بىسمىللاھ ھەر ئىشنىڭ بېشىدۇر. ئەركىنلىك ئىماندۇر. جاھالەتنى ئىلىم بىلەن، يوقسۇللۇقنى ھۈنەر مەرىپەت بىلەن، ئىختىلاپنى بولسا بىرلىك باراۋەرلىك بىلەن تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئۇلۇغلۇق ۋە كۈچ-قۇدرەت ئاللاھقا خاستۇر، بىر ئاللاھقىلا بويسۇنىمىز. بىسمىللاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر. بىسمىللاھ ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر، بىز ئىشىمىزنى بىسمىللاھ دەپ باشلايمىز. بىسمىللاھ تۈگىمەس پۈتمەس قۇۋۋەت، تۈگىمەيدىغان بەرىكەت. قورقماڭلار، بىسمىللاھ دەڭلار. بىسمىللاھ ھەرقانداق ياخشى ئىشنىڭ باشلىنىشى. ئاللاھ ھەممە ئىشنى ئەڭ ياخشى قىلىدۇ، ھەممە ئىشنى گۈزەل قىلىدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقات ئۆز تىلى بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ. پۈتۈن مەۋجۇدات ئۆز تىلى بىلەن بىسمىللاھ دەيدۇ. ( بىسمىللاھ— ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئاللاھۇ ئەكبەر— ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئىنشاء ئاللاھ— ئاللاھ بۇيرۇسا. ئەلىھەمدۇلىللاھ—جىمىكى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. سۇبخانە ئاللاھ—ئاللاھ شان-شەرەپتۇر. ) بىز ئاۋۋال قۇرئاننى ئاندىن ئىماننى ئۆگەنسەك، ئۆگەنگەنسىرى بېسىم تۇيۇلۇپ، زېرىكىش ھېس قىلىمىز. شۇڭا بىز ئاۋۋال ئىماننى ئۆگىنىپ ئاندىن قۇرئاننى ئۆگىنىشىمىز لازىم. ”ئىسلام“ دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ”ئىتائەت قىلىش“ دېگەنلىك بولۇپ، دىنىي مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئېتقات قىلغۇچى ”مۇسۇلمان“ دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ”ئاللاھقا بويسۇنغۇچى“ دېگەنلىك بولىدۇ. 610-يىلى ھەزرىتى مۇھەممەد مەككىدە ئۆزىگە ئاللاھتىن ۋەھيى كېلىپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئەلچىلىككە، يەنى پەيغەمبەرلىككە، تەيىنلەنگەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچەئىسلام دىنىنى تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىغا قالماسلىق ئۈچۈن ھەق دىنغا ئېتقاد قىلىشقا چاقىردى. 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنى باشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت(يۇرتىدىن باشقا يەرگە كۆچۈش) قىلىشقا، مەجبۇر بولدى. بۇ ۋاقىت كېيىنكى چاغلاردا ئىسلام كالېندارىنىڭ باشلىنىش يىلى قىلىنىپ، ”ھىجرىيە“ دەپ ئاتالدى. ھىجرىيە كالېىندارى بويىچە، بىريىل 354 كۈن. مىلادىيە كالېندارىدىن 11 كۈن ئاز. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ھاشىم جەمەتىدىن بولۇپ، 570- يىلى تۇغۇلغان. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتىسى ئابدۇللا ئۆلۈپ كەتكەن، 6 ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئامىنە كېسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، بوۋىسى ئابدۇل مۇتەللىپ ۋە تاغىسى ئەبۇ تالىپ بېقىپ چوڭ قىلغان. 632- يىلى 8- ئىيۇن 63 يېشىدا مەدىنەدە ۋاپات بولغان. پەيغەمبىرىمىز : ”مېنىڭ ۋەزىپەم ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى مۇكەممەللاشتۈرۈشتىنلا ئىبارەت“ دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادا يالغۇز مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام بىرلا مۇسۇلمان بار ئىدى، ھازىر دۇنيادا ئىككى مىليارد مۇسۇلمان بولدى، ھەم كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغانلار ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇۋاتىدۇ. ئىسلام دىنىدا ئادەتتە دېيىلىدىغان”ئىمان“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”ئىشىنىش“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، 1) ئاللاھقا ئىشىش؛ 2) ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش؛ 3) ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ئىشىنىش؛ 4) ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش؛ 5) قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت. ئاللاھنىڭ كىتابلىرى: ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە نۇرغۇن كىتابلارنى چۈشۈرگەن، بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغى « قۇرئان كەرىم»، ئۇنىڭدىن قالسا « تەۋرات»، « ئىنجىل» ۋە «زەبۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى: ئادەم ئەلەيھىسسالام(Adam)، ئىدىرس ئەلەيھىسسالام (Enos)،نۇھ ئەلەيھىسسالام(Noah)، ھۇد ئەلەيھىسسالام (Eber)، سالىھ ئەلەيھىسسالام (Shelah)،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (Abraham)، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام (Ishmael)، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام (Isaac)،ياقۇپ ئەلەيھىسسالام (Jacob)،يۈسۇپ ئەلەيھىسسالام (Joseph)، ئايۇپ ئەلەيھىسسالام(Job)، مۇسا ئەلەيھىسسالام(Moses)، ھارون ئەلەيھىسسالام (Aaron)، داۋۇت ئەلەيھىسسالام (David)، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام (Solomon)،ئىلياس ئەلەيھىسسالام (Elijah)،يۇنۇس ئەلەيھىسسالام (Jonah)، ئەيسا ئەلەيھىسسالام (Jesus)، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (Mohammed) قاتارلىقلار. پەرىشتىلەر: پەرىشتىلەر ئاسماندىمۇ، زېمىندىمۇ مەۋجۇت، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان بولۇپ، ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. پەرىشتىلەر ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييار تۇرىدۇ. ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئىنساننى يارىتىشتىن بۇرۇن ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسسلامنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتىلەرنى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان. پەرىشتىلەر يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، ياش قېرى دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەرخىل، ئۇلارنىڭ بەزىسى جەننەتكە مۇئەككەل، بەزىسى جەھەننەمگە مۇئەككەل ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا مۇئەككەل. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممىدىن مەشھۇر تۆت پەرىشتىنىڭ بىرى جىبرىئىل(Gabriel) بولۇپ، ئۇ ئاللاھتىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى ئېلىپ كېلىشكە مەسئۇل؛ مىكائىل(Michael) ئالەمنى كۆزىتىشكە، بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل؛ ئەزرائىل(Azrael) جان ئېلىشقا مەسئۇل؛ ئىسرافىل (Raphael) قىيامەت قايىم بولغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ سۇر چېلىشقا مەسئۇل. سۇر، يەنى كاناي، چېلىنغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، ئاللاھنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا، يەنى مەيدانغا، جەم بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇنكىر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆردە سوراق قىلىشقا مەسئۇل. كىشىلەرنىڭ ياخشى يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ تۇرۇشقا مەسئۇل پەرىشتىلەرمۇ بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ ئورۇنلىغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى دىنىي ئەمەل قىلىپ بەلگىلىگەن ئەمەس، تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چۈشىنىكسىز ئەقىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانمۇ ئەمەس. ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا بويسۇنۇشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن دىنىي مەجبۇرىيەتلەر ئاددىي ھەم ئاسان، ئۇ بولسىمۇ «ئېتقادنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ ئاتالغان مۇنۇ بەش پەرزدىن ئىبارەت. بەش پەرز: 1) شاھادەت ئېيتىش(ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش)؛ 2) ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇش؛ 3) يىلدا بىر قېتىم زاكات بېرىش؛ 4) يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسى تۇتۇش؛ 5) ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرسە ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش.

مانا بۇ بەش پەرز ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ مەجبۇرىيەتلىرىدۇر.

شاھادەت ئېيتىش: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدىن رەسۇلۇللاھ(بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالاھنىڭ ئەلچىسىدۇر) دەپ ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇش. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدىن رەسۇلۇھۇ(گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر) دەپ گۇۋاھلىق بېرىش. زاكات ۋە سەدىقە: زاكات ھۆكۈمەت ئالىدىغان باج ئەمەس، خالىغاندا بېرىدىغان سەدىقە ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئەمرى. ”زاكات“ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ”پاكلاشتۇرۇش“ دېگەنلىك بولىدۇ. مۈلۈكدارلار ئاللاھ ئىلتىپات قىلغان مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ يوقسۇللارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى پاكلاشتۇرۇپ ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىگە ئىگە بولالايدۇ. زاكات ئارقىلىق مال- مۈلۈك پاكلىشىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، زاكات ئۆز تۇرمۇشىدىن ئېشىنغان مۈلۈكنىڭ %2.5 (قىرىقتىن بىرى) بويىچە يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ. ھەرقانداق پايدا كەلتۈرىدىغان مۈلۈكلەر، مەسىلەن چارۋا- مال، تېرىلغۇ يەر، باغ- ۋاران، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىقلارمۇ باھاغا سۇندۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى پىرسەنت بويىچە زاكات بېرىلىدۇ. ( قۇرئان كەرىم 9-سۈرە 60- ئايەت) زاكات ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى بولغاچقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادا قىلىشى شەرت بولغان دىنىي مەجبۇرىيەت. ئادەتتىكى سەدىقە بولسا ئۆز ۋىجدانىغا ئاساسەن بېرىدىغان ساۋابلىق ھەرىكەتتۇر . ”سەدىقە“ دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆز ”راستچىللىق“، ”سەمىمىيلىك“ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. كېيىن ساداقەتمەنلىكنىڭ مۇھىم مەجبۇرىيىتى بولغان سەدىقىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.( قۇرئان كەرىم 2-سۈرە، 271-، 274- ئايەتلەر) پەرز ۋە سۈننەت: ئىسلامدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا پەرز ۋە سۈننەت بار بولۇپ، پەرز دېمەك چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىلمىسا گۇناھ بولىدۇ. سۈننەت بولسا، قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان، كىشىنىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە خائىشىغا قاراپ قىلسىمۇ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، رامىزاندا روزا تۇتۇش پەرز، ئادەتتىكى چاغلادا، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش سۈننەت. ئادەتتە سۆزلىنىدىغان ”داموللا“ دېگەن سۆز، ھەرگىزمۇ ئەبجەش سۆز بولماستىن، ئۇنى ”چوڭ موللا“ دەپ چۈشىنىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. موللا دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى مەۋلا دېگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ، ئۇستاز، خوجا، ئەپەندى دېگەن مەنىدە. دا دېگەن سۆز پارسچىدىكى دەھ دېگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ، ئون دېگەن مەنىدە. داموللا ”ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن، ئون خىل ئىلىمگە توشقان زات“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. باشتا ”دەھ مەۋلا“ دەپ سۆز ياسالغان، پارىسچىدا ”دەھ“ سۆزى ”دە“،”مەۋلا“ سۆزى ”مولا“ يېزىلغاچقا، ”دە مولا“ يېزىلىپ، ئۇيغۇرچىغا ”دا موللا“ دەپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ئىمانسىز ئىسلام، ئىسلامسىز ئىمان ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ. شەيتاننىڭ ئىمانى بار، ئىسلامى يوق، مۇناپىقنىڭ ئىسلامى بار، ئىمانى يوق.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھە ۋەسسەلەم ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھېساب بېرىدىغىنى ناماز بولىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ دىلى پاك، بەدىنى ۋە كىيىملىرى، ناماز ئوقۇيدىغان جايى پاكىز بولۇشى، ناماز ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىشى لازىم. تاھارەت ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ”پاكلىنىش“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نامازدىن بۇرۇن ئۆزىنى كىيىم كېچەكلىرىنى پاكلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەتتە غۇسلى قىلىش، تاھارەت ئېلىش ۋە تەيەممۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(قۇرئان كەرىم 5-سۈرە 6-ئايەت) مۇسۇلماندارچىلىق پاكىزلىقتۇر. تاھارەت پەرزلىرى:1) يۈزىنى باشنىڭ چاچ چىققان يېرىدىن باشلاپ، ئىككى قۇلاق بىلەن قوشۇپ، ئىڭەكنىڭ ئاستىغىچە يۇيۇش؛ 2) ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش؛ 3) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنىڭ تۆتتىن بىرىنى نەم بارماقلىرى بىلەن سىلاش؛ 4) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش. تاھارەت سۈننەتلىرى: 1) نىيەت قىلىش؛ 2) بىسمىللاھ دەپ باشلاش؛ 3) ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم بېغىشىغىچە يۇيۇش؛ 4) ئاغزىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛ 5) بۇرنىنى ئۈچ قېتىم چايقاش؛ 6) ئەرلەر ساقىلىغا خىلال قىلىش، يەنى قولىنى نەم قىلىپ بارماقلىرى بىلەن ساقىلىنى تاراش؛ 7) قول-پۇتنىڭ ئارىسىغا خىلال قىلىش؛ 8) ھەر ئەزانى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش؛ 9) باشنىڭ ھەممە يېرىگە مەسھى قىلىش، يەنى باشنى نەم بارماقلار بىلەن سىلاش؛ 10) قۇلىقىغا مەسھى قىلىش؛ 11) گەدەننى مەسھى قىلىش؛ 12) تاھارەتنى تەرتىپى بىلەن ئېلىش؛ 13) پۈتۈن تاھارەتنى ئۈزۈپ قويماي بىر قېتىمدىلا ئېلىپ بولۇش. سۇ بولمىغان ياكى سۇ تەگسە سالامەتلىككە زىيان يېتىدىغان ئەھۋالدا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. تەيەممۇم قىلىش: ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ تۇرۇپ پاكىز توپىغا ياكى پاكىز قۇم ۋەياكى پاكىز تاش-كېسەكلەرگە بوشقىنە بىر قېتىم ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش، قولىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ سول قول بىلەن ئوڭ بىلەكنى بېغىشىنىڭ سىرتىدىن جەينەككىچە سىلاش، ئاندىن جەينەكنىڭ ئىچىدىن بېغىشىغىچە سىلاش، قولنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ، ئوڭ قول بىلەن سول بىلەكنى يۇقىرىقى تەرتىپ بىلەن سىلاش. ”غۇسلى“ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش دېگەنلىك بولۇپ، ھەرگىز ئۆلۈك سۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ. غۇسلىنىڭ پەرزلىرى: 1) ئاغزىنى چايقاش؛ 2) بۇرنىنى تازىلاش، يەنى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ قېقىپ چىقىرىش؛ 3) پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش، ئەگەر چاچ ئۆرۈكلۈك بولسا ئۇنى چۇۋۇمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چاچنىڭ ئاستىغا چوقۇم سۇ ماڭدۇرۇش لازىم؛ غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى: 1) نىيەت قىلىش؛ 2) قوللىرىنى بېغىشىغىچە يۇيۇش؛ 3) ئىستىنجا قىلىش (يەنى ئالدى-ئارقا تاھارەت يوللىرىنى يۇيۇش)؛ 4) ئەگەر روزا تۇتمىغان بولسا ئاغزى ۋە بۇرنىغا كۆپ سۇ ئېلىپ چايقاش؛ 5) نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش؛ 6) پۈتۈن بەدەننى ئۈچ قېتىم يۇيۇش؛ 7) غۇسلى قىلىۋېتىپ ئېگىز- پەس گەپلەرنى قىلماسلىق؛ 8) ئىككى پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش. بەشۋاق ناماز بايانى بامدات: ناماز ۋاقتى سۈبھى يۈرىدىغاندىن تارتىپ، يەنى تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ، كۈن چىققىچە، 2 رەكئەت سۈننەت، 2 رەكئەت پەرز؛ پېشىن: ناماز ۋاقتى چۈشتە كۈن تىكلىشىپ سەل ئۆتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ، نەرسىلەرنىڭ سايىسى نەرسىلەر بىلەن تەڭ بولۇشتىن بۇرۇن. 4 رەكئەت سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت ئاخىرقى سۈننەت؛ ئەسىر: ناماز ۋاقتى سايە شەيئىلەرنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا. 4 رەكئەت پەرز: شام: ناماز ۋاقتى كۈن پېتىپ شەپەق غايىب بولغۇچە، 3 رەكئەت پەرز، 2 رەكئەت سۈننەت؛ خۈپتەن: ناماز ۋاقتى قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە. 4 رەكئەت پەرز، 3 رەكئەت سالاتى ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ. 3 رەكئەتتە دۇئايى قۇنۇت قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ قۇرۇق گەپ ساتماي، ئامال بار تېز ئۇخلاش لازىم. ناماز ئوقۇش قائىدىسى: «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن دەپ ناماز بامداتنىڭ 2 رەكئەت سۈننىتىنى، شۇ ۋاقتى بىلەن يۈزۈم قىبلىگە، ئىقتىدا قىلدىم خانە كەئبىگە، خالىسەن لىللاھى تەئالا، ئەللاھۇ ئەكبەر. » دەپ ئىككى قولىنى ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشاقىگە تەككۈزۈپ، قولىنى چۈشۈرۈپ ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، سانا ئوقۇلىدۇ. فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە قوشىلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتە ھەم فاتىھەگە بىر سۈرە قوشۇپ روكۇ سەجدىدىن كېيىن تەشاھۇد ۋە ئىككى دۇرت دۇئالىرى ئوقۇلۇپ، ناماز پارخ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمۇتۇللاھ دېگەچ سالام بېرىلىپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. پەرز نامازلىرى جامائەت بىلەن ئوقۇلسا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇلىدۇ، روكۇ سەجدىدە تەكبىر تەشاھۇدلارنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇش كېرەك. پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرىنىڭ نىيىتى يۇقىرىرىدىكى بىلەن ئوخشاش. ئەزان ئوقۇش قائىدىسى: بىر مەھەللىدە ئەزان ئوقۇسا ھەممىگە كۇپايە، ئايرىم ئەزان ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. مەھەللىدە ئەزان ئوقۇلمىغان ياكى سەپەر ئۈستىدە مەھەللىدىن يىراق يەرلەرگە ئەزان ئوقۇپ ناماز ئوقۇلىدۇ. ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛ ئەشىھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىنلەنلاھ، ئەشىھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىنلەنلاھ؛ ئەشىھەدۇ ئەننە مۇھەممەدىن رەسۇلىللاھ، ئەشىھەدۇ ئەننە مۇھەممەدىن رەسۇلىللاھ؛ ھەييە ئەلەس سالاھ، ھەييە ئەلەس سالاھ؛ ھەييە ئەلەل فەلەھ، ھەييە ئەلەل فەلەھ؛ ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر؛ لائىلاھە ئىللەللاھ. تەكبىر: تەكبىر بىلەن ئەزاننىڭ پەرقى تەكبىر ناماز باشلاش ۋاقتىدا تېز سۈرئەتتە ئوقۇلىدۇ. سۈننەت نامازلارغا تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بامدات پەرزىنى ئوقۇغاندا، ”ھەييە ئەلەل فەلەھ، ھەييە ئەلەل فەلەھ“ دېيىلگەندىن كېيىن، ”قەد قامەتىس سەلات، قەد قامەتىس سەلات ( ناماز ئۇيقۇدىن ئەۋزەل، ناماز ئۇيقۇدىن ئەۋزەل)“ دېيىش لازىم. ئۇيغۇرچە ئەزان: ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛ ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛ گۇۋاھمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، گۇۋاھمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق؛ گۇۋاھمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، گۇۋاھمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر؛ تېز كېلىپ ناماز ئوقۇڭلار، تېز كېلىپ ناماز ئوقۇڭلار؛ تېز كېلىپ غەلبە قىلىڭلار، تېز كېلىپ غەلبە قىلىڭلار؛ ئاللاھ ئۇلۇغ، ئاللاھ ئۇلۇغ؛ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئەزان دۇئاسى: ئاللاھۇممە رەببە ھازىھىددەﺋ ۋەتىت تاممەھ ۋەسسەلاتىل قائىمەھ؛ ئاتى مۇھەممەدەنىل ۋەسىيلەتە ۋەلفەدىيلەتە؛ ۋابئەسھۇ مەقامام مەھمۇدەنىل لەزى ۋە ئەدتە. اللّٰهُمَّ رَبَّ هٰذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاةِ الْقَائِمَةِ آٰتِ مُحَمَّدُاً الْوَسِيلَةَ وَالْفَضِيلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَامًا مَحْمُودًا الَّذٍي وَعَدْتَهُ. ھەي بۇ نۇقسانسىز دەۋەتنىڭ ۋە نامازنىڭ ساھىبى ئاللاھ! مۇھەممەدكە شاپائەت قىلىش پەزىلىتىنى ئاتا قىلغىن. ئۇنى، سەن ۋەدە قىلغان ئالىي ماقامغا ئېرىشتۈرگىن. جۈمە نامىزى: جۈمە كۈنى مەسچىتكە كىرىپ جامائەت بىلەن كوللىكتىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، مەسچىتكە ۋاقتىدا كىرىپ 2 رەكئەت مەسچىت ھەققى ئوقۇلىدۇ. باش ئەزاندىن كېيىن 4 رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ. 2- ئەزاندىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە تىڭشاش 2 رەكئەت نامازنىڭ ئورنىدا، بەك مۇھىمدۇر. خۇتبەدىن كېيىن مەزىن تەكبىر ئوقۇيدۇ، ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ 2 رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ. ئاخىرىدا 10 رەكئەت ئېھتىيات پېشىن ئوقۇلۇپ، ھەممە رەكئەتلىرىگە سۈرە قوشۇپ ئوقۇلىدۇ. سۈننىتى جۈمەنىڭ سۈننىتى دەپ نىيەت قىلىش لازىم.

مەن مۇسۇلمان تەھرىرلەش

باراۋەرلىك تەھرىرلەش

باراۋەرلىك : ئىسلامدا باراۋەرلىك تەكىتلىنىدۇ. ھەممىمىز ئاللاھنىڭ بەندىسى، مەيلى قايسى مىللەتتىن ياكى قايسى تەبىقىدىن بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئۈستۈن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئالدىدا پادىشاھ بىلەن مالاي، باي بىلەن گاداي ھەممىسى ئوخشاش. تەكەببۇرلۇق گۇناھتۇر. ئەرەبلەر تۈركلەردىن ئۈستۈن ئەمەس، تۈركلەر ئەرەبلەردىن ئۈستۈن ئەمەس؛ ئۇيغۇرلار قازاقلاردىن، قازاقلار ئۇيغۇرلاردىن ئۈستۈن ئەمەس. ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەممىمىز ئوخشاش. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئەرەب تىلىنى بىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەي قالۇرمۇ؟ پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۆزتىلدا ئاللاھقا زىكىر قىلىدۇ. شۇڭا نامازلارنى ئۆز تىلىدا ئوقۇشنىڭ ساۋابى ئەرەب تىلىدا ئوقۇغاندىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۆز تىلىدا ئوقۇلغان ناماز چۈشۈنۈپ ئوقۇلغان نامازدۇر. چۈشەنمەي تۇرۇپ، يەنى مەناسىنى بىلمەي تۇرۇپ قارىسىغا ئوقۇلغان ناماز چىن دىلدىن بولمايدۇ. مەناسىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ جەينامازدا نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ناماز ئوقۇش لازىم. چىن دىلدىن ئوقۇلغان نامازدا تىلىگەن تىلەكلەر ئاندىن ئىجابەت بولۇر. ناماز ھاشار- سېلىق ئەمەس، بەلكى چىن دىلدىن ئاللاھقا سېغىنىش بولۇشى لازىم.

ئۆلۈم ئۇزىتىش: ئىسلام دىنىنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى تۇپراققا دەپنە قىلىش، ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىق ۋە تېز چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇ دۇنيا تۇرمۇشى ئۇ دۇنيا ئۈچۈن سىناقتىن ئۆتۈش جەريانىدۇر. ئەجەل بىردۇر،ئۇ بىرلا قېتىم كېلىدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆلۈم رېئال تۇرمۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇ دۇنيا تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ تۈگىشى ئەمەس، ئۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇ پەقەتلا تەننىڭ يوقىلىشى ۋە روھنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، ئادەم ھاياتىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىشىدىنلا ئىبارەت. (قۇرئان كەرىم 20- سۈرە 55- ئايەت) ئىسلام دىنىدا جەسەت ساندۇققا سېلىنمايدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلمەيدۇ. كۆيدۈرۈش، يەنى ئوت بىلەن جازالاش، ئاللاھقا خاس ئىش، بۇ ھوقۇق پەقەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئىنسانلار ئىشلەتسە بولمايدۇ. ئىنسان تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراققا قايتىدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە، مېيىت ساندۇققا سېلىنمايدۇ، بەلكى كېپەنلەنگەن پېتى يەرلىككە قويۇلىدۇ. ئىنسان توپىدىن ياسالغان، يەنە توپىغا قايتىدۇ. مېيىت چىرىگەندىن كېيىن توپىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئىسلام دىنىدا قەبرە قاتۇرۇش بەلگىلەنمىگەن. يەرلىككە قويۇش، تېز ۋە ئاددىي- ساددا بولۇش كېرەك. ئادەم نەدە ۋاپات بولغان بولسا شۇ يەردە شۇ يەردە قويۇش بەلگىلەنگەن. شۇڭا مېيىتنى چوقۇم توپىغا كۆمۈش شەرت ئەمەس، دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا پاراخوتتا ۋاپات بولۇپ كەتسە، باشقا شەرتلەرنى ئاداقىلغاندىن كېيىن دېڭىزغا قويۇۋەتسە بولىدۇ. جىنازە نامىزى : « نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ئۇشبۇ مېيت نامىزىنى، 4 تەكبىرلىرى بىلەن، ساناسى ئاللاھقا، دۇرۇدى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ساۋابى ئۇشبۇ مېيتكە، ئىقتىدا قىلدىم ھازىر ئىمامغا، خالىسەن لىللاھى تەئالا، ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ قۇلىقىنى تۇتۇپ قولىنى قوۋىشتۇرۇپ سۈبىھانى كالانى ئوقۇپ، يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ، « ئاللاھۇممە سەلى ئەلا ئاللاھۇممە بارەك ئالا» دەپ ئوقۇلۇپ، يەنە بىر تەكبىر ئېيتىپ مۇنۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: « ئاللاھۇممە مەغفىرلى ھەيينىنا ۋە مەييىتىنا ۋە شاھىدىنا ۋە غائىبنا ۋە سەغىرىنا ۋە كەبىرىنا ۋە زەكىرىنا ۋە ئۇنسانا. ئاللاھۇممە مەن ئەھيەيىتەھۇ مىننا فەئەھىيھى ئەلەل ئىسلام ۋە مەن تەۋەففەيتەھۇ مىننا فەتەۋەفىفە ئەلەل ئىيمان ئاللاھۇممە ئىنىن كانە مۇئىسنەن فەزەرفى ئىھسانىھى ۋە ئىن كانە مۇسئېئەن فەتەجاۋەزئەنھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ سالام بېىرىلىدۇ. ئاۋۋالقى ئەكبەردىن باشقىسىدا قول كۆتۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر مېيىت نارەسىدە ئوغۇل- قىزياكى ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس بولسا مۇنۇ دۇئا ئوقۇلىدۇ: «ئاللاھۇممە ئەجىئەلەھۇلەنا ئەجرەن ۋە ۇخرەن ۋە ئەجىئەلەھۇ لانە شافىئەن تەن ۋە مىن شەفىفە ئەتەن بىرەھمەتىكە فائەر ھەمەرراھمىن ئاللاھۇ ئەكبەر.» دەپ ئېيتىلىپ سالام بېرىلىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ چېچى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ”چاچ – ساقالدىكى ئاقنى بوياپ، ئۆزگەرتسەڭلار بولىدۇ، لېكىن، ئۇنىڭغا قارا رەڭنى يېقىن قىلماڭلار، قارا رەڭدە بوياش ھارامدۇر.“ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام چاچلىرىنى ئىككىگە ئايرىماي تۈزلا تاراپ، پەسكە قويۇپ بىرەتتى، مۇشرىكلەر بولسا، چاچلىرىنى ئىككىگە ئايرىپ تارايتتى، شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىكىسىنى ئىككىگە ئايرىپ تارىماي، پەس تەرەپكە قۇيۇپ بەردى،كېيىن كاپىرلارغا ئوخشىماسلىق ئۈچۈن چېچىنى، چىكىسىنى ئىككى تەرەپكە ئايرىپ تارىدى. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام چېچىنى ئون ئىككى تال كوكۇلا قىلىپ ئۆرۈگەن، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات چېغىدا چېچىنى دولىسىدىن ئاشقىچە قويغان، ئىسلامدا ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشى سۈننەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن چاچ چوقۇم پاكىز رەتلىك بولۇشى لازىم. چاچ چۈشۈدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولمىسا، چاچنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. بولمىسا بۇتپەرەس كۇفرىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، چېچىنىڭ بىر قىسىم يىرى چۈشۈرۈۇلگەن، يەنە بىر قىسىم يىرىدە چاچ قويۇلغان بىر كىچىك بالىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى شۇنداق قىلىشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن: ”كىچىك بالىنىڭ چېچىنى، ئۇيەر – بۇيىرىگە چېكە، مۈڭگۈز چاچ قويماستىن، يا پۈتۈنلەي چۈشۈرۈۋېتىڭلار، ياكى بىراقلا چېچىنى قويۇڭلار.“ ئاياللارنىڭ چېچى، ئەرلەرنىڭ ساقال- بۇرۇتى ئاسانىقچە تىغ تەگسە بولمايدىغان مۇقەددەس تۈكتۇر. ئاياللار چېچىنى تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش غەلىتە قىلىۋالماسلىقى، ياغلىق ياكى ھىجاب ئىچىدە يات ئەرلەرگە كۆرسەتمەسلىكى لازىم. كىچىك بالىلار قۇرامىغا يەتمىگىچە ناماز ئوقۇمىسىمۇ بولغانغا ئوخشاش، چاچ چۈشۈرسە بولىدۇ، ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئالاباش، مۈڭگۈزباش بولسا بولمايدۇ.

ئىمانۇ ئەخلاق تەھرىرلەش

قۇرئان كەرىمدە تەشەببۇس قىلىنغان ئەخلاق پىرىنسىپلىرى: سەمىمىيلىك، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، سەۋرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، كەمتەرلىك، باشقىلارغا زىيان سالماسلىق، تىلى گۈزەل بولۇش، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش قاتارلىقلار. ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن يامان ئىشلار: I. باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىش؛ II. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش؛ III. يالغان سۆزلەش؛ IV. تۆھمەت قىلىش؛ V. ئۆزئارا قالايمىقان گۇمانلىنىش؛ VI. باشقا ئادەمنىڭ شەخسىي سىرىنى تىڭ-تىڭلاش؛ VII. ئاياللارنىڭ يېشىنىڭ سانىنى، ئەرلەرنىڭ پۇلىنىڭ سانىنى سوراش؛ VIII. ھەسەت قىلىش؛ IX. غەيۋەت قىلىش؛ X. ئىسراپخورلۇق ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىسراپ قىلىش؛ XI. پارىخورلۇق قىلىش؛ (قۇرئان كەرىم 2- سۈرە 188- ئايەت) XII. جازانىخورلۇق قىلىش؛ XIII. تاۋار مالغا ناچىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش، ناچىرىنى ياخشى دەپ سېتىش؛ XIV. سودىدا بېسىمدارلىق قىلىش؛ XV. مال ساتقاندا ئۆلچەمدە كەم بېرىش؛ XVI. قەسەم قىلىپ مال سېتىش؛ XVII. ئوغرىلاپ كەلگەن بۇلىۋالغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش. (ئىسلام دىنىدا ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قاتتىق چەكلەنگەن، ئۇ ماللارنى سېتىۋېلىش، ئاشۇنداق قىلمىشلارغا يول قويغانلىق بولىدۇ.) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى راست گەپ قىلىشسا، مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرمىسا، ئۇلارنىڭ سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشسا، سودا ئۈستىدە يالغان گەپ قىلىشسا، قىلغان سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ.

ئاياللار تەھرىرلەش

ئاياللارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە: ئىسلام دىنى تارىختا تۇنجى بولۇپ ئاياللار ھوقۇقىنى يولغا قويغان. بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەر ئاياللارنى خورلايتتى، بوۋاق تۇغۇلغاندا، قىز بولۇپ قالسا ئۇدۇل تىرىك پېتى كۆمۈۋېتەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلغاندا بۇ ئىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرغان، ئاياللارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرگەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئايالىنى تۆگىگە مىندۈرۈش ئۈچۈن ئەل-جامائەت ئالدىدا قىلچە ئىككىلەنمەسلىكتىن ئايالىغا يۈكۈنۈپ بەرگەن، ئايالى ئۇنىڭ تىزىغا دەسسەپ تۇرۇپ تۆگىگە مىنگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ” جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا “ دېگەن. ئاياللار ئەرلەردىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرلەر ئاياللارنى بوزەك قىلىشى ئەمەس، قوغدىشى، ئاسرىشى لازىم. ئىسلامدا تويدىن كېيىنكى رومانتىكىلىق تەشەببۇس قىلىنغان، ئەر-خوتۇن قانچە ئىجىل- ئىناق بولسا، قانچە رومانتىك بولسا شۇنچە ساۋاپ بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاچىدا سۇ ئىچكەندە، ئايالىنىڭ لېۋى تەگكەن جايدىن ئىچكەن.

دېمىكوراتىيە تەھرىرلەش

ئىسلامدىكى دېموكراتىيە: بىركۈنى ئابدۇراخمان ئىبنى ئەف مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى، سالام بەردى ۋە كۈتۈپ تۇردى. شۇ پەيتتە ھەزرىتى ئۆمەر ئالدىدىكى يېنىۋاتقان شامنى ئۆچۈرۈپ، باشقا شامنى ياقتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى مېھماننىڭ دېقىتىنى تارتتى ۋە سورىدى: - ئى مۆمىنلەنىڭ ئەمرى، ئالدىڭىزدا شام بار ئىدى ئۇنى ئۆچۈردىڭىز، يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش شامنى ئېلىپ ياقتىڭىز. بۇنىڭدا بىر ھېكمەت بارمۇ؟ ھەزرىتى ئۆمەر تەبەسسۇم بىلەن جاۋاب بەردى: - ئەي ئابدۇرەھمان! ئۆچۈرگىنىم دۆلەتنىڭ شېمى، ياقىنىم بولسا ئۆزۈمنىڭ شېمى، ئۆز پۇلۇمغا ئالدىم. دۆلەت ئىشىنى قىلغاندا دۆلەتنىڭ شېمىنى ياقىمەن، ئۆز ئىشىمنى قىلغاندا ئۆزۈمنىڭ شېمىنى ياقىمەن. ھازىر سەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغاندا دۆلەت شېمىنى يېقىشىم ھارام بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلمىسام، دەپ باقە، ئاللاھقا قايتقاندا قانداق ھېساب بېرىمەن؟

مېھىر مۇھەببەت تەھرىرلەش

پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر. دوست- دۈشمەن ئايرىماي، تەرەپدارلىق قىلماي ئىناق ياشاش لازىم. مىللەت ئايرىمىچىلىقى قىلىپ، ”سەن ئەرەب، مەن ئۇيغۇر“ دەپ مىللەتۋازلىق قىلماسلىق، ئۆزئارا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈش لازىم. پۈتكۈل ئىنسانلار قېرىنداشتۇر، بۇ ئاخىرقى زاماندا خىرىستىئانلار، يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار ئىختىلاپ مەسىلىلىرىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان ئەخلاقسىزلىق، دىنسىزلىق، بۇدپەرەسلىك، شاللاقلىق ۋە چۈشكۈنلۈككە قارشى كۈرەشتە بىرلىشەيلى. ئاللاھنىڭ يولىدا بىرلىشەيلى. بىز ئۆچمەنلىك ئاداۋەت ئەمەس،مۇھەببەت بولسىكەن دەيمىز. بىز بىر دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئوخشاش، ئىناق ياشىشىمىز لازىم.

قۇرئان كەرىم تەھرىرلەش

« قۇرئان كەرىم» 30 پارە،114 سۈرە، 6236 ئايەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ،ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ دەستۇرى، شەرىئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى. ئۇ ئېتقاد، قائىدە- يوسۇن،ئۆرپ- ئادەت، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە ئەقىدە پىرىنسىپلىرى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي تۇرمۇشىنىڭ مۇقەددەس يېتەكچىسى بولغان «قۇرئان كەرىم»، تىلىنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە گۈزەللىكى، ئىبارىلىرىنىڭ پاساھەتلىكلىكى بىلەن،«ئەرەب تىلىدىكى ئۆچمەس مۆجىزە» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئاندا ھېچ نەرسە چۈشۈرۈپ قويۇلغان ئەمەس. يوق بولغان ياخشى- يامان نەرسىلەرنىڭ ئىسمى بولمىسىمۇ سۈپەتلىرى بار، تاماكا، ئەپيۇن دېگەندەك. قۇرئاندا ”ئۆزۈڭلارنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەڭلار“دېيىلگەن. تاماكا ئىنساننى ئاستا خارەكتىرلىق ھالەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. قۇرئاندىكى مەزمۇنلار ھەرساھەگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولۇپ، ھەتتا يەھۇيدىيلار، خىرىستىئانلار بىلەن قىلىنغان مۇنازىلەرمۇ بار.شەرىئەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بىرنىمۇ قويماي ئۆز ئىچىگە ئالغان «قۇرئان كەرىم» ھېچقانداق ئادەمنىڭ تولۇقلىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە ھاجەت ئەمەس، ئۇنى پەقەت سېستىمىلىق بايان قىلىشلا كۇپايە.

ئىلىم مەرىپەت تەھرىرلەش

ئىلىم- مەرىپەت: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: ” بىلىم ئېلىڭلار! ھەتتا يىراقتىكى چىنماچىن(جۇڭگو) دۆلىتىدە بولسىمۇ، بىلىم ئېلىشتىن يانماڭلار“ دېگەن. ئىسلامدا ئىلىم- مەرىپەت پەرزدۇر، خۇراپىيلىق كەچۈرگۈسىز گۇناھتۇر. پالچىلىق، داخانلىق دېگەندەك خۇراپات ئىشلارنى قىلماسىق ھەم ئىشەنمەسلىك، ئۇلارغا يول قويماسلىق لازىم. پەننىي ئىلىم بىلەن دىننىي ئىلىم بىرلەشسە ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ. مۇسۇلمانلار دىنىي جەھەتىلا ئەمەس، پەننىي جەھەتتىمۇ، ھۈنەر- سەنئەتتىمۇ دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىشى لازىم. تارىختىمۇ مۇسۇلمانلار گېئومېتىرىيە، ئالگېبىرا، فىزىكا قاتارلىق ئىلىم- پەنگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىڭ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان. VIIئەسىردىن XIII ئەسىرگىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيېسى ئىلىم- پەندە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىپ، شانۇ- شەۋكەت ۋە سەلتەنەتلەرنى قۇرغان. ئەمما پەننىي ئىلىمنى دەپ دىنىي ئىلىمنى سوۋۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئىككىلىسى تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. مەدەنىيەت نىممەتتۇر. رادىيو، كىنو، كومپيوتېر، تېلىفون قاتارلىقلاردا پايدىلىق نەرسە بولسا،ئۇلار نىممەت، زىيانلىق ناچار مەزمۇن بولسا، ئۇلار پالاكەت. ئىنسان ئېغىزىدىن گۈزەل سۆزمۇ چىقىدۇ، يامان سۆزمۇ چىقىدۇ. يامان سۆز چىقتى دەپلا ئېغىزنى كېسىۋەتسەك بولامدۇ؟

ئۇيغۇر ئىسلام تەھرىرلەش

ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ ئەڭ گۈزەل ۋەكىلدۇر. ئاللاھنى تونۇغان كىشى كەپىدە تۇرسىمۇ،ئۇ يەر ئۇنىڭغا ئوردا- سارايدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئاللاھنى تونۇمىغان كىشى سارايدا تۇرسىمۇ، ئۇ يەر ئۇنىڭغا زىنداندەك بىلىنىدۇ. ئاللاھنى تاپقان كىشى ھەممىنى تاپقان بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا شامان دىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتقاد قىلغان بولۇپ، 10- ئەسىردىن باشلاپ 16- ئەسىرگىچە ئالدى كەينى بولۇپ بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. 21- ئەسىر بولغان ھازىرقى مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇرلاردا كونا دىننىڭ ئاسارىتى تېخى تولۇق، تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىدى. مەسىلەن ئىسىرىق سېلىش، چاچ چۈشۈرۈش، پىېرىخونلىق قىلىش، قەبرە قاتۇرۇش، قاتارلىقلار. ھەممە مىللەت باراۋەر، ھەمدە ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقى بولسا بولىدۇ، يۈزدە يۈز ئەرەبلەرنى دوراش ھاجەتسىز. مەسىلەن بادام دوپپا، ئەتلەس دېگەندەك. ئىسلام ئاساسىي قانۇن بولسا، مىللىي خاسلىق يەرلىك قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەرلىك قانۇن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز خاسلىقى بولسا بولىدۇ. ئەمما خاسلىق بولسۇن دەپ دىنىمىزنى ئەبجەش قىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھەم بۇنداق قىلىش ئاساسىي قانۇن ئىسلامغا زىتتۇر. ئاللاھنىڭ يولىغا كىرگەن ئىكەنمىز، ھەق دىنغا سەمىمىي ئېتقاد قىلىپ، كونا خۇراپىي ئىشلارنى تاشلاپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىمىز لازىم. ئىنشاء ئاللاھ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىر، دىلى بىر، دىنى بىر بولغاي. ئامىين.

ياسىين سۈرىسى تەھرىرلەش

ياسىن.۞ ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، ۞ ( ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن،۞ توغرا يولدىسەن.۞ قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ۞غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر۞ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ۞ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ). ۞ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ.۞ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ.۞ سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ نى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھ نىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.۞ بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز.۞ ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى.۞ ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھ نىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى.۞ ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى.۞ ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك - شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز.۞بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى۞ ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى۞ ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھ قا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى.۞ شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار.۞ توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار.۞ مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھ قا ئىبادەت قىلماي؟۞ مەن ئاللاھ تىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ۞ ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللادىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن۞ مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)«  ۞ (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى.۞ (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى.۞ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق.۞پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى.۞(ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.۞. ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ۞ ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ۞ ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى كامىلەسىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر۞ بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق۞ ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟۞ ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار.۞ ئۇلارغا (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز - دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز - دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ.۞ كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر.۞ ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ۞ كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ.۞ ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەرسە - كېرەك ۋە ھايۋاناتلار بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق۞ بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق.۞ ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ.۞ پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ) .۞ ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ). ۞ پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ۞ ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر ئاللاھ خالىسا تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ۞ ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.۞ ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا - سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.۞ ئۇلار بىر - بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ.۞ سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ.۞ ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالى بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ. ۞ پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ. ۞ ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ. ۞ شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر۞ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.۞ ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ۞ مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ۞ (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ) .۞ سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟۞ سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟۞ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟۞ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ۞ سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار.۞ شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ) .۞ ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟۞ ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتىنى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى۞ بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟۞ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز - نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر.۞ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز - نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر۞ ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر.۞ ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ.۞ ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟۞ ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھ نى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى.۞ ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر.۞ (ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز.۞ ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى.۞ ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى.۞ ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر« ۞ ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر.۞ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.۞ ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.۞ ئاللاھ پاكتۇركى، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر. ۞