چاي ئىچمەكنىڭ بايانى

چايخورلۇق بىزدە قومۇلدىن ئىستانبۇلغىچە داۋام قىلىدىغان ئەنئەنىۋىي ئىچمەك ئادىتى. چاي دېگەن سۆزمۇ مەن ئۇچراشقان ئىسلام ۋە باشقا دىندىكى شەرق خەلقلىرىنىڭ تىلىدا ئوخشاش. مەسىلەن؛ ھىندىچە، ئەرەبچە، فارىسچە، كوردچە، ئوردۇچە، پەنجاپچە، تۇركچە، ئۇيغۇرچە، رۇسچە، خەنسۇچە قاتارلىقلاردا چاي دېگەن سۆز ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەلەپپۇزدا دېيىلىدۇ. ئامېرىكىدا بىر لېكسىيەدە ئاڭلىشىمچە چاي ئەسلى كامبودژادىن كەلگەنىكەن. باشقا مىللەت تىللىرىدىكى چاي دېگەن سۆزمۇ كامبودژانىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ تىلىدىن مەنبەلەنگەنىكەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى چاي سۆزى ھىندى، پارىس، كورد تىللىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ يەردە تۈركچە بىلەن ئوخشاشلىقىنى دەپ يۈرۈش ئارتۇقچە ئەلۋەتتە.

قەشقەردە ئۇزاق تارىخقا تۇتىشىدىغان چايچىلىق ئەنەئەنىسى بار. بۈگۈنكى چايخۇمارلىقىمىزمۇ شۇ تارىخىنىڭ داۋامى. قەشقەردە دوستلار بىلەن ئىچكەن چاي بەرىكەتلىك، مۇھەببەتلىك ۋە نەتىجىلىك بولدى. شۇ چايلاردىكى دوستلۇق رىشتىسى، پىكىرداشلىق بىزنى تېخىمۇ زور ئىشەنچكە ۋە ئۈمىدۋارلىققا چۈمدۈردى. ئۈرۈمچىدە چاي ئىچىپ باقمىغان ئەمما بىر چاي ئىچمەككە مەيلىمىز مەرغۇپ ئېدى. رىسقىمىز چۈشۈپ ساقچىلارغا ئەرزىپ ئىككى رەت چايغا تەكلىپ قىلىندۇق. ئىككىنچى چاي 19-ماي ھەرەمباغ چايخانىسىنىڭ ئاستىنقى خانىسىدە بولدى. چايدا قازاقلارنىڭ توي ۋە ئاياللارغا ئائىت ئادەتلىرى، خەنسۇلارنىڭ قىلىقلىرى سۆزلەندى. ماڭا جىق نەسىھەتلەر قىلىندى. 19-ماي نورۇزغا تەكلىپ قىلىنغان دۇمان ئىسىملىك قازاق قېرىندىشىمىز ھەققىدىكى گۇمان ۋە باشقا بىر ئۇيغۇر كىشى ھەققىدىكى ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتۈلدى. مەن غەيۋەتنى يامان كۆرىدىغان كىشى بولغىنىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىككى ئادەمنىڭ قىلىقى ئارقىلىق بىر مىللەتكە باھا بېرىشكە ئۆچ بولغىنىم ئۈچۈن تېمىلارنى پەقەت ياقتۇرمۇدۇم. بولۇپمۇ قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئادىتى ھەققىدىكى ئەپسانىۋىي باھالار مېنى غەزەپلەندۈردى. توي ۋە باشقا ئادەتلەردە ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ بىر برىنى ھەيران قالدۇرغىدەك، مەسخىرىگە سەۋەپ بولغىدەك پەرقى يوق.

ئۈرۈمچىدىكى چاي تىنچ، خاتىرىجەم، قۇرداشلارچە ئۆتكۈزۈلدى. مەنچە نورمال بىر ئىش. ئىككى ئۇيغۇر ساقچى خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. مۇئاشىنى ئالدى، بالىسىنى باقتى. مەنچە شۇلارمۇ مۇئاش ئالسۇن، شۇلارمۇ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن خاتىرىجەم ياشىسۇن، ئۇلارغا ماسلىشىشمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلى ئۈچۈن تەر ئاققۇزۇۋاتقانلارغا نالايىق ئىش ئەمەس. ئۇيغۇر تىلى شۇلارنىڭمۇ ئانا تىلى. ئۇلار مۇشۇ ئانا تىلسىز چاي ئىچۈرۈىشتىن مۇئاش ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر باشقارما باشلىقىغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى. 18-مارت سائەت ئون بىر يېرىمغىچە بىز بىلەن بىللە بولغانىدى. ئەتىسى يەنە ئالتە يېرىمغىچە بىزنى چايلاندۇردى. بىچارىنىڭمۇ ئائىلىسى بار بولغىيدى. خىزمەت دېگەننى سەكىز سائەت قىلىدىغان نەرسە. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ئاشۇنداق كېچىنى كۈندۈز دېمەي ئىشلەيدىغان بولسام مۇئاش قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتىم ياكى خىزمەتنى تاشلاپ بۆلەك ئىش قىلاتتىم. ئۇنداق ئائىلىسىنى بالىسىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئېرىشكەن نەپنىڭ زادى قانچىلىك ئەھمىيىتى بارلىقىدىن دەرگۇمانمەن. مەن ئۇلارنى ناچار بالىلاركەن دەپ قارىمىدىم. ئۇلارنىڭ بىرسى بېيجىڭدا مەن بىلەن بىر قاراردا ج خ ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغانىكەن. تونۇش چىقىپ قالدۇق. تولىمۇ قىزىق قان بالىلار ئېدى. مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرساق بەزىدە ئۇرۇشۇپ قالاتتى باشقا ئۇيغۇر سىتۇدېنلار بىلەن. ھاراقنى كارامەت ئىچەتتى كاساپەتلەر. ھاراق ئىچىپ خەنسۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇخلاتمىغاچقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىنى بىر يەرگە يىغىپلا تۆمۈر رىشاتكا بىلەن ئايرىۋەتكەنىكەن. ئەمما بۇ ئىكىلىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى تولۇق ئەمەسكەن، توردىكى يازمىلىرىمدىن بىخەۋەركەن. سوراشلاردىن مەلۇم بولدىكى ئىككىلىسى ياتزۇۋانكەن. مەن ئۇلارنى پەزىلەتسىزكەن دەپ قارىمىدىم، ھازىرقى بېسىم ئۇلارنىڭ خاھىشى ئەمەستەك، خىزمەت قىلىۋاتقاندەك پەقەت. مەن مۇشۇنداق ئىنسانلىقىدىن كەچمىگەن كىشىلەردىن ئۈمىدۋار.

ئۈرۈمچىدىكى چاينىڭ بايانى مۇشۇنچىلىك. مەكتەپ ئېچىش، رەسمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىم بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىۋاتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ تەلىپى ناھايىتى كۆچلۈك. بالىلارغا يۈز كېلەلمەيۋاتىمەن. بالىلىرىم ۋە ئاتا ئانىلار بۇ توختاپ قېلىشلارنى قوبۇل قىلالمىدى. ئۈرۈمچى دېگەن كاساپەت مېنى جەلىپ قىلىپ، تەكلىپ قىلىپ ئاخرى بىر چاي بىلەن مەكتەپ پەكتەپ ھەممىنى توزىتىۋەتتى. توزىدى چاڭ توزاڭلاردەك، ئەمما توزىمىدى غەيرىتىمىز، ئىرادىمىز. بۇرۇنقى شىرىكنىڭ رەسمىيىتىم بار دەپ بىر توقام تامغىلىق قەغەزلىرىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن. نەدىن بىلەي مەن بىلمەيدىغان يەنە بىرمۇنچە توقاملارنىڭ بارلىقىنى. بوپتۇ، بارلىق توقاملارنى توقۇپ بولۇپ قايتا ئاچارمىز. شەرتلەرنى ھازىرلاپ ئاخىرقىسىغا كەلدۇق.

چايچىلىق ئېسىل ئادەت مەنچە. تۈركچىدە چاي ئىچمەك مۇھەببەتلىك سۆھبەتتە بولماق مەنىسىدە كېلىدۇ. بىزدەك چاي ۋە چايخورلۇق تارىخى بولغان مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن چاي ئىچمەكتىن قورقماق بىھاجەت. مېنىڭ ئىناۋىتىمنى قىلىپ ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك ئىدارە ۋە ئەترەتلەردىن كەلگەن دوستلارغا تەشەككۈر. بولسا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كېلىشىنى، دائىم تەكلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇمكىن بولسا ساقچى ۋە ساقچىلىققا تەۋە قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى ۋەھشىلىكنىڭ، تەھدىتنىڭ، زوراۋانلىقنىڭ ۋەكىلى قىلىۋالماي ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر پۇقرا بىلەن باراۋەر، دوستانە، ئىنسانىي سۈپەتتە چايخورلۇق قىلىشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ھوقۇقى قانۇننىڭ قوغۇداش ئوبىكتى. ساقچى دوستلىرىمىز پۇقرالىق سالاھىيىتى بىلەن ياشاپ ئۇيغۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن مۇئاش ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئۇيغۇرچە سۆزلىمىسەك، ئانا تىلدىن ۋاز كەچسەك ئۇلار ئەڭ ئاددىيسى خىزمەت ئورنىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. شۇڭا بىزمۇ چاي ئىچىشىپ تۇرايلى ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن، بالىلىرىمىزنىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ چوڭ بولسۇن دېگەن گۇناھىمىز ئۈچۈن. ساقچى دوستلىرىمىزمۇ ئۇيغۇرچە بىلگەنلىك ئارتۇقچىلىقى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدىسۇن.


ئالدىنقى: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

كـىيىنكى: نەپسانە يۇرتۋازلىق ۋە ئەپسانە قەشقەر