ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(1)

ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(1)

ئەركىن سىدىق2007-يىلى 28-نويابىر

مەن ئۆزۈمنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دېگەن تېمىدىكى يازمامدا، يەنى مۇشۇ يازمىنىڭ 1-بۆلۈمىدە، بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تالانت»، «ئىقتىدار»، «قىزىقىش»، «ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇش» دېگەنگە ئوخشاش بىر قىسىم مۇھىم تەركىپلەر بار. تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىزدەك، بۇ تەركىپلەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كەسپىنى توغرا تاللىشىدا، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆز كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇ يازمىنىڭ 1- بۆلۈمىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن 1-بۆلۈمنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەشەببۇس قىلىمەن.

ۋەتەندىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دىكى ھەممە شەرتلەرنى تولۇق ئورۇنلاش ئىمكانىيىتى يوق. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، مەسىلەن، يېزىدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز، ئۇ شەرتلەرنى ھازىرلاشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، «مۇۋەپپەقىيەت» بىر نىسبىي ئۇقۇم بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا سىزنىڭ بەزى ئىشلاردىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتكە قايسى دەرىجىدە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ باھالىشىغا باغلىق. ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى ھازىرلىيالمىغان بولسىڭىز، كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا تولۇق يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقمىسىڭىز، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئېھتىماللىق نۆل بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولىدىكەنسىز، چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ تىرىشىشىڭىز كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدە ئىشلەتكەن قوشۇش، ئېلىش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە، لېكىن ئۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش بەلگىلىرى ئۇ تەڭلىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى «مۇۋەپپەقىيەت = كۆزلىگەن بىر نىشانغا يېتىش» دېگەندىن ئىبارەت ئېنىقلىما، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى تەركىپلەر، شۇنداقلا ئاشۇ تەركىپلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چۈشەندۈرۈشلەردىن ئىبارەت. سىزدە نېمە باركەن، نېمە كەم ئىكەن، شۇنى بىر ئېنىقلاپ بېقىش، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن قايسى جەھەتلەردە تىرىشسىڭىز بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ھەممىدىن مۇھىم. مېنىڭچە ئۇ تەڭلىمىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى مۇشۇ جەھەتتە بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ يازمامنىڭ بېشىدا ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن يەنە بىر ئىش بار. تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ئېلېكتر ئىنژېنېرلىكى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئىنژېنېر بولۇپ، بىرەر ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. مېنىڭ ماقالىلىرىمنىڭ ھېچ قايسىسى ئۆزۈم ئېلىپ بارغان بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا يېزىلغان ئەمەس. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىشىنى، مېنىڭ يازمىلىرىمغا پەقەت بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى ياكى تەكلىپ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىشىنى سورايمەن. مېنىڭ يازغانلىرىم ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، ياكى بىر ئادەمنىڭ ھەممە ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ياشلارغا بەلگىلىك پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن تۆۋەندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى قانداق تاللىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئوقۇرمەنلەردە كېيىنكى مەزمۇنلارنى ئەسلى مەنىسى بويىچە توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس يارىتىشتۇر.

ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ۋە كەسىپ تاللاش جەھەتتىكى ئەھۋالى

ھايات باسقۇچىغا قاراپ تۇرۇپ، كەسىپنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپتىكى كەسىپ. يەنە بىرسى خىزمەتتىكى كەسىپ. گەرچە ئۇيغۇرچىدا بۇ نەرسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى «كەسىپ» دەپ ئاتىلىدىغان بولسىمۇ، ئىنگلىزچىدا ئۇلارنىڭ ئاتالغۇسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يەنى، مەكتەپتىكى كەسىپ «major» دەپ ئاتىلىدۇ. خىزمەتتىكى كەسىپ ئۈچۈن بولسا «career, profession, occupation, vocation» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە بىر خىزمەت كەسپىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە خىزمەت ساھەلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، داۋالاش كەسپىنىڭ ئىچىدە كېسەل كۆرىدىغان دوختۇر، چىش دوختۇرى، سېسترا، جىسمانىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم داۋالاش (ئىنگلىزچە «physical therapist») كەسپى، دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىدىكى تېخنىك، مال دوختۇرى، ۋە دورىگەرچىلىك دېگەنگە ئوخشاش كەسپىي ساھەلەر بار. مەن تا ھازىرغىچە بىر ئادەم ئۆزى ئۈمىد قىلغان كەسىپنى ئوقۇش، ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش، ۋە بىر كەسىپتىن يەنە بىر كەسىپكە يۆتكىلىش جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ قېتىم مۇشۇ يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىغا ھەيران قالدىم. ئوقۇرمەنلەر جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىنىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئامېرىكىدا ھەر بىر ياش - ئۆسمۈرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر كەسىپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىدىغان بىر مۇنتىزىم قۇرۇلما بار. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپماقچى بولغانلارغا، ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارغا كەسىپ تاللاش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدىغان «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بار. بۇ كىشىلەر كەم دېگەندە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، ژورنالىزىم ياكى جەمئىيەت ئىلمى دېگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولىدۇ. كۆپىنچىلىرى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ياش ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مەسلىھەتچىلىك كەسپى توغرىسىدا باشقىدىن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەسلىھەتچىلىك ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلار ئىنگلىزچە «career counselor» ياكى «career advisor» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىرەر يىل قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كەسىپ نىشانىسى ۋە كەسپىي قىزىقىشىنى ئۇ كىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىقماقچى بولغانلار ئۆزىگە لايىق كەسىپنى بېكىتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلار كەلگۈسىدە خىزمەت كەسپى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالىشى ئۈچۈن قايسى كەسىپتە ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ كەسپىنى بېكىتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ ئىشلار مۇتلەق ئەمەس. كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىگىنى ئۆز ئالدىغا ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بېكىتىپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن قىلچىمۇ تەۋرىمەيدىغان ياشلارمۇ كۆپ. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن بىر كەسىپنى تاللاپ بولغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆزى تاللىغان كەسىپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىماي تۇرۇپلا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار «كەسىپنى بېكىتمىگەن ئوقۇغۇچىلار» (ئىنگلىزچە «undecided students») دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى يېڭى مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 20 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكىچە ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى بىر يىل ئىچىدە ئۆزى قىزىقىدىغان 4-5 تەك كەسىپلەرنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن دەرس تاللاپ ئوقۇپ بېقىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايسىسىغا ئەڭ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بىر كەسىپنى تاللايدۇ. مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن «مەكتەپ كەسپى» نىڭ ئىنگلىزچە سۆزى «major» نىڭ ئەسلى مەنىسى «ئاساسىي كەسىپ» بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يەنە «قوشۇمچە كەسىپ» مۇ بار. بۇنى ئىنگلىزچىدا «minor» دەپ ئاتايدۇ. يەنى، سىز بىر ئالىي مەكتەپتە بىر كەسىپنى ئاساسىي كەسىپ، يەنە بىر كەسىپنى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇپ، ئىككى كەسىپتىن تەڭلا باكالاۋر ئۇنۋانى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدا «قوش كەسىپلىك» (ئىنگلىزچە «double-majored») ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتايدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇيدىغىنى ئاساسەن ئومۇمىي كەسىپ بولۇپ، ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2 يىللىق دەرسىلا ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار 5 يىل ئىچىدە 2 كەسىپتىن باكالاۋر ئۇنۋانى ئېلىپ بولالايدۇ. بۇ 2 كەسىپ بىر - بىرىگە يېقىن كەلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. يەنى سىز ئاساسلىق كەسىپ ئۈچۈن فىزىكا ئوقۇپ، قوشۇمچە كەسىپ ئۈچۈن تارىخ ئوقۇسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سىز بىر ئالىي مەكتەپكە كەسىپ تاللاپ بولۇپ كىرىپ، بىرەر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇرۇن تاللىغان كەسپىڭىزنى ياخشى كۆرمەي، باشقا بىر كەسىپكە ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭغىمۇ پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ كامىدا بىر قېتىم كەسىپ ئۆزگەرتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەن. ھەر بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ بىردىن «كەسىپ مەركىزى» (ئىنگلىزچە «career center») بار بولۇپ، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان مەخسۇس خادىم بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كەسىپ تاللاش ياكى ئۆزگەرتىش ئىشىدا مەسىلىگە يولۇققانلارغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش. شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت تېپىش جەھەتتە ياردەمدە بولۇش. يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجى بار شىركەت ۋە ئىدارىلەر ئۆزلىرىگە قانداق ئادەم كېرەكلىكى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇچۇر تەييارلاپ، ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇنداق «كەسىپ مەركىزى» گە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ مەركەزلەر بولسا بۇنداق خىزمەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەتلىك ساقلايدۇ. ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندىكى ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ئىشىغا، ھەمدە ئۆز - ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان «قىسقىچە تەرجىمىھالى» (ئىنگلىزچە «Resume») نى تەييارلاشقىمۇ ياردەملىشىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدا «ئۆمۈرلۈك كەسىپ» دېگەن نەرسە ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەس. پۈتۈن ئۆمرىنى پەقەت بىرلا ئىدارە ياكى بىرلا شىركەتتە ئىشلەپ ئۆتكۈزىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھازىر ھەر بىر ئادەم پۈتۈن ھاياتى جەريانىدا ئۆز كەسپىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5-6 قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. ئايالىمنىڭ شىركىتىدە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بۇ شىركەتتە بولسا يۇمشاق دېتال بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشى بار ئىدى. دېمەك، ئامېرىكىدا مۇشۇنداق ئوقۇغان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بىر - بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپ بار. يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز مۇنداق بىر قانچە نەرسىنى چۈشىنىۋالالايمىز: 1) كەسىپ تاللاش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىر ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە نۇرغۇن ۋاقىت بىلەن نۇرغۇن ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. 2) كەسىپنى توغرا تاللاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز - ئۆزىنى توغرا بايقاش كېرەك. تۆۋەندە مەن ئەمدى ئەسلى مەزمۇننى باشلايمەن. مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشقا ئۆزىگە لايىق بىردىن كەسىپ تاللاپ بېرىش ئەمەس. مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشنى ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى، قايسى قەدەم - باسقۇچلارنى بېسىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى زۆرۈر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش. مەن گەپنى ئەمدى كەسىپلەرنى بىر قانچە كاتېگورىيىگە ئايرىشتىن باشلايمەن. سىز بۇ كاتېگورىيىلەرنى ئوبدان چۈشەنسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسىسى ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلەلەيسىز. ئاندىن ئاشۇ سىز مۇھىم دەپ قارىغان كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللىيالايسىز. مەن ھازىر تەسۋىرلىمەكچى بولغان كەسىپ «مەكتەپ كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن، «خىزمەت كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلارنى ھەر 2 خىل كەسىپكە تەتبىقلاشقا بولىدۇ.

1. سىز ئەڭ قىزىقىدىغان كەسىپ

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان كەسپىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. سىز مەلۇم بىر كەسىپنىڭ سىز چەكسىز قىزىقىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ: سىز ئاشۇ كەسىپ بىلەن كىرىمسىز شۇغۇللىنىشنى خالامسىز؟ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئۆزلىرى ئۈچۈن كىرىم قىلىپ جان باقىدىغان بىر خىزمەتنىڭ يوقلىقى. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ياشلارنىڭ ھەقسىز قىلىشنى خالايدىغان كەسپى بولماسلىقى ئېنىق. لېكىن، بۇ يەردىكى سىناقنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى باي، باشقا كىرىمگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، دەپ ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز ئاشۇ دەرىجىدە قىزىقىدىغان كەسىپتىن قايسىلىرى بار ئىكەن؟ بۇنى بىر تىزىپ بېقىڭ. بولسا ئاشۇنداق كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، بىر قەغەزگە تىزىپ چىقىڭ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىدىغان بىر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىزمەت جەھەتتە ئۆمۈر بۇيى خۇشال ئۆتەي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.

2. سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتى ۋە ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر دەرسنى ئىنتايىن ياخشى ئۆتەلەيدۇ. بەزىلەر بالىلارنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەيدۇ. بەزىلەر باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا باي بولىدۇ. بەزىلەر ناخشىنى ياخشى ئېيتالايدۇ. يەنە بەزىلەر سازنى ياخشى چالالايدۇ. مانا بۇلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارى تۇغما بولىدۇ. مەن بۇنى ئالدىنقى يازمامدا «تالانت»، دەپ ئاتىدىم. ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى بولسا كېيىن يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. ھازىرقى مەزمۇنغا تەتبىقلىغاندا، بۇنداق ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ نورمال مەنىدىكى ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى، ھۈنىرى، ۋە بىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز تۇغما تالانتىڭىز، بارلىق ئىقتىدارىڭىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئوقۇش ۋە خىزمەت جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرنى يارىتاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.

3. سىز ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار كەسىپ

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كەسىپتىن بىرسى ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودىكى داڭلىق ئەرباب لۇ شۈننى ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىدىغان كەسپى دوختۇرلۇق بولۇپ، ياپونىيىگە ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى قىممىتى ئەڭ چوڭ ئىش قەلەم ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىنى تاشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مەشھۇر ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىمىيە كەسپىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىمىيىگە قارىغاندا پەلسەپىنىڭ قىممىتى يۇقىرى، دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ تونۇشلىرىم ئىچىدە، پەقەت قىممەت نۇقتىسىدا تۇرۇپلا ئۇيغۇر تارىخى كەسپىنى تاللىغان، گۈزەللىك ئىلمى كەسپىنى تاللىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان، تېببىي پەن كەسپىنى تاللىغان، ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىغان ۋە خەلقئارا سىياسەت، ژورنالىزىم ياكى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى تاللىغانلار بار. مەن تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بىلەن توردا پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يادرو فىزىكىسى كەسپىنى تاللىغىنىنى سورىسام، ئۇنىڭ بۇ قارارى پۈتۈنلەي ئاشۇ كەسىپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى قىممىتى ئاساسىدا بولغانلىقىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرىم «ئەگەر سەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى تاللىغان بولساڭ، ھازىر سەن خېلى يۇقىرىغا ئۆسۈپ كەتكەن بولاتتىڭ»، دەيدۇ. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بىر يىلدىن ئارتۇق ئويلانغان ئىدىم. مەندە ئادالەتسىزلىككە، ھەققانىيەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە ۋە كەمسىتىشكە دەھشەت ئۆچ بىر مىجەز بار. مەن ئۇنداق ئىشلارغا ئازراقمۇ چىداپ تۇرالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى ۋە ھېسسىياتىمنى يوشۇرالماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چىرايىم ئارقىلىق نامايان قىلىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىممۇ بار. ئەگەر مەن ئۆز پرىنسىپىم ۋە ئۆز مىجەز - خاراكتېرىم بويىچە «ياخشى باشلىق» بولغان بولسام، مېنىڭ باشلىقلىقىمنىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايتتى. ئۆز پرىنسىپى ۋە ۋىجدانى بويىچە ئىش قىلالمايدىغان باشلىق بولۇپ، ھوقۇقىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتەلمەي ياشىغان ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ بىر قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ ئۆز كەسپىم جىق قەدىرلىك ئىدى. شۇڭا مەن مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىدىن شۇ ۋاقىتتىلا ۋاز كەچكەن ئىدىم. ماڭا ھازىر خەت يازىدىغان ياشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىر قىممىتى بار ئادەم بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىزھار قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. دېمەك، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن پۇل - بايلىق، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، يەنە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تالانتى ئەڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قىممىتى ئەڭ مۇھىم. شۇڭلاشقا «قىممەت» مۇ بىر كەسىپ تاللاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇشى كېرەك. بۇنداق كەسىپنىڭ قىممىتى ئۆز ئائىلىسى، ئۆز يۇرتى، ئۆز مىللىتى ياكى ئۆز ۋەتىنى قاتارلىق ئوخشىمىغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئىنتايىن كۆپ. ھازىر بىزدە كەم كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ھازىر بىزدىكى بوش ئورۇننىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك كەسىپ بولالايدۇ. بۇنداق كەسىپنى ئۈنۈملۈك تېپىش ۋە توغرا تاللاشنىڭ بىردىن - بىر ئالدىنقى شەرتى، ئۆز مىللىتىنىڭ پۈتۈن تارىخىدىن خەۋەردار بولۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۈگۈنىنى مۇكەممەل چۈشىنىدىغان بولۇشتۇر. ئەگەر سىزگە نىسبەتەن مىللەت ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئەڭ مۇھىم بولسا، سىز ئۆز - ئۆزىڭىزدىن: «مەن قايسى ساھەدە مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايمەن؟» دەپ قايتا - قايتا سوراڭ. ھەمدە ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىزدىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپتىن بىرنى تاپالايسىز. ئەگەر خالىسىڭىز، ئۆزىڭىز قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى باشقىلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئاساستا تارىخقا يېزىلاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.

4. چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ

ئامېرىكىدا «ئادۋۇكاتلىق» بىلەن «(كېسەل داۋالايدىغان) دوختۇرلۇق» تىن ئىبارەت 2 كەسىپ چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئادۋۇكات سانىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئادۋۇكاتلار بىلەن دوختۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى باشقا مائاشلىق كەسىپلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇ ئىككى كەسىپكە كىرىشتىكى شەرتى باشقا كەسىپنىڭكىدىن يۇقىرى، ئوقۇش بەدەل پۇلىمۇ باشقا كەسىپلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. بۇ 2 كەسىپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن كېتىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، بالىلىرى ئەقىللىق بولغان نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا مۇشۇ 2 كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شۇ كەسىپكە قىزىقىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە دەرس چۈشەندۈرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللاندىم. شۇ ئارقىلىق سائىتىگە 12 دوللاردىن پۇل تاپتىم. شۇ چاغدا مەن دەرس چۈشەندۈرگەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار پات ئارىدا ئالىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان، دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. ئامېرىكىدا ئادۋۇكاتلىق بىلەن دوختۇرلۇقتىن قالسا ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان يەنە بىر كەسىپ شىركەت قۇرۇشتىن ئىبارەت. لېكىن، شىركەت قۇرغاندا، بىر ئادەمنىڭ باي بولۇشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭسا، سىز ئىنتايىن باي بولۇپ كېتىسىز. ئەگەر شىركىتىڭىز ئوبدان ماڭمىسا، سىز ۋەيران بولىسىز. مەن بۇرۇن ئوقۇغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەرنىڭ 1- قول باشلىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 280 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. جۇڭگودىكى ھازىر ئەڭ باي بولغىلى بولىدىغان كەسىپلەر نېمە؟ مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھازىرقى شارائىتتا باشلىق بولغانلار چوقۇم باي بولالىشى مۇمكىن. مەن ھازىرچە ئۇنىڭدىن باشقىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. باشلىق بولۇشنىمۇ بىر كەسىپ، دەپ ئاتىغىلى بولامدۇ؟ ئۇ توغرىسىدىمۇ بۇ يەردە بىر نەرسە دېگۈم يوق. بۇ يەردىكى قالغان بوشلۇقنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تولدۇرۇۋېلىشنى سورايمەن. ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئادۋۇكاتلىق ياكى دوختۇرلۇققا ئوخشاش چوقۇم باي بولغىلى بولىدىغان بىرەر كەسىپتىكى ئوقۇشنى تاماملاپ، بىر رەسمىي كىرىمگە ئېرىشكۈچە 7 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى ھايات ئىنتايىن مۇشەققەتلىك بولۇپ، چىقىمىمۇ بەكلا يۇقىرى. شۇڭا بۇنداق يولنى تاللىغان كىشى چوقۇم ئىدىيە جەھەتتىن تولۇق تەييارلىقى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى جۇڭگو بولسۇن، ئەگەر سىز يۇقىرىقى 1-، 2- ياكى 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن بىرنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىسىڭىز، يەنى ئۆز كەسپىڭىزدە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالالىسىڭىز، سىز تەبىئىي ھالدا بايمۇ بولالايسىز.

5. جەمئىيەت ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى كەسىپ

بۇنداق كەسىپنى «ئاسان خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ» دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلار ئىچىدە، مەندىن مۇشۇنداق كەسىپنى سورىغانلارمۇ خېلى كۆپ. 1998- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا يۇمشاق دېتال شىركىتى قۇرۇش دولقۇنى باشلاندى. ئۇ چاغدا كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان ئادەملەر يېتىشمەي، نۇرغۇن شىركەتلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپى كومپيۇتېرغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان، ئەمما كومپيۇتېردىن ئانچە - مۇنچە خەۋىرى بار كىشىلەرنى ئۆز شىركىتىگە ئىشقا ئېلىۋەردى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر كەسىپ ئۆزگەرتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، كومپيۇتېر كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆپەيتتى. لېكىن، 2002- يىللىرىغا كەلگەندە، يۇمشاق دېتالنىڭ كەلگۈسىدىكى رولى توغرىسىدىكى نۇرغۇن پەرەزلەر خاتا چىقىپ قېلىپ، يۇمشاق دېتال ياكى «döt-kom» شىركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە مۇشۇ كەسىپتە يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بىراقلا پاخاللىشىپ، بىر قانچە يىل خىزمەت تېپىشتا ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدى. 1999- يىلىدىن باشلاپ نۇرلۇق - تالا خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى شىركەتلەر دولقۇنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرمۇ 2003- يىلىغا كەلگەندە ۋەيران بولۇشقا باشلىدى. 1999- يىلىدىن تارتىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان 3000 دىن ئارتۇق شىركەتلەرنىڭ سانى، 2003- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بىر نەچچە يۈزگىلا چۈشۈپ قالدى. مۇشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە كىرىمنىي جىلغىسى ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى 2. 3 ترىلىيوندىن ئېشىپ كەتتى. ئوپتىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئىشسىز قېلىپ، خىزمىتىنى ساقلاپ قالغانلارنىڭ يىللىق مائاشىمۇ كەم دېگەندە 20 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئامېرىكىدا جەمئىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ كەسىپ تاللايدىغانلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ يۇقىرىقى نەرسىلەرنى يېزىشىمدىكى مەقسىتىم، «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بىر دەۋر، بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شەرت - شارائىتى، تېخنولوگىيىلىك يۈكسىلىشى ۋە ئەمگەك كۈچى مەنبەسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر كەسىپ بۈگۈن «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» بولالىغىنى بىلەن، ئەتە ئۇنداق بولالماسلىقى، سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغۇچە «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» لىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى «ھازىر ئەڭ ئېھتىياجلىق كەسىپ» ئىچىدىن تاللىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن. ئەگەر سىز مەن يۇقىرىدا تىزغان 1-، 2- ۋە 3- كاتېگورىيىدىكى خىزمەتلەردىن بىرنى ياكى ئاشۇلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان بىر كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، ئاشۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزۈپ چىقالىسىڭىز، سىزنىڭ خىزمەت تاپالىشىڭىز ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالمايدۇ. سىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالايسىز. ئۇنداق قىلماي، جەمئىيەت ئېھتىياجى بويىچە كەسىپ ئۆزگەرتىپلا يۈرسىڭىز، سىزنىڭ ئۆمرىڭىز ئىنتايىن جاپالىق، ئىنتايىن ھارغىنلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

6. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن پايدىلىق كەسىپ

مەن ئەسلىدە بۇ كەسىپنى ئايرىم بىر كاتېگورىيە قىلماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، ماڭا خەت يېزىپ مەسلىھەت سورايدىغانلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق كەسىپ توغرىسىدا سوئال سورايدىغانلار خېلى كۆپ بار. شۇڭا ئۇنى بۇ يەرگە ئايرىم تىزىپ قويدۇم. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقتىن ئىككىسى بار. ئۇنىڭ بىرسى ئىقتىساد. يەنە بىرسى تىل ۋە ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستا ئوقۇغان ۋاقتىدىكى ئوقۇش نەتىجىسى. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياشنىڭ ۋەتەندىكى تولۇق كۇرس ئوقۇشى جەريانىدا تىل ۋە كەسپىي ئوقۇشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئىشتا قانداق قىلىپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا خېلى كۆپ توختالغان ئىدىم. بۇ يەردە ئۇلارنى تەكرارلىمايمەن. ئۇ مەزمۇنلار تۆۋەندىكى تور بەتلىرىدە بار بولۇپ، مەن چەت ئەلدە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر بىر ياشنىڭ ئۇلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن:

http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina11.htm

http://www.meripet.com/Sohbet/Erkina11.htm

http://www.meripet.com/Main/QAUyghur2.htm

http://www.meripet.com/Main/QAUyghur2.htm

http://www.meripet.com/Oqush

http://www.meripet.com/Oqush/Bölüm1.htm

http://www.meripet.com/Oqush/Bölüm1.htm

مېنىڭ بۇ يەردە مۇنداق ئىككى ئىشنى تەكىتلەپ قويغۇم بار:1) ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە تەييارلىقنى پۇختا قىلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى بار. ئىنگلىزچىدا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئىككى خىل ئاتىلىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «scholarship»، يەنى «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى». يەنە بىرسى «financial aid»، يەنى ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى. ئەگەر سىز تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسىڭىز، تېخى چەت ئەلگە چىقماي تۇرۇپلا ئاشۇنداق ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيسىز، ھەمدە 1- يىلىدىن باشلاپلا ئۆيىڭىزدىكىلەردىن ھېچ قانداق پۇل سورىماي ئوقۇيالايسىز: (1) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى مەكتەپ كەسپىڭىز توغرا تاللانغان بولۇش. بۇ ھەقتە يۇقىرىقى تور بەتلىرىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار بار. (2) ۋەتەندىكى تولۇق كۇرستىكى ئوقۇش نەتىجىڭىز ياخشى بولۇش. (3) ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن بولۇپ، خەلقئارالىق ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بولغان TOEFL دىن 550 تىن يۇقىرى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئىمتىھانلاردا لاياقەتلىك بولغان بولۇش. بۇ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق بولۇپ، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكىڭىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. يەنى، بۇ ئۆز ئىقتىدارىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر يېڭى پۇرسەت يارىتىش جەريانى. بۇنداق پۇرسەت يارىتىش يولى ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئوچۇق. ئاخىرى قانداق بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەسىلەن، مەن تېخى يېقىندا www.meripet.com تور بېتىگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۋېتسىيىگە بېرىپ پۇلسىز ئوقۇش پۇرسىتى توغرىسىدا بىر ئۇچۇر چىقىرىپ قويدۇم. ئەگەر سىزنىڭ تولۇق كۇرستىكى كەسپىڭىز بىئولوگىيە، فىزىكا ياكى ماتېماتىكا بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدىكى كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان، ھەمدە ئىنگلىز تىلىدا ئۆتۈلگەن كەسپىي دەرسلەرنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولسىڭىز، كېلەر يىلى 9- ئايدىن باشلاپ سىز شۋېتسىيىدە پۇلسىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇيالايسىز. بۇ يولنى ئاشۇ دۆلەتكە بېرىپ، ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاچتى. مەن ئاشۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغان پروفېسسور بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق كۆرۈشتۈم. ھازىر ئۇ پروفېسسور شەرتى توشىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىشقا تەييار بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. 2) ئۆزىڭىز مۇستەقىل ئىش كۆرۈش مەسىلىسى. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىشىدا ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەندىن ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان باشقا بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ. بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىۋاتىمىز. لېكىن، بىزنىڭمۇ پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىمىز ياكى ئوقۇشىمىز، ھەمدە خەۋەر ئالمىساق بولمايدىغان ئائىلىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىز بار بولغاچقا، بەزىدە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز. ھازىر ئىنتېرنېت بەك تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت ھەممە ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېتتىن تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەن http://www.meripet.com غا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدۇم. ئۇنىڭدا بىر خەنزۇچە قوللانمىمۇ بار. بۇ قوللانما ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ھەر بىر ياش ئاشۇ قوللانمىنى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرلىكتە بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا، ئۇنىڭ زور پايدىسى بولىدۇ. ئاڭلىسام بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى كىتابخانىلاردا كىتاب قىلىپ سېتىلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قوللانمىسىدىنمۇ بىر قانچىسى بار ئىكەن. بۇ كىتابلاردا نۇرغۇن تەجرىبە - ساۋاقلار خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، ئەگەر سىزنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكىڭىز راست بولسا، سىزدە مۇشۇنداق كىتابتىن كەم دېگەندە بىرسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىزدە ئۇنداق كىتابنى تېپىپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىسا،http://www.meripet.com دىكى قوللانمىنى بېسىپ چىقىرىۋېلىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەرىپەت تور بېتىدە ياۋروپادىكى ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئېھتىماللىقى بار مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە تور بەت ئادرېسى بار. ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنى قانداق ئىزدەش ئۇسۇلى بار. ئۇيغۇرلار ئالالايدىغان بەزى ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. ھەمدە نۇرغۇن سوئال - جاۋابلار بار. مەن ئۇ تور بېتىگە يېڭى ئۇچۇر بولسىلا دەرھال چىقىرىپ تۇرىمەن. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر غايىگە ھەقىقىي تۈردە يەتمەكچى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇر ياش ئالدى بىلەن ئىنتېرنېتتىن ئۆزى تولۇق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاتا - ئانىلارمۇ يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك. بۇ سىزگە قويۇلغان ئەڭ ئاددىي بىر تەلەپ. ئەگەر سىز ئىنتېرنېتتىن ئۆزىڭىزگە لازىم ئۇچۇرلارنى تېپىشقا ئېرىنىپ، ياكى ئۇنداق قىلىش خوشياقماي، ھەر بىر ئىش توغرىسىدا بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، ياخشى بولمايدۇ. سىز باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزنىڭ ئىشىڭىزغا ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان كىشى سىز ئۆزىڭىز. شۇڭا سىز ئىمكان قەدەر ھەممە ئىشنى ئۆزىڭىز قىلىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئىقتىدار چەت ئەلدە پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۆزىڭىز تىرىشىپ بېقىپ، پەقەت ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەر بولسا، بىزگە ئېلخەت يازسىڭىز، بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە مەسلىھەتتە بولىمىز. بەزى ياشلار كەلگۈسىدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئاسانراق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپى ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ياكى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلىدىن بىرنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. چەت ئەل تىلى ئۇيغۇر دىيارى ياكى جۇڭگودا بىر كەسىپ بولالايدۇ. لېكىن ئۇنى ئاشۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان دۆلەتنىڭ ئۆزىدە بىر كەسىپ قىلىپ جان بېقىش ئانچە ئاسان ئەمەس. مەن بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن يېڭىۋاشتىن باشقا بىر كەسىپنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرى بولدى. شۇڭا ئەگەر سىز كەلگۈسىدە چەت ئەلدە تۇرۇپ قالماقچى بولسىڭىز، ۋەتەندە ئەڭ ياخشىسى بىر مەخسۇس كەسىپنى ئوقۇڭ. چەت ئەلدە ياشايدىغانلار ئۈچۈن چەت ئەل تىلى بىر قورال بولۇپ، ئۇنى كەسىپ قىلىش ئۈچۈن يەرلىك مىللەتتىن كېلىپ چىققان كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئوقۇشىدا ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن.



ئالدىنقى: ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(2)

كـىيىنكى: ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى