ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلاپچى ۋە شائىر ئابلىمىت بارات ( ياكى ئابلىمىت ئۇيغۇر ، ئابدۇلھەمىت بارات، ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر ) 1972- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى يەركەننىڭ  ئودانلىق يېزىسىدا  بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2023-يىلى 7-ئايدا 29-كۈنى ئىستانبۇلدا ( سۇيىقەست بىلەن ) ۋاپات بولدى.

ئابلىمىت بارات
ئابلىمىت بارات

تۆۋەندە ئۆزى يازغان قىسقىچە تەرجىمھالى:

مەن ئابلىمىت بارات،  1972- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى يەركەننىڭ  ئودانلىق يېزىسىدا  بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، ۋە خىتاي كومپارتىيە پاشېستلىرىنىڭ زۇلمى ۋە دېكتاتۇرلىغى ئاستىدا چوڭ بولدۇم.

1979-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇدۇم،

1990-يىلى5-ئايدا شەرقى تۈركىستاننى خىتاي كومۇنىست جاللاتلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇپ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتىدە بىرنەچچە دوستۇم بىلەن «شەرقى تۈركىستان غازاتچىلار پارتىسى»نى قۇرۇپ بەزى يىغىن ۋە پائالىيەتلەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقمىز ئۈچۈن ،خىتاي كومىنىست فاشستلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلاندىم ۋە بىر يېرىم يىلدىن كىيىن تۈرمىدىن قېچىپ كەتتىم.

1993-يىلنىڭ ئاخىرى خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن تەكرار تۈرمىگە تاشلاندىم، ۋە خىتاي كومۇنىست جاللاتلىرى تەرىپدىن20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندىم،

بىزنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، مەن1-تۈرمىگە بىركىرگىنىمچە 17 يىل تۇتقۇندا قالدىم، بۇ جەرياندا شەرقى تۈركىستاننى جاللات خىتايلارنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلغان 500 گە يېقىن قەھرىمان ئەزىمەتلەر بىلەن تونۇشتۇم، ھەمدە ئۆزلىگىمدىن ئالى مەكتەپ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر تىلى لوگىكا، يېزىقچىلىق بىلىملىرى قاتارلىق پەنلەردىن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئۆتتۈم.

مەن قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 20 يىل 8 ئاي زۇلۇم تارتىپ 2012-يىلنىڭ ئاخىرى (چۈنكى خىتاي كومۇنىست جاللاتلىرى ماڭا تۈرمە قانۇنى ۋە تۈزۈملىرىگە بويسۇنمىدى دەپ باھانە كۆرسىتىپ 1 يىل قاماق مۇددىتى قوشۇپ قويدى.) ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قوغدىشى ۋە ساقلىشى بىلەن خىتاي كومۇنىست فاشىستلىرىنىڭ زۇلۇم زىندانىدىن سالامەت چىقتىم.

مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن قارىسام خىتاي كومۇنىست جاللاتلىرىنىڭ مەزلۇم شەرقى تۈركىستان خەلقىگە سېلىۋاتقان زۇلۇم-كۈلپەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە كۈچىيىپ ئىنسان چىدۇغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىشىپتۇ، مەن ئۇ زۇلۇمغا كۆزيۇمۇپ ياشاشنى ئەسلا قوبۇل قىلالمىدىم، شۇ سەۋەپتىن ۋەتەن ۋە خەلقنى بۇ قۇللۇق-ئاسارەتتىن ئىبارەت خارلىقتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنى تېپىش مەقسىتىدە ئەزىز ۋەتەن شەرقى تۈركىستاندىن چەتئەلگە ھېجرەت قىلىپ 2014-يىلى11-ئايدا قاچاق يوللار ئارقىلىق ۋېيتنام، كامبودجا، تايلاندلاردىن، يوشۇرۇن ئۆتۈپ مالايسىياغا ۋە ئەڭ ئاخىرى تۈركىيەگە سالامەت كەلدىم.

تۈركىيەگە كەلگەندە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىسمىمنى ئابدۇللاھ ئابدۇرراىمان دەپ يازدۇردۇم، لېكىن شۇنداقتىمۇ خىتاي جاسۇس لىرىنىڭ تۆھمەت ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنالمىدىم نەچچە قېتىم تەھدىت ۋە قەستلەشلەرگە ئۇچرىدىم، ۋە دائىش دىگەن تۆھمەت بىلەن چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش مەركىزىگە قامالدىم،  بۇ جەرياندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلمىنى تەسۋىرلەيدىغا ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىىمى يېزىپ چىقتىم، ئەمما كىملىكىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن قانۇنلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلالمىدىم كىتاپلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: "قوزغال ئەھلى تۈركىستان" ۋە "ئاتلان شەرقىي تۈركىستان". تېخى بىر ئاي بولدى يەنە چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇختۇرۇشىنى بېرىپ 15 كۈن ئىچىدە تۈركىيە چىگرىسىدىن چىقىپ كېتىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى، لېكىن قولۇمدا ئىنسانى ئىقامەتتىن باشقا پاسپورت بولمىغاچقا ھېچيەرگە كېتەلمىدىم.

ئابلىمىت باراتنىڭ ئابدۇكېرىم ئابدۇۋېلى ئۈچۈن يازغان مەرسىيەسى:

مەرسىيە

ئەي كېرەم قارىم ياشىدىڭ گويا مەشئەلدەك نۇرچېچىپ،

توختىماي ئىلگىرلىدىڭ دولقۇن يېرىپ، داۋان ئېشىپ.‏

پەس، قانخور، جاللات خىتايدىن ھەرگىزمۇ قورقۇپ قالمىدىڭ،

بىر ئۇيغۇر مۇئمىنلىگىڭنى ئىسپاتلىدىڭ جاندىن كېچىپ.‏

كۆپ تېرىشتىڭ ئۇيغۇرۇمنى غەپلەتتىن ئويغاتماق ئۈچۈن،

بۇ زۇلۇم-قۇللۇققا قارشى خەلقىمنى قوزغاتماق ئۈچۈن.‏

يانمىدىڭ ئەسلا يولۇڭدىن ياتساڭمۇ ياۋ زىندانىدا،

ھەق بىلەن-قۇرئان بىلەن باتىلنى قورقاتماق ئۈچۈن.‏

بولساڭمۇ خىتايغا ئەسىر ھەرگىز ئاڭا باش ئەگمىدىڭ،

تىك تۇرۇپ ئىگىلمىدىڭ قۇللۇققا سەن تەن بەرمىدىڭ.‏

يىگىرمە يەتتە يىل ياتتىڭ قانخور خىتاي زىندانىدا،

ھەق بىلىپ باسقان يولۇڭدىن چېكنمىدىڭ-ۋازكەچمىدىڭك. ‏

كۆپ قىينىدى زالىم خىتاي يولۇڭدىن ياندۇرماق ئۈچۈن،

مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىن، ئاللاھتىن تاندۇرماق ئۈچۈن.‏

لېكىن سەن گويا پولاتتەك ماڭغان يولۇڭدىن يانمىدىڭ،

شۇ ئۇستاز ئەللامىدەك ‏ شانلىق ئىز قالدۇرماق ئۈچۈن.‏

غەيرىتىڭ-ساداقىتىڭدىن مات بولدى خىتاي ئاخىرى،

سەندىكى سۇنماس ئىشەنچ-ئىماننى كۆرگەندىن بىرى.‏

ئاللاھ ئاتا قىلسۇن پۈتۈن مۈئمىنگە سەندەك چىن ئىمان،

ھەقلىق بىز دىيىشكە سېنى ئەللامە-ئالىمنىڭ پىرى.‏

ئاخىرى بولدۇڭ شەھىد ھەقتە- ئىسلامدا چىڭ تۇرۇپ،

چىن ئىمان ساداقىتىڭ تۇرغاچقا ھەردەم جۇش ئۇرۇپ. ‏

غايىبانە نامىزىڭنى قىلماققا جەم بولدۇق بۈگۈن،

شۇ جۇدالىق ئايرىلىشتىن ئازاپلىنىپ ھەم قايغۇرۇپ.‏

ئەي ئۇستاز شاھادىتىڭنى قىلسۇن قوبۇل پاك رەببىمىز،

ساڭا ھەقتىن پىردەۋىس تىلەپ دۇئا قىلماقتا بىز.‏

چۈنكى سەن كەتسەڭمۇ بۇ پانى ئالەمدىن كۆز يۇمۇپ،

ئۇنتۇماس ھەرگىز سېنى ئەسلەر دۇئادا خەلقىمىز.‏

ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر 2018- 12 -6‏


مەنبەلەر

تەھرىرلەش