ئۆز تاراتقۇ (يېڭى يېزىق: Oz Taratqu; ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 自媒体) ئادەتتە ھېچقانداق قانۇنلۇق ئاساسى يوق ۋە ياكى باشقا ئەنئەنۋى تارتقۇلار (تېلۋىزىيە، گېزىت، ئاگېنتلىق،رادىئو) بىلەن باغلنىشى بولمىغان بىر شەخىس ياكى گۇرۇپپنىڭ ئىجتىمائى ئالاقە سۇپىسدا (فەيسبوك، تىۋىتتېر، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ) يازما ياكى ۋىلوگ ئارقىلىق ئۆز كۆز قاراش، پىكىر، خەۋەر، ۋە باشقا تاماشا ئۇچۇرلىرىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئاۋامغا يەتكۈزۈشنى كۆرستىدۇ. بۇ خىل ئۆز تاراتقۇ ئادەتتىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلاردىن ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا سۈرئىتى تېز، تەكشرۈش بوش ياكى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز تاراتقۇ بەزى چاغلاردا يالغان خەۋەر تارقىتىدىغان، قۇتىراتقۇلۇق قىلىدىغان، ئۆچمەنلىك تارقىتىدىغان، زوراۋانلىققا ئۈندەيدىغان قورالغان ئايلىنىپ قېلىپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېشنى ئاغرىتماقتا. بەزى ئۆز تاراتقۇلار ئىلان كېرىمى ئۈچۈن ھەرخىل يالغان تېما ۋە مەزمۇن يازىدىغان ئەھۋاللار جوڭگودا ناھايتى ئېغىر. بۇخىلا تاراتقۇلار بەزى چاغلاردە ھەتتا دېپلوماتىيەلىك توقۇنۇشقىمۇ سەۋەب بولىدۇ.