ئىنجىل
ئىنجىل خۇدادىن ئەيسا پەيغەمبەرگە ئەۋەتىلگەن دەپ قارىلىدىغان خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى.
«ئىنجىل» خرىستىئان دىنى كىتابلىرىنىڭ توپلىمى، شۇنداقلا خرىستىئان دىنى ئىدىيىسىنىڭ يادروسى ۋە قىبلىنەماسى. ئۇ «ئەھدى ئەتىف، ئەھدى جەدىت» دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. «ئەھدى ئەتىف» نىڭ يەنە بىر نامى «ئەھدىنامە»، ئۇ ئەسلىدە قەدىمكى يەھۇدىي دىنىنىڭ دەستۇرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىردىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن. «ئىنجىل» دا قەيت قىلىنىشىچە، پەرۋەردىگار توپان بالاسىدىن ئامان قالغۇچى نوھ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەسلىك ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن. لېكىن، نوھنىڭ ئەۋلادلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، پەرۋەردىگار ئادەم كۆپ بولسا ئۇلارنى باشقۇرغىلى بولماي ئىشتىن چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۆي - ماكانلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزئارا باردى - كەلدى قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كېيىن، پەقەت «پەرۋەردىگارنىڭ تاللانغان بەندىلىرى« بولمىش ئىسرائىلىيىكلەر بىلەنلا «مەڭگۈلۈك ئەھدىنامە» دەيدىغان كېلىشىم تۈزگەن، پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا تاللانغان بەندىلەرنى ئەۋەتىپ بېرىش ئەھدىنامىنىڭ شەرتى قىلىنغان، «ئەھدىنامە» دېگەن ناممۇ مۇشۇنىڭدىن قالغان. خرىستىئان دىنى «ئەھدىنامە» دىكى تەلىماتلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىيسا بۇ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىنسانلار بىلەن يېڭىۋاشتىن ئەھدىنامە تۈزۈپ، «ئەھدى جەدىت» نى قوشقان، دەپ تەرغىب قىلغان. «ئەھدى جەدىت» مىلادىيە1 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە2 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەكىللەنگەن.
«ئەھدى ئەتىف» − «قانۇننامە»، «پەيغەمبەرنامە»، «ئىلاھىي يادنامىلەر» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدا مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1300 - يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى100 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ماتېرىياللار توپلانغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئالەم ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر رىۋايەتلەر، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇنىڭغا قوشنا مىللەتلەرگە دائىر مۇھىم تارىخىي قىسسىلەر، ئەخلاق مىزانى ۋە دىنىي ئەقىدە - ئەھكاملارغا دائىر خاتىرىلەر، سىياسىي مۇھاكىمە ئەسەرلىرى ۋە پەلسەپىگە دائىر ماقالىلەر، دىنىي قەسىدىلەر، ئىشقى - مۇھەببەت شېئىرلىرى، خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن مەسەل، ئەقلىيە سۆز، تېپىشماق، ئوخشىتىش، تارىخىي قىسسە - داستان قاتارلىقلار بار.
«ئەھدى جەدىت»، «گوسپېل»، «ھاۋارىيۇنلار تەزكىرىسى»، «ھاۋارىيۇنلار مەكتۇپلىرى» ۋە «بېشارەتنامە» دىن ئىبارەت تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىيسانىڭ ھاياتى، ئىش ئىزلىرى ۋە نۇتۇق - مۇھاكىمىلىرى بايان قىلىنغان، دەسلەپكى مەزگىلدىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ۋە دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرى، بەزى ساھابىلەرنىڭ خەت - چەكلىرى، ۋەھىي شەكلىدىكى بېشارەت قاتارلىقلار خاتىرىلەنگەن.
«ئىنجىل» بىر مەھەل فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئەمگەكچى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان مۇھىم مەنىۋى قورالى بولغان، لېكىن ئۇ يەنە كېلىپ قەدىمكى زامانغا دائىر قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال، شۇنداقلا تازا مۇكەممەل بولمىغان بىر پارچە قامۇس بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭدا دىنغا دائىر مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە ئىنسانىيەتكە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەر بار. ئۇنىڭ بەزى بۆلەكلىرىدە قەدىمكى جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىزارلىقىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. غەرب دۇنياسىدىكى نۇرغۇن شېئىر، رومان، مۇزىكا، رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق ئەسەرلىرىدە «ئىنجىل» دىكى پېرسوناژلار ۋە ۋەقەلىكلەر خام ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنى كۆپلىكىدىن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
توردا
تەھرىرلەشّ