ئىسمايىل ھاجى

(1867-1950)

خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكەن تونۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات ئىسمايىل ھاجى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى ئەدىبتۇر . گەرچە ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ توپلام قىلىپ قالدۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا <<يېغىۋىلىش>>قا ئۇچراپ خېلى كۆپ قىسمى نابۇت بولغان ۋە يوقالغان . شۇنداقتىمۇ شائىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغان شېئرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل مېراسلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ .