ئىمام زەھەبىي (الإمَامُ شَمْسُ الدِّيْنِ مُحَمَّدُ بنُ أَحْمَدَ بنِ عُثْمَانَ بنِ قَايْمَازَ الذَهَبِي): شەمسۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئوسمان ئىبنى قايماز ئەززەھەبىي ئەتتۈركمەنىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). ھىجرىيە 673- يىلى رەبئۇسسانى ئېيىنىڭ 1- ياكى 3- كۈنى (مىلادىيە 1274- يىلى 10- ئاينىڭ 5- ياكى 7- كۈنى) دەمەشقتە تۇغۇلغان تۈركمەن، زەرگەر زات. ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، تارىخچى ئالىم. ھەدىس، تارىخ، تەرجىمىھال ساھەلىرىدە «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلا» (25 توم)، «تارىخۇل ئىسلام» (ھ. 1 – 700 - / م. 622 - يىل 22 - ئىيۇندىن – 1300/1301 - يىلغىچە بولغان تارىخ، 52 توم)، «مىيزانۇل ئىئتىدال» ۋە «تەلخىسۇل مۇستەدرەك» قاتارلىق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان. نامى تارىخ بەتلىرىگە ئالتۇن ھەل بىلەن نەقىشلەنگەن مەشھۇر ئالىم.

ھىجرىيە 690- يىلى ھەدىس ئوقۇشقا باشلىغان. دەمەشىقتە ئۆمەر ئىبنى قەۋاس، ئەھمەد ئىبنى ھەيبەتۇللاھ ئىبنى ئەساكىر قاتارلىق ئۆلەمالاردا ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، بەئلىبەككە شەھرىدە ئابدۇلخالىق ئىبنى ئەلۋان ۋە زەينەب بىنتى ئۆمەر ئىبنى كىناى قاتارلىق ئۆلەمالاردا ئوقۇغان. ئۇ يەنە ھەلەب، نابلۇس، مەككە، ئىسكەندەرىيە، قاھىرە قاتارلىق شەھەرلەردە كۆپلىگەن كۆپلىگەن داڭلىق ئۇستازلاردىن دەرس ئالغان.

ئىمام زەھەبى ئىلىم تەھسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ياندىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشى بىلەن شوغۇللانسا، يەنە بىر ياندىن كىتاب تەسنىڧ قىلىش بىلەن شوغۇللانغان. ئۇ ھاياتىنى ئىلىمەە باغىشلاپ، ھەدىس ئىلمى، ھەدىس تەتقىقاتى، ئىسلام تارىخى، ئۆلىمالارنىڭ تارىخى قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازىپ قالدۇرغان. ئىمام زەھەبى ھىجرىيە 748- يىلى زۇلقەئدە ئېيىنىڭ 3- كۈنى دەمەشىقتە ۋاڧات بولغان.[1] ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!

  1. ئىمام زەھەبى، چوڭ گۇناھلار، ئىستانبۇل 2015. يىل