نەپسانە يۇرتۋازلىق ۋە ئەپسانە قەشقەر

يۇرتۋازلىق تىلغا ئېلىنسىلا ئېسىمگە ئالى مەكتەپلەردىكى يۇرتداشلار زىياپىتى، يۇرتلار بويىچە دوست تارتىشىش بىلەن باشلانغان ئەسلىمىلەر كېلىدۇ. شۇندىن باشلاپ يۇرت ۋە يۇرتۋازلىق ھەققىدىكى ئۇقۇملاردىن يىراق بولالمىدىم. كىملىكىمنى ئۆزۈم ئارزۇلاپ ھىچ قانداق بىر يۇرت بىلەن باغلاپ باقمىغان بولساممۇ قەشقەر ھەققىدىكى سېسىق ۋە ئاھانەتلىك ئەپسانىلەر نەگىلا بارماي ماڭا رودىپايدەك چاپلىشىپ تۇردى. مەن قەشقەر ھەققىدىكى تۇنجى ئەپسانىنى بېيجىڭدا ئاڭلىغانىدىم. ياتىقىمىزدا بىر غۇلجىلىق ساۋاقدېشىمىز بولىدىغان شۇنىڭ ئاغىزىدىن «ئاجايىپ چىڭ قەشقەرلىق جۇمۇسەن» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ھەيران قالغانىدىم. ئۆزى بىر تال تاماكىنىڭ ئەتىگەندە يېرىمىنى چېكىپ ئۆچۈرۈپ قويۇپ چۈشتە قالغان يېرىمىنى چېكىدىغان دوستۇمنىڭ مېنى پىخسىق دېيىشىگە كۈلگۈم كېلەتتى. تۇنجى ھەپتىسى ھەربى مەشىقتىن زېرىكىپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرسام بىر كەلپىنلىك ساۋاقدېشىم سوراپ قالدى. ئوقۇپ بولۇپ بېرىدىغانلىقىمنى سىپايە چۈشەندۈرىۋېدىم « قەشقەرلىكنىڭ گېپى سىلىق بولىدىكەن ھە!» دەپ چاخچاق قىلدى.

بەش يىللىق ئوقۇش جەريانىدا مېنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىگىمنى ئەڭ كۆپ ئەسكەرتكىنى غۇلجىلىق ساۋاقدېشىم بولدى. سىنىپتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، ئادىتى ۋە ناخشا-ئۇسسۇلى ھەققىدە گەپ بولسا ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆزى ئىختىيارسىز ماڭا تىكىلەتتى. ھېلىقى غۇلجىلىق دوستۇم مېنىڭ ئۇسسۇل ئوينيالمايدىغانلىقىمنى مازاق قىلىپ «سەندە قەشقەرلىكنىڭ قېنى يوق» دەپ چاخچاق قىلاتتى. ئۆزى ئەمەس بوۋىلىرىمۇ قەشقەرگە كېلىپ باقمىغان غۇلجىلىق دوستۇمنىڭ نەزىرىدە قەشقەر مەينەتلىك، نادانلىق، ئاڭقاۋلىق، ھاڭۋاقتىلىق، چېقىمچىلىق، مەھكۇم مىجەزلىك ۋە مەزلۇم تەبىئەتلىك پاتقىقىغا پاتقان كىشىلەرنىڭ يىغلغان جايى ئېدى. مەن ئۆزەمنى ئاۋۋال ئۇيغۇ دەپ بىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتىم. قەشقەرگە ئەڭ يېقىن ئاقسۇ ۋە خوتەندىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمدا بۇنداق ئەپسانىۋىي چۈشەنچىلەر ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئېدى. كېيىن بىلىشىمچە بەزى غۇلجا چاخچاقلىرىدا قەشقەرلىك ۋە قازاق دېگەن سۆزلەر دائىم مەسخىرە ئوبىكتى قىلىنىدىكەن. قىزىق يېرى ئۇلار چاخچاقلىرىغا غۇلجىدا ئەڭ كۆپ سانىلىدىغان سىچۈئەنلىك ياكى خېنەنلىكنى خۇرۇچ قىلماي قەشقەرلىكنى تاللاپتۇ، ئۆزىدىن كۈچلۈك خەنسۇنى ئەمەس ئاجىزراق قازاقنى ئوبىكىت قىلىۋاپتۇ.

ئېسىمدە قېلىشىچە قەشقەر ساۋاقداشلىرىمنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە، قەدىمىيلىكىگە ۋە مىللىي خاسلىقىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. مېنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتاپنى تولا ئوقۇغان بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى ھەرىكىتىمدە جارى قىلالمايدىغانلىقم كېيىنكى مۇساپىرلىق ھاياتىمدىمۇ باشقا ئايماقلاردىن كەلگەن دوستلارنىڭ تەئەججۈپىگە سەۋەب بولۇپ كەلدى. ئالى مەكتەپ ھاياتىمدا مەن كىتابلاردىن ئۇيغۇر ھەققىدە ئىزدىنەتتىم، باشقا يەرلىك بەزى ساۋاقداشلىرىم پاراڭلىرىدا، ئاڭلىغان رىۋايەتلىرىدە ماڭا قەشقەرنى ئۆگىتەتتى. مەن تارىخقا شۇڭغىغانچە ئۇيغۇرنى بىر جان بىر تەن دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، كىتاب ئوقۇشنى يۈك دەپ بىلىدىغان ساۋاقداش ۋە مەكتەپداشلىرىم ئۇيغۇرنى بىرەر يۇرتقا ئايرىماسلىقنى خىيالىغا كەلتۈرەلمەيتتى. بېيجىڭدىكى مەزگىلىمدە مارالبېشىلىق بىر مەكتەپدېشىمنى ئېسىمدە يوق ئۇچتۇرپانلىق دەپ تونۇشتۇرۇپ سېلىپ بىر تالاي گەپكە قالغانىدىم. مېنىڭ چۈشىنەلمەيدىغىنىم ئۇچتۇرپانلىق بولۇش بىلەن مارالبېشىلىق بولۇشنىڭ بۇنچە غەزەپلەنگىدەك قانچىلىق زۆرۈرىيىتى بارلىقى ئېدى. بېيجىڭدىكى چېغىمدا ئۇيغۇرسىتۇدېنتلار ئارىسىدا يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان تەڭرىتاغ لوڭقىسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى 1996-يىلى ئۈرۈمچىلىك بالىلارنىڭ «بۇ يىل بىز ئۆتكۈزىمىز» دەپ ئۆزلىرىنى رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ سايلىۋالغىنىغا تاڭ قالغانىدىم. ئالى مەكتەپتە قەلبىمنى بىرەر يۇرتقا مەھبۇس قىلمىغاچقا يۇرتداشلار زىياپىتىگە كەم باردىم، ھەممە يۇرتتىن دوستلىرىم بولدى.

ئۈرۈمچىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا يۇرتۋازلىقنىڭ مۇساپىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك بولىدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم. ئۈرۈمچىگە ھەر قايسى يۇرتلاردىن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان مۇئاشلىقلارنىڭ يۇرتلار بويىچە لاگىرلارغا ئايرىلغانلىقى مېنى قىزىقتۇردى. ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى كەلپىنلىكلەرنىڭ تىزىملىكى چۈشۈرۈلگەن بىر رىسالىنىڭ بارلىقىغا، بىر قومۇللۇق ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ نىكاھىنى ئاتايىن قومۇللۇق ئۆلىما تاپتۇرۇپ ئوقۇتقىنىغا قۇلاق موللىسى بولدۇم. دىققەت قىلسام ھەر قايسى يۇرتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەلدار تۆرىلىرى، مالاي چۆرىلىرى يازغۇچى تارىخچىلىرى يىغىلغانىكەن. ئۇلار مەنپەئەتتىن ئېشىلگەن ئارغامچىغا مەھكەم ئېسىلىپ بىر بىرىگە دوست تارتىشىپ ئىنساننىڭ پىسخىك ئىھتىياجى بولغان تەۋەلىك (ئۆزىنى پۇستانى يۇرتلۇق دېيىش ۋە شۇ ئاتالمىغا باغلانغان نەپكە سىغىنىش) ئىھتىياجىنى قاندۇرىشىدىكەن. يەنە بىرى ئۇلار يۇرتلار بويىچە پىرقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەنىۋىي بىخەتەرلىكىنى قوغۇدىشىدىكەن. رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىش ئۈچۈن لاگىرلاشقان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سان جەھەتتە قايسى يۇرتنىڭ كىشىلىرى ئۈرۈمچىدە كۆپرەك بولسا شۇ يۇرت كىشىلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاسان چېلىقىدىكەن ۋە ئورتاق «دۈشمەن» گە ئايلىنپ قالىدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى مۇئاشلىقلار ئارىسىدا قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپرەك بولۇشى قەشقەر ئەپسانىسىنى پۇرتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈرۈمچىدىكى يۇرتۋازلىقنىڭ مەنبەسىنى ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان رىقابەتتىن باشقا بىخەتەرلىك ئىھتىياجى، تەۋەلىك ئىھتىياجى ۋە ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپمۇ ئويلۇدۇم. مەسىلەن؛ ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى مۇنداق قۇرۇپ چىقىپتۇ. ئاۋۋال يۇرتىدىن ئۇيغۇر شاھلار، ئالىملار، قەھرىمانلار چىققانلىقىنى، يۇرتداشلىرىنىڭ خانلىقنى قۇرغۇچى قەبىلىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغانلىقىنى قېزىپ چىقىپتۇ. ئاندىن ئۆزىنىڭ جەمەتىنى ۋە ياكى مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ جەمەتىىنى شۇ ئۇلۇقلارنىڭ بىرىگە باغلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ مۇنداق خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ: يۇرتۇم ئۇلۇغ شۇڭا ئۇلۇغمەن، جەمەتىم ئۇلۇغ شۇڭا بۇيۈكمەن، شەرىپىم بوۋىلىرىمدىن مىراس قالغان ئۇيغۇرلار ئۇلۇغلۇغۇمنى بىلىشتىن ئاۋۋالمۇ ئۇلۇغىدىم…ۋە باشقىلار. ئۇلۇغلارنىڭ ئۆزىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن يۇرتىنى ئۇلۇغلىشىدا يەنە بىر ۋاستە باشقا يۇرتلارنى چۆكۈرۈشتۇر. ئۈرۈمچىدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قان تەرى ئىقتىسادقا ئايلىنىپ تاغ ياسىغان شەھەرگە ئۇيغۇر نامراتلىرى مەركەزلەشكەن قەشقەردىن كىشىلەر قىشلاقلار بويىچە توپلۇشۇپ مەھەللىلەرنى بەرپا قىلغان بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى يۇرتۋازلىق مەستانىلىرىگە قەشقەرلىكلەرنى چۆكۈرۈشنىڭ مەسخىرە قىلىشنىڭ «تېپىلغۇسىز» دەسمايسىنى تەقدىم قىلىدۇ. بىر قىسىم زىيالىلار بۇنداق چۆكۈرۈشنى ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن جوڭگۇ ۋە چەتئەللەرنىڭ سەيياھ، جاھانكەزدىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىنى توقۇپ چىقىشىدۇ، تارىخ ۋە بۈگۈندىن ئىسپات توپلىشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسمۇ تېپىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇرنى ئەيىپلىك ساناش مودا بولغان زاماندا ئۇيغۇر ئەڭ كۆپ قەشقەر ئەيىپلىك بولماي قەيەر ئەيىپلىك بولماقچىدى؟ قەشقەردىن قاڭقىپ چىققان ئادەم كۆپ بولغاچقا سارىڭىمۇ، سېقىمۇ، ئوغرىسىمۇ توغرىسىمۇ كۆپ بولىدۇ دە!

ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى يۇرتۋازلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان كىشىلەرنى يېڭى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ يۇرتۋازلىقنىڭ مۇئاشلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن نەزىرىيەلەشتۈرىلىشىدە، كىتابلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىكرانلاشتۇرىلىشىدا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، بىر قانچە ئىلىمدار چىقىپ ئەمەلدارلار بىلەن پاسلىشىپ«دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» دېگەن كىتابنى پىلان قىلىشىدۇ. بۇنىڭغا قەشقەرنىڭ داڭلىقلىرى چىداپ بولالماي «ئەزىزانە قەشقەر» دېگەن كىتابقا يەڭ شىمايلايدۇ. نادان زىيالىدىن بىر قانچىسى تۇرپانشۇناسلىق دېگەن خەلقئارالىق ئىلىمگە چىدىيالماي قەشقەرشۇناسلىق دېگەن يوق نەرسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. دۇنيادا ئىلىم ئەھلىلىرىگە تونۇش بولغان ئۇيغۇرشۇناسلىق دىققەتلەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. تەدان زىيالىلار مىللەتچى بولۇپ قېلىشتىن قورقامدۇ، يا ئۇيغۇر بولۇشتىن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئارتۇچلۇق بولۇش كىشىگە كونكىرىت نەپ، نەق پايدا ئېلىپ كېلەمدۇ، يا مىللەتنى ئەمەس يۇرتنى تەكىتلەپ ياشاش بىخەتەرمۇ بىلمىدىم. ئەيتاۋۇر ھازىر ئۇيغۇرنىڭ باغرىغا سىغىنىش، ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى، ئىپتىخارىنى، مەنپەئەتىنى، ھوقۇقىنى تېما قىلغان كىتاب، سىن ۋە دوكىلاتلارنى يېزىشنىڭ ئورنىغا يۇرت-ئايماقلارنى بىرلىك قىلىش كەيپىيات ھاسىل قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مەقسەد ئىلىمدارلار بىلەن ئەمەلدارلار يۇرتلار بويىچە لاگىرلىشىپ ئۇيغۇرنى تاشلاپ ئۆزىنى-يۇرتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تۈر ئېلىش، تەتقىقات تېمىسى ھەل قىلىش باھانىسىدا نەپ قازىنىش بولسا كېرەك.

يۇرتۋازلىق قىلىۋاتقان ياغۇچىلاردا يازمىلىردا «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقىمىنى» دېگەن ماقالدا ئەكىس ئەتكەن كەيپىيات دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. مەسىلەن، بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ يازما ۋە نۇتۇقلىرىدا شىڭشىسەينىڭ يۈز يىگىرمە نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى قەتلى قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنماي ھەدېسە ئابدۇغۇپۇر شاپتۇلنىڭ شىڭنى «پەيغەمبەر بولاركەن» دېگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇقادىر داموللام، تەۋپىق ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلىمىمۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. شىڭنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان خوجانىياز ھاجىنىمۇ قەشقەرلىكلەر مەغلۇپ قىلغان دېيىلىدۇ. ئۇلار بۇ ئەپسانە ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدىن (قەشقەرلىكتىن) باشقا دۈشمىنى يوق دېگەننى ئىسپاتلىماقچى. چۈنكى ھامان ئېشەككە كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دانالىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر قۇربانلىق تېپىشقا مۇھتاج، ئۇ بولسىمۇ روھى ۋە جسسمانى جەھەتتىن تەڭلا ھەپسىگە مەجبۇرلانغان قەشقەردۇر. ماڭا بەزى كىشىلەرنىڭ قەشقەرنى ئەپسانىلەشتۈرۈپ تىللاشلىرى ۋە سېسىتىشلىرى ئۆيىنى ئوغرىغا بەرگەن قېرىنداشلارنىڭ بىر برىنى ئوغرى تۇتۇپ ھۆرپىيىشلىرىگە ئوخشايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلمەي قالغان لېكىن زامانىۋىي تۈس ئېلىپ سەمرىگەن يەنە بىر بىخەتەر پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بار، يەنى ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرغا يامانلىق قەشقەرلىكتىن - ئۇيغۇردىن كەلگەن، روس مۇستەملىكىچىلىرى، شىشىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشىدىن ئەمەس. ئۇيغۇرنىڭ بەگۈنكى زەبۇنلىقىغا بۇ مىللەتنىڭ نۇقسانى سەۋەبكار. بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى ناخشىلاردا «بۇ قىسمەتكە نېمە دەي ئۆزەمنىڭ شورى» شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. زامانىمىزدا مۇشۇنداق ئويلاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان، ئەڭ بىخەتەر يولى. چۈنكى ئۆز جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىشتە موللىسى ۋە يازغۇچىسىنىڭ ئىھتىياتچان تەشۋىقاتىدىن باشقىغا باشقىغا كۈچى يەتمەيدىغان مىللەتكەتكە بۇندىن ئارتۇق تەسەللى يوق.

يۇرتۋازلىقنىڭ سەۋەبىنى بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى قەبىلە ھاياتىغا باغلايدۇ،. بەزىلەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىقلارنىڭ مەزھەپ كۆرىشىنى يۇرتۋازلىقنىڭ مەنبىيى دەپ بىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرى ئارىسىدىكى تەبىئىي شارائىت، يوسۇن ۋە شىۋە پەرقىنى يۇرتۋازلىقنىڭ سەۋەبكارى دەپ تونۇيدۇ. مەن يۇرتۋازلىقنى تارىخى ھادىسە دەپ قارىمايمەن. چۈنكى ھىچ بىر ئۇيغۇر تارىختا ياشىمايدۇ. بۈگۈنكى زاماندا ياشاۋاتقان ھىچ بىر ئۇيغۇرنىڭ خۇي-پەيلى، ئىددىيىسى ۋە كۆزقارىشى تارىخنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. چۈنكى بۈگۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بۈگۈنكى جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. جەمئىيەتتە ئەۋج ئالغان خۇشاللىق، خاپىلىق، قورقۇنچ پەيدا قىلغۇچى ئامىللار ۋە چەكلىگۈچى، باشقۇرغۇچى، تەھدىت سالغۇچى كۈچلەر كىشىلەرنىڭ مىجەزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى يۇرتۋازلىقنى ئۇيغۇرنىڭ تارىختىكى رىياللىقىدىن ئىزدەش ماڭا ئىلمىيلىك تۇيۇلمايدۇ .جوغراپىيلىك پەرقلەر، يوسۇن ۋە تەلەپپۇزدىكى ئۆزگىچىلىكلەر ئالاقەدە ياتسىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما يۇرتۋازلىقنى پەيدا قىلىشى ناتايىن. بۇنداق پەرقلەر يۇرتۋازلىقتىن خالى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىمۇ بار. مەنچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇرتۋازلىقنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل بىر ئىنساننىڭ جەمئىيەتتە مۇناسىۋەت تورىنى ياراتماي تۇرۇپ قابىلىيىتىگە تايىنىپ مۇستەقىل ياشىيالماسلىقى.

بىر كىشىنىڭ مۇتلەق ئادىل قانۇننىڭ ھىمايىسىدە ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلالماسلىقى دۇر. شۇڭا كىشىلەر مەنپەئەتنى مەقسەد قىلغان ئىجتىمائىي تور شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇداپىيە سېپى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر جەمئىيەتتىن نەپلىنىپ ياشاش ئۈچۈن مۇناسىۋەت تورىغا مۇھتاج، مۇنداق مۇناسىۋەت تورى ئۆزى بىلەن تەلەپپۇز، يوسۇن ۋە جەمەت قاتارلىق جەھەتلەردە يېقىن بولغان يۇرتداشلىرى ئارقىلىق قۇرۇپ چىقىلىسا قولاي بولىدۇ. بۇندىن باشقاكىشىلەر بىخەتەرلىك ئىھتىياجى ئۈچۈنمۇ بىر توپنى قۇرۇپ چىقىشقا مۇھتاج. بۇ توپ ئەلۋەتتە يۇرتداشلاردىن تەشكىللىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىيارىدا خالىغانچە كۆچۈش، ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەت چەكلەنگەنلىگىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش پۇرسىتىنى ئازايتىپ يۇرتۋازلىققا مەنىۋىي ئاساس ياراتقان ئامىل. ئۇيغۇردا يۇرتۋازلىقنى پەيدا قىلىۋاتقان يەنە بىر ئامىل تۆمۈر نوپۇس تۈزىمى ۋە ئۆزگە يۇرتلۇقلارنى تىزىملاش تۈزىمىدۇر. بىر شەھەرگە يەرلىك بولمىغان كىشى دائىم نازارەتتە ياشىسا، شۇ يەرلىك خەلق بەھرىمەن بولغان شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالمىسا ئۆزىنى شۇ شەھەرلىك دەپ قارىيالمايدۇ. نەتىجىدە ئۆزى بىلەن بىر يۇرتلۇق كىشىلەردىن گورۇھ تەشكىللەيدۇ. ئوخشىمىغان يۇرتلاردىن كەلگەن گورۇھلار ئۆز مەنپەئەتىنى قوغۇداش ئۈچۈن دائىم رىقابەت مەيدانىغا چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرتۋازلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ھەتتا بۇ كۆچمەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالىدۇ. دېموكراتىيەتىك كەيپىيات ئەۋج ئالغان ئەللەردە يۇرت سۆيگۈسى بولۇپ يۇرتۋازلىقنىڭ بولماسلىقى، ئىنساننىڭ بىخەتەرلىكى، كىملىكى، سالاھىيىتى ۋە تۈرلۈك ھەق ھوقۇقلىرى ماكاننىڭ، يۇرتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن قوغۇدىلىدىغانلىقىدىندۇر. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يۇرتۋازلىقنى يۇقىتىشتا تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

ھەر قانداق كىشىدە يۈرت سۆيگۈسى بولىدۇ. بۇ بىر نورمال ئىنسانى تۇيغۇ. بىراق بۇ تۇيغۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، باشقىلارنى چۆكۈرۈش، جەمەتىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش، گوررۇھلىشىپ نەپسانىيەتكە يول ئېچىش ۋاستىسى بولۇپ قالسا كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ. يۇرتۋازلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇملاشقان كەيپىيات ئەمەس، پەقەت بىر قىسىم كالتە پەم مۇئاشلىق زىيالىلاردا كۆرۈلىدىغان مەرەزدۇر. بۇرۇن بۇ مەرەزنىڭ زىيىنى ئانچە بىلىنمەي كەلگەن ،لېكىن تور قاتارلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىلىرى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى زاماندا بەزى يۇرتلار ھەققىدىكى مەھەللىېۋىي چاخچاقلار تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ باشقا يۇرت كىشىلىرىنىڭ قەلبىنى چىگىدىغان دەرجىگە يەتتى. بىر قىسىم يارىماس يازغۇچىلارنىڭ ناباپ يازمىلىرىدىكى ۋېرۇس پىكىرلەر كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىنى كېسەل قاراشلارغا مۇپتىلا قىلدى. شۇڭا بۇ قىسقىچە مۇلاھىزىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم. مەقسەد ئۇنتۇلۇپ كېتىشى كېرەك بولغان ھەم ئەسلىدىنلا ئۇنتۇلۇپ بولغان يارىلار قايتا قوزغالمىسا، ئارىمىزدا بۇ سەۋەبلىك يۇرتۋازلىق پىتنىسى قوپمىسا دېگەن ئۈمىدىم بار.



ئالدىنقى: چاي ئىچمەكنىڭ بايانى

كـىيىنكى: ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار- مەسىلە ۋە مۇلاھىزە