىمىگە كىرىشكەن بولۇپ، ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ «لى داجاۋ»، «سادا»، «ليۇ خۇلەن» قاتارلىق 5 داستان، 300 پارچىدىن ئارتۇق جۇڭگو- چەتئەل شېئىرلىرىنى، «كۆكۈيۈن سەرگەردانلىقتا»، «يەتتە مىنۇتلۇق كېچە»، «غەلىتە ئىنسان»، «ئاخىرقى ۋەسىيەت» قاتارلىق رومانلارنى؛ «شاھ بولۇش كويىدا يۈرگەن ئادەم» قاتارلىق بىر نەچچە پوۋېستنى؛ «ئېغىر مىنۇتلاردا قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىنى؛ «قار- مۇز ئۈستىدە كۈرەش» قاتارلىق ئۈچ پارچە ئوچېرىك توپلىمى؛ «ياشلىقىڭىزنى قەدىرلەڭ» قاتارلىق ئىلمىي تەربىيىۋى كىتاب- ماقالىلەرنى ۋە «جەنۇبىي ئاسىيا چۆچەكلىرى» قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر توپلاملارنى تەرجىمە قىلغان.

«قىساسكار»، «پارس مەكتۇپلىرى»، «ئاللاھنىڭ زېمىنى»، «ئانا تۇپراق»، «بېشى يوق چەۋەنداز»، «غەسسان قىزى»، «ئالپامىش»، «شائىرنىڭ ئۆلۈمى»، «مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت»، «مەشھۇر زاتلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغان ھېكايىلىرى»، «ئاجايىپ قاچقۇن»، «لياچ جەي رىۋايەتلىرى»، «ھارام»، «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى»، «خەلق ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «ئاي غۇۋا، قۇشلار بىناۋا»، «بىيۇگ ژارگال»، «سىقىلغان يۈرەك»، «چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تۆت چوڭ غەلىتە دېلو»، «دۇفۇ شېئىرلىرى»، «مۇقام تۆھپىكارلىرى»، «جىنايەت ۋە نەپرەت»، «نىقاب» قاتارلىق 60 پارچىدىن ئارتۇق رومان، پوۋېست، چۆچەك، رىۋايەتلەر توپلىمىنى تەھرىرلىگەن.

ئابلىكىم تۇردى ياش چاغلىرىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ 1951- يىلى «لۇتپۇللا ئاكا» دېگەن شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلىنغان ۋە «بىر كۇپلېتلىق شېئىرلار» ناملىق توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.

ئابلىكىم تۇردىنىڭ «ئەدەبىيات ۋە مۇناسىۋەت» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى، «بىر كۇپلېتلىق شېئىرلار» ناملىق بىر گورۇپپا شېئىرى، «چىرىتىس» ناملىق تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبە تەھرىرلەش