ئاچنۇر خاتىرلىرى

ئاچنۇر خاتىرلىرى تور بىلوگى بۇلۇپ ئاتاقلىق تەتقىقاتچى، پەخىرلىك دوكتۇر قۇربانجان باراتنىڭ شەخسى تورتۇراسىدۇر. ئورگان تور مەنزىلى: https://achinuq.org/

ئۆز بايانى تەھرىرلەش

ھىسابتا بۇ مىنىڭ ئۈچىنچى بلوگىم بولۇپ قالدى. ئەڭ دەسلەپتە Blogger سۇپىسىدىن باشلىغان، كىيىن ۋەتەندە ئىچىلماس بولۇپ قاپتۇ دەپ، بلوگباسقا كۆچتۈم. كىيىنچە بلوگباسنى ئېلانغا توشتۇرۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن چىدىماي بۇ بوشلۇققا ئۈزەم نام ئىلىپ ۋوردپرەس ئاساسىدا قۇرۋالدىم (ۋوردپرەس سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كىلۋاتقان قېرىنداشلارغا سەممى رەھمىتىم بار!!!).

بۇ بلوگ ئۇسلۇبىنى ۋوردپرەس ئۆزى تەمىنلىگەن Twenty Ten ئۇسلۇبى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىقتىم. ئۈستۈدىكى رەسىمنى ۋەتەندىكى دەم ئىلىشىمدا مەھەللىدە تۇرۇپ تارتقان سۈرەتلەردىن تاللاپ Gimp دېتالىدا بىرلەشتۈرۈپ ياسىۋالدىم. ئوڭ تەرەپتىكىسى خان تەڭرى چوققىسى (7010 مىتېر ئىگىز). سول ياندىكى رەسىم كانىۋاي كۆڭلەككە چۈشۈرۈلگەن نەقىشنى Inkscape دېتالىدا ياساپ قوشۇپ قويدۇم. ئامال بار ئاددى ئىشلىدىم، سەۋەب، ئاددى بولغاندا بەتنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى تىزىراق بولىدۇ.

بلوگ ئىسمى ئاچىنۇق، بۇ ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئانا-تەرەپ جەمەتىمىزنىڭ بۇرۇن ياشىغان يۇرت نامى. oghuzkb بولسا توردىكى ئىسمىم. بۇ نامنى ئەڭ دەسلەپتە Allempires.com دا قوللانغان، 2005-يىلدىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.

مەنبە تەھرىرلەش

ئاچنۇر بىلوگى