ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى

ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى1944 - يىلى 17 - نويابر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئورگان گېزىتى بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، رۇسچە ۋە خىتايچە (خىتايچىسى ئەركىن شەرقىي تۈركىستان نامىدا) تۇنجى سانى چىقىرىلغان.[1]

ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى 1946 - يىلى، بېتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىشقا كىرىشكەندە مەزكۇر گېزىت «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەم ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، شېۋە، موڭغۇل ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.[2]

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ليۇ زىشىياۋ، ئۇيغۇرلار تارىخى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003، ISBN 7-228-08108-0, بەت 1515
  2. «تارىخ ۋە بۈگۈن» 25-دېكابىر. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2011 - 25 - دېكابر