ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار- مەسىلە ۋە مۇلاھىزە

2012-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار جوڭگۇدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە ئاممىۋىي تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلاندى. ئۇيغۇر يىمەكلىك مەدەنىيىتىنىڭ تاتلىقلار تۈرىگە مەنسۇپ سوقماق (قەشقەردە ياڭاق ھالۋىسى دېيىلىدۇ، بەزى يۇرتلاردا باشقىچە ئاتالسا كېرەك) بۇ داۋراڭلاردا خەنسۇچە كەسمە تورت دېگەن مەنىدىكى ئىسىم بىلەن تور ۋە تېلۋىزورلاردا پەيدا بولدى. ھەتتا تور ئېنسوكلوپىدىيەسى بولغان بەيدۇ قامۇسىغا سوقماق دېگەن بۇ سۆز كەسمە تورت دېگەن ئىسىم بىلەن ئىزاھلىنىپ كىرگۈزۈلدى. خەنسۇچە مۇنبەرلەردە تورمەنلەرنىڭ ۋە تېلۋىزور ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ مۇنازىرىسىگە سەۋەب بولغان سوقماق ۋەقەسى (خەنسۇچە كەسمە تورت ۋەقەسى) ئىچكىرىدىكى بىر ناھىيىدە يۈز بەرگەن. بىر ئۇيغۇر سوقماق تىجارەتچىسى يەرلىك خەنسۇ خېرىداررغا تەلىپىدىن ئارتۇق سوقماق تارتىپ بېرىپ مەجبۇرىي ساتماقچى بولغان. ئالارمەننىڭ كېسىلىپ بولغان سوقماقنى ئالمىغانلىقىنى كۆرگەن باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ساتارمەن بىرلىكتە دەۋەيلىشىپ خەنسۇ خېرىدارنى ئېلىشقا مەجبۇرلىغان. نەتىجىدە، نەق مەيداندىكى يەرلىك خەنسۇلار بىلەن ئۇيغۇر سوقماقچىلار ئوتتۇرىسىدا جىدەل چىققان. جىدەلدە سوقماقچىلار يارىلانغان، ھارۋىلىرى ئۆرۈلگەن، سوقماقلىرى بىزەپ قىلىنغان. يەرلىك ج خ تارماقلىرى جىدەلگە ئارىلاشقان بىر يەرلىك كىشىنى تۇتۇپ تۇرۇش، سوقماقچىلارغا 160 مىڭ سوم تۆلەم بېرىپ يۇرتىغا قايتتۇرىۋېتىشتەك چارە بىلەن دىلونى ھەل قىلغان.

مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئون نەچچە يىل ياشىدىم. پەرقلىق شەھەرلەردە ھەرخىل سالاھىيەتتە تۇرمۇش كەچۈردۈم، تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولدۇم. ئىچكىرىدىكى يىللىرىم ئاساسەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ مەكتەپ سىرتىدىكى سىتۇدېنتلىق پۇرستىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ كۈلكىسى ۋە كۈلپەتلىرىدىن بىخەۋەر قالمىدىم. مەزكۇر مۇنازىرىلەرنىڭ تېمىسى بولغان سوقماقچىلار بىلەن كوچىدا، پويىزدا ۋە بازارلاردا سۆھبەتتە بولغانمەن. شۇڭا ئۆزەمنى ئۇلار ھەققىدە يېزىش ۋە سۆزلەشكە قەرىزدار ۋە لاياقەتلىك دەپ قارايمەن. ئالدى بىلەن سوقماق ۋەقەسىگە خەنسۇ تورداشلارنىڭ قانداق چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيەدە بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

1.سوقماق ۋەقەسى ۋە خەنسۇ تورداشلار خەنسۇ تورداشلارنىڭ مۇنبەلەردىكى ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ سوقماق ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەش مۇمكىن . بىرىنجى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىتىبار سىياسىتى ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدا مۇشتۇمزورلۇق قىلغىنى ئاز كەلگەندەك جوڭگۇنىڭ خەنسۇلار رايۇنىدىمۇ زوراۋان، قائىدىسىز ۋە ئۆكتەم قىلىۋەتتى. ئىككىنجى، ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا ئاپتۇنومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەنسۇلار ئىككىنجى پۇقرالىق سالاھىيىتىدە ياشاپ ئۇيغۇرلارنىڭ خورىگىنى ئۆستۈرۈپ قويدى. ئۈچىنجى، ئۇيغۇرلار پۈتۈن مىللەت بويىچە ئىسلامغا ئىتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغانلارنى ئۆلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن. ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياۋۇزلۇقلىرىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا ئىسلامغا ئىشەنمەيدىغان خەنسۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ ۋە خالىغانچە بوزەك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تېرورچىلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئىسلامنىڭ تېرورچىلىقنى تەرغىپ قىلغانلىقىدىن بولغان. تۆرتىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى تەييارتاپ، ھورۇن، تەرتىپسىز شۇڭا ئۇيغۇرلاردىن ئوغرىلار، زورلاپ ساتقۇچىلار ۋە زەھەر ئەتكەسىچىلىرى كۆپ چىقىدۇ. ئۇيغۇرلار ئالى مەكتەپكە ئىتىبار بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالى مەكتەپتە ئىتىبار قىلىنىپ لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، نەتىجىدە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەنسۇلار بىلەن رىقابەتتە تەڭ تۇرالماي ھۆكۈمەتتىن نارازى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتتا ئىتىبار قىلىنىدۇ، كۆپ بالىلىق بولغاچقا نامرات، شۇنداقتىمۇ ئۆزىدىن كۆرمەي دۆلەتتىن زارلىنىدۇ…ۋاھاكازالار. يۇقارقى مۇلاھىزىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا چەكلىمىسىز ئىتىبار قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقى ۋە ھورۇنلىقى سەۋەبلىك تەرەققىي قىلالماي ھۆكۈمەتكە يۈك بولغانلىقى بولدى. مانا بۇ ئىچكىرىدە ياشاۋاتقان خەنسۇ ئاۋامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى رىياللىقىغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە شۇ سەۋەبلىك سوقماق ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىگە تۇتقان ناتوغرا پوزىتسىيەسى. بۇنداق چۈشەنچە ۋە پوزىتسىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە ھاكىمىيەتنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئەمەلگە ئاشماس ئاپتونۇمىيە سىياسىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە قاراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رىياللىقىغا ئۇيغۇنسىز غايىۋىي تەرغىباتى سەۋەب بولغان. بۇندىن باشقا سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ھاكىمىيەت تېرورچىلىققا قارشى خەلقئارا ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بىلەن مەملىكەت ئىچىدە تەشىۋىقات ئۇرۇشى قوزغىغانلىقتىن تېرورچىلىققا باغلىنىپ قالغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۆزىمۇ بىلمەستىن خەلقئارالىق دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە بىر جەھەتتە، ئۇيغۈرلارنىڭ خەنسۇ پۇقرالارغا تەرەپسىز، ھەققانىي مەيداندا ئۆز مەدەنىيىتى ۋە رىياللىقىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى ۋە شارائىتى بولمىغانلىقىمۇ موھىم بىر سەۋەب. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، خەنسۇ تورداشلارنىڭ مۇنازىرىدە ھاكىمىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى سوقماق ۋەقەسىگە باھانىداپ دەۋېلىش خاھىشىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە.

سوقماق ۋەقەسى ھەققىدىكى ئاۋام تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا بەزى خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ توردا ئېلان قىلغان قاراشلىرى بىر قەدەر تەمكىن، ئەمەلىي ۋە ئەتراپلىق. جىنەن ئۇنۋېرىستىتىنىڭ پروفېسسورى ياۋ شىنيوڭ ئەپەندى سالماق پىكىر قىلغان خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ بۇ مەسىلىدىن بەكلا جىددىيلەشكەن. سوقماق ۋەقەسىنىڭ شاۋگۇئەن ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر مەيدان توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇشىدىن ئەنسىزلىككە چۈشكەن. ئۇنىڭچە ئۇيغۇر تورداشلارمۇ گۇناھنى بوينىغا ئېلىشى، خەنسۇ تورداشلارمۇ بىر قانچە ئۇيغۇر سوقماقچى سەۋەبلىك پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئەيىپلىمەسلىگى كېرەك. ئۇ سوقماق ۋەقەسىنى جوڭگۇدا يېزىلاردىن شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ بۇنى بىرەر مىللەت بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەن بۇ كىشىنىڭ ئەنسىزلىككە چۈشكەندىكى ئىزگۈ نىيىتىدىن سۆيۈنىمەن. ئەمما شىنجاڭدا تۇرغان بىلەن ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەي قىلغان پىكىرلىرىگە تۈزىتىش بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. مەنچە ئۇيغۇرلار بۇ ئىشتا ياۋ ئەپەندى ئەنسىرىگەن زوراۋانلىقنى سادىر قىلمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ھەق سۆزى خۇدا، ھوقۇق، نىسىۋە، توغرا ۋە ھەققانىيەت مەنىسىدە كېلىدۇ. ھەق سۆزىنىڭ ئەڭ يارقىن مەنىسىنىڭ ئاللاھ ۋە ھەققانىيەت ئىكەنلىگى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئادالىتىگە شەكسىز چىنپۈتىدىغان ۋە ھەق يولىدا ياشاپ ھەق يولىدا جان بېرىدىغان مىللەت ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدىغان كىچىككىنە دەلىل. بىر قانچە ئۇيغۇر سوقماقچىنىڭ ھەق يولىغا مۇخالىپ قىلمىشى سەۋەبلىك جازالانغانلىقى ئۇيغۇردا كىملەرگىدۇ نارازىلىق پەيدا قىلمايدۇ. قارىغاندا مەزكۇر ئاق كۆڭۈل تەتقىقاتچى ئۇيغۇرلارنىڭ 2009-يىلدىكى پاجىيە سەۋەبلىك نېمىشقا شۇنچە غەزەبلەنگەنلىكىنى تېخىچە چۈشەنمەپتۇ، مىڭ ئەپسۇس، تۆكۈلگەن قانلار.

2.سوقماق سوققان سۇئاللار مەن سوقماق دىلوسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن ۋە بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىدىن پەقەت ھەيران قالمىدىم. پەقەت ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ باشقۇرۇلۇش ۋە جازالىنىش ئەھۋالى بىلەن مەكتەپ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئاجايىپ ئوخشاشلىقنىڭ مەۋجۇدلىقى مېنى ئويغا سالدى. ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلار ئىمتىھاندا كۆچۈرسە نازارەتچىلەر " ئۇلار ئۇيغۇرچە پاراڭلاشتى، تىلىنى بىلمىگەچكە كۆچۈردۈڭ دېگىلى بولمىدى" دەپ توسۇمايدۇ، جازالىمايدۇ. ئىچكىرىدە ئوغۇرلۇققا سېلىنغان ئۇيغۇر بالىلارنى ساقچىلار «تىلىنى بىلمىگەچكە سوراق قىلىشقا ئامالسىز قالدۇق» دەپ قويۇپ بېرىدۇ. ئىچكىرىدە ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار بىر بىرى بىلەن جىدەللىشىپ قالسا مەكتەپ «ئىچكى ئىشىڭلار ئىكەن، ئۆزۈڭلار كېلىشىۋېلىڭلار» دەپ سورىمايدۇ. ئۇيغۇر پۇقرالار ئىچكىرىدە ماجرالاشسا ھەتتا چانىشىپ كەتسىمۇ ساقچى سورۇمايدۇ، چۈنكى بۇمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئىشى» سانىلىدۇ. نەتىجىدە ئىچكىرىدە ھەر قايسى يۇرتلار بويىچە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىر بىرى بىلەن شەھەر تالىشىپ جودالىشىدۇ، تۈرلۈك تىجارەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىشىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارغا ئىمتىھانلاردا خەنسۇ سىتۇدېنلاردىن تۆۋەن نومۇر چېكى بېكىتىلىدۇ، ئېنگىلىزچە تىل ئۆلچىمى قويۇلمايدۇ، يوقلىما قىلىنمايدۇ، تۇرۇپ تۇرۇپ پۇل تارقتىپ «يارىدەم» قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئادەم، خىرويىن، نەشە قاتارلىقلارنى يۆتكەپ ساتسا جازادا ئىتىبارغا ئېرىشىدۇ. جازالغانغان تەقدىردىمۇ خەنسۇ پۇقرالارنى زىيانغا ئۇچراتمىغان، ئۇيغۇر ئەمەس داۋاگەرلەر مۇستەھكەم تۇرمىغان ئەھۋالدا پارا بىلەنلا قويۇپ بېرىلىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئادەم سودىگىرى يالماۋۇزلارنىڭ، خىرويىن ئەتكەسچىسى ناكەسلەرنىڭ، نەشىكەش ئوغرىلارنىڭ ئىچكىرىگە يىغىلىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى. مەن بېيجىڭدىكى بىر قوشۇننىڭ كاتىۋېىشىنىڭ شوركىلىرىغا «ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قويمىغان بولساڭ ھەر قاندىغىڭنى بىر يىلغا قالماي چىقىرىۋالالايمەن» دېگىنىنى ئاڭلىغانمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار بىلەن ساياق ئۇيغۇلارنىڭ ئەھۋالىدا پەرق بار دېيىلسە بىر دىنبىر پەرق ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار مەيلى نېمە قىلسۇن مەكتەپتىن قوغلانماي دېپلۇم بېرىپ يولغا سېلىنىدۇ، لېكىن ساياقلار پات- پات سۈر توقاي قىلىنىپ تۇرىدۇ.

خوش، ئىچكىرىدىكى ساقچىلارنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ساياقلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر سىتۇدېنتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى نېمىشقا بۇ قەدەر ئوخشاپ قالىدۇ؟ بۇنداق پوزىتسىيەگە يوشۇرۇنغان كەمستىشنى قانداق چۈشىنىمىز؟ جىنايەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا جىنايەتچى سەۋەبچىمۇ ياكى جىنايەتكە يەل بېرىدىغان موھىتمۇ؟ ھورۇنلۇققا، قائىدىسىزلىككە، بىلىمسىزلىككە تەلەپنى تۆۋەن قويغان، باشقۇرمىغان مەكتەپ سەۋەبچىمۇ ياكى يايلاپ ئوقۇپ يۈرگەن ئوقۇغۇچىمۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچان خەنسۇچە ئوقۇغىنى ئۈچۈن نومۇر قوشۇشنى، قوش تىلدا ئوقۇغىنى ئۈچۈن ئىتىبار قىلىشنى، سوقماقنى زورلاپ ساتقىنى ئۈچۈن جىنايەت سادىر قىلسىمۇ كەڭچىللىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپتىكەن؟ بۇنداق ھىچ بىر تەلەپسىز ئىتىبار قىلغانلىقنىڭ جىنايەتكە يېتەكلەشتىن، ئۇيغۇرنى مەجروھ قىلىشتىن، ئۇيغۇرنى ئۆز مەدەنىيىتىنى تاشلاپ بېقىندى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن، خەقنىڭ كۆزىگە مىيىپ، بەتبەشىرە كۆرسىتىشتىن باشقا نېمە رولى بولدى؟ ئۇيغۇرلار باراۋەر مۇئامىلىگە مۇھتاجمۇ ياكى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى خاتا چۈشەنچىگە پاتۇرۇدىغان ھاقارەتلىك ئىتىبارغىمۇ؟ ئۇيغۇرلار سوقماقچىلارنىڭ زورلاپ سېتىش مەسىلىسى نېمىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەمەس ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنسۇلار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ؟ بۇ سوقماقچىلار نېمىشقا شىنجاڭدىكى خەنسۇلارغا ئەمەس ئىچكىرىدىكى خەنسۇلارغا سوقماقنى زورلاپ ساتالايدۇ؟ ئەگەر ئىچكىرىدىكى خەنسۇ خېرىدار ۋە ئۇيغۇر سوقماقچى ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ ئىش شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بولسا ئامانلىق دىلوسى سۈپىتىدە ئاخىرلىشارمىدى ياكى خەنسۇلارغا قارشى تېرورلۇق ۋەقەسى بولۇپ قانلىق باستۇرۇلارمىدى؟

3.سوقماق ۋەقەسى ئۇيغۇردىكى «نۇقسانلار»نى ئاشكارلىدىمۇ؟ سوقماق ۋەقەسىگە ئۇيغۇر تورداشلار ناھايىتى سالماق مۇئامىلىدە بولدى. بىر قىسىم تورداشلار بۇنىڭ سەۋەبىنى شىنجاڭدىكى تەڭسزىلىك، ئىشسىزلىق، نامراتلىق، مائارىپسىزلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشتى. بەزىلەر بۇنى ئۇيغۇر مىللتىدىكى دىننىڭ سۇسلىشىپ كەتكىنىگە جوراپ ئىزاھلاشتى. يەنە بەزىلەر بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقسانلىق مىللەت ئىكەنلىكىگە، ئۇيغۇردىكى بۇنداق نۇقسانلار تۈزىتىلمىسە مۇشۇنداق ھەممە يەردە «سېسىپ» كېتىدىغانلىقىغا تارتىپ ئوچۇقلىدى. مەيلى كىم نېمە دېسۇن ھىچكىم سوقماقچىلارنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا دەپ قارىمىدى. ئىچكىرىدە خەنسۇلارغا سوقماقنى زورلاپ، قورقۇتۇپ ساتقان ئۇيغۇرلارنى ئويلىغىنىمدا ئېسىمگە ئىستانبۇل بازارلىرىدا، مەككە كوچىلىرىدا، دۇبەي رەستىلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى كەلدى. ئۇلار نېمىشقا زورلاپ ساتمايدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا يەرلىكلەردىن تاياق يىمەيدۇ؟ ئۇلار نېمىشقا يەرلىكلەرگە شۇنچە ياخشى تەسىر بېرىپ يىللاپ ۋەتەنگە قايتماي راۋان تىجارەت قىلىدۇ؟ بۇنىغۇ يەككىلەرنىڭ، توپ ھاسىل قىلمىغانلارنىڭ ئىشى، ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايدۇ دەيلى، ئۇنداقتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئاۋىسترالىيەقاتارلىق ئەللەردە مەھەللە ھەتتا يۇرت بەرپا قىلىپ خەقنىڭ ئارىسىدا ئىززەتلىك پۇقرا بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى نېمە دەيمىز؟

بىلىشىمچە ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ گەنجىياكو، ۋېيگوڭسۇن؛ گۇئاڭجونىڭ سەنيۈنەنلى دېگەن يەرلىرىدە 80- يىللاردىلا ئۇيغۇر مەھەلىللىرىنى بەرپا قىلغان. ھازىر بۇ مەھەللىلەردىن ئىچ قانداق ئەسەر يوق. مەن تولا بارغان گەنجىياكو ۋە ۋېيگوڭسۇن مەھەللىللىرى ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى خەنسۇلارغا تونۇشتۇرغاندىن باشقا ئادەم سودىسى، خىرويىنكەشلىك، نەشەكەشلىكنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان ئېدى. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن 60-يىللاردا تۈركىيەگە كۆچۈپ چىققان بىر توپ تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھرىدە مەھەللە بەرپا قىلىپ ھازىرغىچە خاتىرىجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. 2006-يىلى ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە بارغىنىمدا باشقا يەرلىك كىشىلەردىن بۇ بىر مەھەللە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچ قانداق بولۇشسىز ئىپادە كۆرمىگەنىدىم. 80-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركۈملەپ كۆچۈپ چىقىپ ئاۋىستىرالىيەنىڭ مىلبورىن شەھرىدە بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بەرپا قىلغان بولۇپ شۇ جايدا بەختلىك ياشىماقتا ئىكەن. ئەمما دەل شۇ 80-يىللاردا گۇئاڭجودا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەھەللىسى ھازىر ئاللىقچان تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلدى. خوش، ئەگەر نۇقسان ئۇيغۇردا بولسا نېمىشقا تۈركىيەدىكى ۋە ئاۋىستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان مەھەللىلەردە كۆرۈلمىگەن چاتاقلار ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە مەيدانغا چىقىدۇ؟ نېمىشقا تۈركىيە ۋە ئاۋىستىرالىيەلەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ئۆزى تەۋە جەمئىيەتكە تۆھپىكار بىر جامائەت بولۇپ قوشۇلالايدۇ يۇ ئىچكىرىدە مەھەللە بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلار شەھەرلەرگە سىغماي سۈرگۈندە بولۇپ يوقاپ كېتىدۇ؟ بەزىلەر ئۇلارنىڭ ساپاسىدا پەرق بار ئېدى دېيىشى مۇمكىن. ۋاھالەنكى قەيسىرىگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار ياركەنتنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن ئابغاننىستان پاسپورتى بىلەن ئاۋۋال ئابغانىستانغا ئاندىن تۈركىيەگە كۆچكەن بولۇپ كۆپىنچىسى ساۋاتسىز ئېدى. ئاڭلىشىمچە ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇلكەن، ئەگەر بىز ئويلىغاندەك ساپالىق، ئالىي مەلۇماتلىق ئىنجىنىر، مۇتەخەسىسلەر بولغان بولسا ئۇنداق ئەمگەكلەر بىلەن بەنت بولمىغان بولاتتى. دېمەك، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي نوقسانى ئەمەس، ئۇيغۇرلار ياشىغان جەمئىيەتنىڭ، تۈزۈمنىڭ كەمتۈكلىكى، ئۇيغۇرلاغا قىلغان نۇقسانلىق مۇئامىلىسى سەۋەبچى.

سوقماقچى ئۇيغۇرلار گۇناھكار، ئەمما ئۇلاردا تۈركىيەنىڭ قەيسەرىدە ياكى ئاۋىستىرالىيەنىڭ مىلبورىندا مەھەللە بولۇپ ياشىغان، بېيجىڭدىكى گەنجىياكو ياكى گۇئاڭجودىكى سەنيۈئەنلىدە توپلىشىپ بازار ئاچقان ئۇيغۇرلاردىكى بىر خىسلەت بار. مەنچە بۇ خىسلەت خۇسۇسىي ئىگىلىك يولىدىكى تەۋەككۈلچىلىك، قورقۇمسىزلىق، مۇستەقىللىق روھىدۇر. بۇ روھ ئۇلارنى غۇرۇرنى، ئىتىقادنى پايخان قىلىدىغان يەرلىك دارىن لويىلارنىڭ قولىدىكى ئاھانەتلىك تۇرمۇشتىن ئازاد قىلىپ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان خەنسۇ يۇرتلىرىغا تاشلىغان. ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان، ياشاۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر مۇشۇ روھنى باغرىدا پەرۋىشلەپ نىسبەتەن باراۋەر، ئەركىن موھىتتا ئۆز يۇرتىدا خورلانغان ئىتىقادى ۋە غۇرۇرىنى ساقلاپ ياشىماقتا. بۇنداق روھنى مەن ئىچكىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ساھىپ تېبەتلەر ۋە موڭغۇللاردا كۆرمىدىم. مەن ئالتە يىل ياشىغان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجودا رەختچىلىك، ئاشخانىچىلىق، تاشچىلىق، قاقچىلىق قىلىدىغان توپ توپ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بار ئېدى. گەنسۇ ئۆلكىسىدە تېبەتلەرنىڭ ئىككى ئاپتونۇم ئوبلاستى بار، لېكىن مەن خەنسۇلارغا تىلى ۋە مەدەنىيىتى يېقىن كېلىدىغان بىر تېبەتنىڭ لەنجو كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلاردەك تىجارەت قىلغىنىنى كۆرمىدىم. مەن ئىشلىگەن غەرىبىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا موڭغۇل ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى بار، ئەمما مەكتەپتە ئۇيغۇرلاردىن باشقا شۇ موڭغۇللاردىن بىرىنىڭ ئاشخانا ئاچقىنىنى كۆرمىدىم. دېمەك، سوقماقچىلارنىڭ ئىچىدىكى خەنسۇلارنىڭ نەپرىتىگە قالغان ساياقلاردىن باشقا يەنە بىر بىر قىسىمى يۇرتىدىكى زۇلۇمدىن قېچىپ سوقماق ياساپ سېتىشنى تۇرمۇش يولى قىلغان، ئىمانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدۇر. ئەمما ئۇلار خەنسۇ مەدەنىيىتىدىن بىخەۋەرلىگى، يېتەرلىك مائارىپ شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا ئۆز يۇرتىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولغان بۇ ئۇيغۇرلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغاچقا ئارىسىدىن بىرەرسى تاسادىپى يەرلىك بىرەر خەنسۇ بىلەن زوكۇنلىشىپ قالغۇدەك بولسا بوزەك بولۇشتىن قورقۇپ خۇددى «قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرۈپتۇ» دېگەندەك ئىش قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى دېھقانلاردىن بولغان تىجارەتچى كىشىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا خەنسۇلاردىن قورقۇتۇلۇپ كۆندۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى نىسبەتەن باراۋەر موھىتتا بۇرۇنقى يۇرتىدا ئالالمىغان دەرتلىرىنى ئېلىۋېلىشتەك ئەخمىقانە خىيالدا بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇلار مەسىلىنىڭ ئۇششاق سەۋەبلىرى، مەنچە ئەڭ موھىم سەۋەب بۇنداق زورلاپ ساتقۇچىلارنىڭ ساقچىلار ۋە ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىتىبار بېرىش دېگەن نام بىلەن كەمسىتىلگەنلىكى، يامان ئۆگىتىلگەنلىكى ۋە ئون نەچچە يىل باشقۇرۇقسىز قېلىپ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىدۇر.


ئالدىنقى: نەپسانە يۇرتۋازلىق ۋە ئەپسانە قەشقەر

كـىيىنكى: ئامېرىكىلىقلاردا ھەرىكەت ۋە ھوزۇر