<ئۇرخۇن - يەنسەي مەڭگۈ تاشلىرى> غا پۈتۈلگەن نەسەب ۋە قاغانلار ئىش ئىزلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى، ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدىن باشلاپ ئابىدە تىكلەشكە ئادەتلەنگەن، كېيىنكى دەۋرلەردە يەنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ قەبرە قاتۇرۇش ئەۋج ئالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تاش پۈتۈك مەر سىيىلىرى كاھىش ۋە مەرمەر قەبرە - گۈمبەزلەرگە پۈتۈلگەن.

ئۇيغۇرلاردا قەبرە قاتۇرۇش ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، ئۆز ئاتا - ئانا، ئەجداد - ئەۋلادلىرىغا ئىزنا قالدۇرۇش، ئىككىنچىسى، ئۇلۇغ خاقان ۋە ئالىملار، باتۇرلار، مۇدەرىسلەر قاتارلىق ئاتاقلىق زاتلارنىڭ نامىغا ئاتاپ، ھەيۋەتلىك گۈمبەز ۋە خاتىرە مۇنارى تىكلەشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادىنىڭ قەبرىسىگە ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىسقىچە شەجەرىسى ۋە نامۇ شەرىپىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئاتاقلىق شەخس، ئۇلۇغۋار زاتلارنىڭ مەقبەرىسىنى ئالاھىدە ھەشەمەتلىك قىلىپ كۆك - يېشىل گۈمبەزلەر تۇرغۇزۇپ بېزەش بىلەن، ئۇلارنىڭ نەسەبلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن تاشقىرى، مەرسىيىلەرمۇ پۈتۈلىدۇ ۋە ئۇ جاينى مەرھۇمنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن سەيلە - تاۋاب ئورنى قىلىدۇ. بۇنداق جايلار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، خوتەندە <كوممارم>، ئىلىدا <خونغاي مازار>، <سۇلتان ئوۋەيس>، <تۇغلۇق تۆمۈرخان>، يەكەندە <ئالتۇنلۇقۇم>، مەكىتتە <چىلتىرخان> قەشقەر كونا شەھەر قوغان يېزىسىدا [[<قارا ساقال ئاتام]]> (ھارۇن بۇغراخان)، <ئوسمان بۇغراخان>، قەشقەر شەھىرى تار بوغۇزدا <ھۈسەيىن ئىبنى خەلەپ> (ھۈسىيىن پەيزۇللاغوجام)، قەشقەر شەھىرىدە <يۈسۈپ قادىرخان>، <يۈسۈپ خاس ھاجىپ>، ئوپالدا < ھەزرىتى موللام> (مەھمۇت قەشقەرى)، قەشقەر شەھىرى تاربوغۇزدا <سىيىت ئەلى ئارسىلانخان> (ئارسلان خېنىم)، ئاتۇشتا <ھەسسۇلتىنىم> (سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان)، تۇرپاندا <ئەسھا بولكەپ>، <سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىسى>، ئۇچتۇرپاندا <يەتتە قىزلىرىم> قاتارلىق يۈزلىگەن تارىخىي ئابىدىلەر ۋە خاتىرە قەبرىلىرى تاۋاپ قىلىنىدۇ. مۇنداق مازار - ماشايىخلارنى تاۋاپ قىلىشنىڭ گەرچە دىنىي تۈسى قويۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بولغان بىر خىل ئادەت سۈپىتىدە سەيلە ۋە مۇراسىم شەكلىنى ئالغان. مەسىلەن، بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ئودام چۆلىدە شېھىت بولغان ئارسلان خاننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر يىلى 6 - ئايدا يۇرت - يۇرت بويىچە نەچچە تۈمەن ئادەم ئوردامغا تاۋاپقا كېلىدۇ. بىر قانچە كۈن بۇ چۆلدە تۈنەپ ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تار بوغۇز يېزىسىغا ئورنىتىلغان <ئارسلان خېنىم مازىرى> غا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتۇشتىكى <ھەسسۇلتىنىم مازىرى> غا تاۋاپ قىلىپ، <ئوردىخېنىم سەيلىسى> نى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. خوتەندىكى <كوممارم> سەيلىسىمۇ ئاشۇنداق ھەشەمەتلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرە قاتۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق: ئۇيغۇرلار قەبرىنى ئىچ گۆر، تاش گۆر قىلىپ كولايدۇ، تاش گۆر بىر يېرىم مېتر چوڭقۇر بولىدۇ، ئاندىن يان تەرەپتىن ئىچ گۆر قازىدۇ. جەسەت ئىچ گۆرگە قويۇلىدۇ. جەسەت قويۇلۇپ بولغاندا ئىچ گۆرنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش گۆرىنى كۆمۈۋېتىدۇ. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ھەر بىر تاش گۆردىن تۆت گۆر كولايدۇ. ئۇنى <شام گۆر> دەپ ئاتايدۇ، جەسەت ياتقان يەرنىڭ ئۈستىگە سەكسەن سانتىمېتر كەڭ، بىر يېرىم مېتر ئۇزۇن، قىرىق سانتىمېتر ئېگىزلىكتىكى سۇپا ياساپ ئىككى پەلەمپەي سۇپا قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبرە قاتۇرىدۇ، <شام گۆر> كۆپىنچە ھال ئوقىتى ياخشىراق، نەسەبلىك ئائىلىلەر تەرىپىدىن ئالدىن كولاپ تەييارلىنىپ قويۇلىدۇ. ئۇ پەقەت بىر ئائىلە كىشىلىرىگە خاس بولۇپ، شۇ ئائىلىدە قازا تاپقانلار ئىلگىرى - كېيىن ئۆزىگە تەئەللۇق شام گۆرگە دەپنە قىلىنىدۇ. شام گۆرنىڭ ئۈستىگە گۈمبەز قاتۇرۇلىدۇ.

ئادەتتە ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئەرلەرنىڭ قەبرىسىگە قارىغاندا كىچىكرەك (ئۈچتىن بىر نىسبەتتە) قاتۇرۇلىدۇ. ئەرلەرنىڭ قەبرىسىنىڭ سۇپا پەلەمپىيىدىن باشقا يەنە ئىككى قاتار پەلەمپىيى (بۇلارنىڭ چوڭى تالالىق، كىچىكى ئۆيلۈك، قاتۇرۇلغان قەبرە بۆشۈك دەپ ئاتىلىدۇ) بولىدۇ. ئاياللار قەبرىسى ئۈچ پەلەمپەيلىك بولۇپ، بۇلار ئۆيلۈك، سۇپرا، ئاشتاختا، نوغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇنداق شەكىل ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، ئەر - ئاياللارنىڭ قەبرىسى روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. (ش)