ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(2)

ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(2)

مۇۋاپىق كەسىپ تاللاشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرى

مەن يۇقىرىدىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك بىر كەسىپنى تاللاپ چىقىش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇ سىزدىن بىر قانچە يىللىق، ھازىرقى رىياللىققا ماسلاشقان ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سىزگە تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى بىر تەكلىپ تەرىقىسىدە سۇنماقچىمەن:(1) يۇقىرىقى 5 كاتېگورىيىدىن سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچىنى تاللاڭ. كۆپىنچە كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1-، 2- ۋە 3- نى تاللايدۇ. (2) ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئاستىغا سىز ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلىغان كەسىپلەرنى تىزىپ چىقىڭ. ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپتىن ئەڭ كۆپ بولغاندا 10، ئەڭ ئاز بولغاندا بەشى بولسۇن. (3) ھەر بىر كاتېگورىيىدىكى كەسىپ ئىچىدىن، سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ مېڭىڭ. يەنى، 1- دىن بىرنى، 2- دىن بىرنى، ئاندىن 3- دىن بىرنى ئۆچۈرۈڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەرياننى يەنە تەكرارلاڭ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھەر كاتېگورىيىدىن پەقەت بىرلا كەسىپ قالسۇن. شۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا قولىڭىزدا 3 لا كەسىپ قالغان بولىدۇ. (4) ئەگەر يۇقىرىقى ئەڭ ئاخىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان 3 كەسىپ ئوخشاش بىر كەسىپ بولسا، سىزنىڭ تاللايدىغىنىڭىز ئاشۇ بولسۇن. ئەگەر ئۇ ئۈچى باشقا - باشقا كەسىپ بولسا، سىز ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر كەسىپ تۈزۈپ چىقىڭ. مەسىلەن، سىزنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان (1- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ماتېماتىكا، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان (2- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ باشقىلارغا دەرس ئۆتۈش، سىز ئۈچۈن مىللەتكە ئەڭ قىممىتى بار (3- كاتېگورىيىدىكى) كەسىپ ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئوبدان تەربىيىلەش بولسۇن. ئۇنداقتا سىز بىر باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇڭ. يەنە بىر مىسال: سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ناخشا ئېيتىش، سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش، سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مىللەت ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار ئىش ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا، ئۇسۇل ۋە مۇزىكىلىرىنى سىرتقى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى تونۇتۇش بولسۇن. ئەمما سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ياخشى ئەمەس بولغاچقا، بىر ناخشىچى بولالمايدىكەنسىز. ئۇنداقتا سىز بىر سەنئەت ئۆمىكىگە خىزمەتكە كىرىپ، سەھنە لايىھەلەش، سەھنە تەييارلاش ۋە سەھنە باشقۇرۇشقا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلەڭ. ھەمدە كەلگۈسىدە ئاشۇ ئۆمەككە چوڭ باشلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. نۇرغۇن كىشىلەر ياش ۋاقتىدا 1- ۋە 2- كاتېگورىيىدىكى كەسىپنى بەكرەك ئويلىشىدۇ. يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، 3- كاتېگورىيىدىكى كەسىپكە بەكرەك بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ھاياتىنى مۇشۇنداق كەسپىي باسقۇچلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنى بىرمۇ - بىر تىزىپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېلىپ ئېيتسام، مېنىڭ JPL دە ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىم مەن ئۈچۈن ئەڭ قىزىقارلىق ۋە مەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ. مەن ھازىر قوشۇمچە قىلىۋاتقان، ۋەتەندىكى ياشلارغا مەسلىھەت بېرىش، ئۇلارنى مۇشۇنداق يازمىلىرىم ئارقىلىق بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلار ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش، ھەمدە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ئازراق ياردەمدە بولۇش بولسا مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار، ئۆزۈم ئىنتايىن قىزىقىدىغان ھەمدە ئۇ جەھەتتە مەن ئازراق قابىليەتكىمۇ ئىگە بىر ئىش. يەنى، مەن ئۆزۈمنىڭ JPL دىكى خىزمىتى ئارقىلىق تولدۇرالمىغان «مىللەتكە بولغان قىممەت» نى يۇقىرىقىدەك قوشۇمچە ئىشلار بىلەن تولدۇرىۋاتىمەن.

ئاتا - ئانىلارنىڭ رولى

مەن يۇقىرىقى كەسىپنىڭ 6 كاتېگورىيىسى ئىچىگە «ئاتا - ئانىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ» دېگەننى كىرگۈزمىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بەزى چاغلاردا ئاتا - ئانا ياكى دوستلار تاللاپ بەرگەن كەسىپكە سىز قىزىقىدىغان ۋە ئۇنىڭدا سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنداق تاللىغان كەسىپ سىزنى بەختسىز قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ئۆزى تاللىغان يول بىلەن مېڭىپ، بەزى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، ئۇ ئۆزى تاللىغان يول بولغاچقا، يامان ئاقىۋەتكە چىداپ، يەنە مەلۇم دەرىجىدە خۇشال ياشاپ كېتىۋېرىدۇ. لېكىن، باشقىلار تاللاپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، باشقىلاردىنمۇ قاتتىق رەنجىپ، ئۆز ئىچىدىمۇ قاتتىق ئازابلىنىپ كېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، ئەگەر بىر ئاتا - ئانا بالىسىنى مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاشقا مەجبۇرلىسا، ئۇ كەسىپنى بالىسى ئۈچۈن ئۆزى قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە قىممەت قارىشى باشقا مىللەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئۆلچەمنى ئۇيغۇرلارغا ئەينەن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ھەرگىز ئاتا - ئانىغا پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقى بىر كەسىپنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى بولماسلىقى كېرەك. ئۇ كەسىپنى قىلىدىغان كىشى بالا بولغاندىكىن، ئۇ كەسىپ چوقۇم بالىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. غەربنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، بالىنى ساغلام ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىقتىدارلىق قىلىپ چوڭ قىلىش ئاتا - ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتى. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن بالا ئاتا - ئانىنىڭ بىر مۈلكىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. بالا 18 ياشقا كىرگەندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ بىر مۇستەقىل ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەممە قارارلارنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مېنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بىر نەرسە دېگۈم يوق. لېكىن، مېنىڭ ھەر بىر ئاتا - ئانىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم، سىز بالىڭىزغا ئۆمۈر - بويى باقىۋەندى بولالمايسىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز بالىڭىزدىن بۇرۇن كېتىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىڭىز ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئالمىسا بولمايدۇ. شۇڭا چوڭ - چوڭ ئىشلارنى (كەسىپ تاللاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) قارار قىلغاندا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەختىنى ئەمەس، بالىڭىزنىڭ بەختىنى ئويلاڭ. ئەگەر سىز بالىڭىزنى چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئېغىر بەدەللەرنى، ياكى ئادەتتىن تاشقىرى بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىڭىز، ئۇ سىز ئۆزىڭىز تاللىغان يول. سىزنى ئۇنداق قىلىشقا بالىڭىز مەجبۇرلىغان ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز تۆلىگەن بەدەلنى دەسمايە قىلىپ، ھەممە ئىشتا بالىڭىزدىن سىزنىڭ ئۆز ئىرادىڭىز بويىچە ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇ بىر ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. بىر ئۆسمۈرنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا ئاتا - ئانا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا - ئانىسى يېقىندىن ياردەم بېرىدىغان ۋە يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىمۇ ياخشى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» يوق. ئالىي مەكتەپلەردە بولسا «كەسىپ مەركىزى» يوق. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى ۋەزىپىلەرنى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئاتا - ئانىلار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ باش تارتسا بولمايدىغان بىر بۇرچى، كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بالىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، نېمە تالانتى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارى بارلىقىنى ئەستايىدىل ۋە ئىزچىل تۈردە كۆزىتىش ۋە بايقاش. ھەمدە شۇ ئاساستا بالىسىنى ئۆز ئىقتىدارلىرى ۋە تالانتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، شۇ ساھەدىكى بىرەر كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش. بىر خىزمەت كەسپىگە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ كەسپى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە ئوخشىمىغان كەسىپتە ئوقۇغان بىر قانچە كىشىلەرمۇ ئوخشاش بىر خىزمەت كەسپىدە ئىشلىيەلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز مەلۇم بىر خىزمەت كەسپىگە قىزىقىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كەسپىدىن قايسىسىنى تاللىشىنى بىلەلمەي قالسا، سىز ئاشۇ خىزمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئادەملەردىن بىر - ئىككىنى تېپىپ، بالىڭىزنى شۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ. شۇ ئارقىلىق بالىڭىزغا ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقۇغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىڭ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك قىلىش ئىمكانىيىتى يوق. مېنىڭ بۇ يەردە تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغىنىم پەقەت شۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بارلارغا قارىتىلغان.

بىز قانداق قىلدۇقمېنىڭ قىزىم دىلنارە باشلانغۇچ 1- سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندا، ھېسابقا ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، ئايالىم جۇڭگونىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، بۇ 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسىغا 2- ۋە 3- يىللىقنىڭ ھېسابلىرىنى ئىشلىگۈزدى. شۇڭا دىلنارە باشلانغۇچنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە يىللىرىنى ھېسابقا ناھايىتى ئۇستا ئوقۇغۇچى قاتارىدا ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاش ئۈچۈن، دىلنارە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا، بىز ئۇنى گىمناستىكىغا بەردۇق. ئۆيگە كونا پىئانىنودىن بىرنى ئېلىپ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن بىرنى ياللاپ، 3 يىلدەك ۋاقىت پىئانىنو ئۆگەتتۇق. ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆز تەلىپى بويىچە، دىلنارەنى بىر 2 ئايلىق كىنو ئارتىسى يېتىشتۈرىدىغان مەخسۇس كۇرستا ئوقۇتتۇق. دىلنارە ئۆز مەكتىپىدە يەنە مەكتەپ ئۇسۇل ئەترىتى ۋە مەكتەپ سۇ ئۈزۈش ئەترىتى قاتارلىقلارغىمۇ قاتنىشىپ باقتى. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە ئۆزى ئىزدەپ، مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالا باقىدىغان ئىشتىن بىرنى تاپتى. شۇ ئىشلىگەنچە قۇشۇمچە ئىشلەشنى زادىلا توختاتماي، ئۆزىنىڭ پارچە - پۇرات خەجلەيدىغان پۇلىنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ ماڭدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچە، ئۇ پۇل مۇئامىلىسىگە خېلى پۇختا بولۇپ قالدى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىقتىساد كەسپىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى تولۇق كۇرۇستا ئىقتىساد (ئىنگلىزچە «finance») نى ئاساسلىق كەسىپ، بوغالتىرلىق (ئىنگلىزچە «accounting») نى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇشنى قارار قىلدى. بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىگە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقاپ، پەقەت ئىقتىساد كەسپىنىلا ئوقۇش قارارىغا كەلدى. ھازىر ئۇ ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خۇدايىم بۇيرۇسا بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات 1- سىنىپتىن تارتىپ ئالاھىدە ياخشى ئوقۇپ كەلدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ تېببىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، رەسىمچىلىك، تەنتەربىيە ۋە تەشكىللەش قاتارلىق ھەممە جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە مېنىڭ تەشەببۇسۇمغا ماقۇل بولۇپ، ئۆزىنى تېببىي پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدە بەكرەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە ئاشۇ كەسىپنىڭ بىرسىدە ئوقۇيدىغان بولدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، مەن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئامېرىكىدا يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركىتىدىن بىرنى قۇرۇش غايىسى ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدى. شۇڭا ئۇ ئۆزى 2800 دوللارلىق كومپيۇتېردىن بىرنى قۇراشتۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر كومپيۇتېر رېمونت قىلىدىغان ۋە كومپيۇتېر ساتىدىغان شىركەتتىن بىرسىگە كىرىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇ ئوقۇتقۇچى ئامېرىكىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دىسنېي باغچىسىنىڭ بىر چوڭ مىلياردېر ئەمەلدارىنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسىنىڭ «ياخشى ئوقۇپ، ئادۋۇكات بول» دېگەن گېپىنى ئاڭلىماپتۇ. بالىلارغا ئامراق، ھەمدە بىر ئاددىي لېكىن خۇشال ھاياتنى ياقتۇرىدىغان بولغاچقا، ئوغلۇمنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە مۇئەللىم بولغان ئىكەن. ئۇ كىشى ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھە دېسىلا ئامېرىكا سىياسىتى ۋە خەلقئارا سىياسەت توغرىسىدا بىلىم بېرىپتۇ. ئوغلۇم ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرى بىلەن بىراقلا خەلقئارا سىياسەتكە قىزىقىدىغان بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى مەن بىلەن ئوخشاش گېزىت ئوقۇيدىغان، ئىنتېرنېتتىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى بىرنىمۇ قويماي ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى. ھەمدە كەلگۈسىدە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە بىر پارلامېنت ئەزاسى بولۇشقا تىرىشىدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا ھەتتا: «دادا، ئەگەر مەن ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولسام، كەلگۈسىدە چوقۇم ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇشقا تىرىشىپ باقاتتىم»، دېدى (ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن، ئۇ كىشى چوقۇم ئامېرىكىدا تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك). بۇ يىل 1- ئايدىن باشلاپ ئۇ بىز ئولتۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىغا بىر ئوقۇغۇچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشقا كىردى. ئۇ يەردە تېلېفون ئېلىش، ھۆججەت - ماتېرىياللارنى باشقۇرۇشتىن سىرت، ئۇ يەنە بەزى مۇھىم يىغىنلارغىمۇ قاتناشتى. ھەر كۈنى بىر خىل كىيىم كىيىپ، گالستۇك تاقاپ، ئۆزىمۇ خۇددى بىر باشلىقتەك ئىشقا بېرىپ يۇردى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدا ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى باشقۇرۇپ ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. قارارى پۈتۈنلەي پىشمىغان بولغاچقا، ئۇ ئالىي مەكتەپ كەسپىنى تاللىغاندا، دەسلەپتە پۈتۈنلەي كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىكى كەسپىنى تاللىدى. كېيىن سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن، بىرەر ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇسا ياخشى بولىدىكەن، دەپ ئاڭلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق بولغان «غەربىي نۇقتا» تىكى «ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيىسى» (ئىنگلىزچە « United States Military Academiy at West Point») دېگەن مەكتەپكىمۇ ئىلتىماس قىلدى. (بۇ مەكتەپ ئامېرىكا ۋە دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ داڭلىق ھەربىي مەكتەپ بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر گېنېراللار ۋە پىرىزدېنتلار مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان) بۇ مەكتەپكە كىرىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇ مەكتەپتىن ئادەم كېلىپ، دىلشات بىلەن 3 قېتىم سۆزلەشتى. ئۇنىڭدىن 2 قېتىم تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە ئىمتىھان ئالدى. دىلشات مەكتەپ يېنىك ئاتلېتكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، غەربىي نۇقتىنىڭ ئىمتىھانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى 19 كىلومېتىر يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپكە كىرىدىغانلارنى شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ پارلامېنت ئەزاسى بىۋاسىتە تاللاپ بەرمىسە بولمايدىكەن. بىزنىڭ رايوندىن ئۇ مەكتەپكە 15 تەك ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ بىر گۇرۇپپا ئادەملىرىنىڭ قاتتىق تاللىشى نەتىجىسىدە، دىلشات ئەڭ ئاخىرى ئۇتۇپ چىقىپ، غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىگىمۇ قوبۇل قىلىندى (تۆۋەندىكى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش چاقىرىقىغا قاراڭ). 2007- يىلى 18- مارت كۈنى، غەربىي نۇقتىنىڭ لوس ئانژېلىس رايونىدىكى مەكتەپداشلار جەمئىيىتىنىڭ بىر يىغىلىشى بولدى. ئۇنىڭغا تەكلىپ بويىچە دىلشات بىلەن ئىككىمىز 100 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. بۇ پائالىيەتكە ئىراقتىن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بىر چوڭ گېنېرالمۇ قاتناشتى. بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى «سىلەر غەربىي نۇقتىدا ئوقۇساڭلار بىر يېڭى تارىخ يارىتىپلا قالماي، بەلكى ئاشۇ يېڭى تارىخنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالىسىلەر»، دېدى. بۇ پائالىيەت جەريانىدا بىز بۇرۇن ئاشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھەربىي ئىچىدە 5 يىل ئىشلەش بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئادەتتىكى كەسىپكە ئالماشقان كىشىلەر، ھازىر بالىلىرى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاتا - ئانىلار، ھازىر ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەمدە دىلشات بىلەن بىر قاتاردا ئاشۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشتۇق. شۇ جەرياندا دىلشات ئۇ مەكتەپتە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغىنى كەسىپ ئەمەس، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كەسىپتىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئارزۇسى بولغاچقا، بۇ مەكتەپتىن سەل سوۋۇپ قالدى. 2007- يىلى 4- ئايدا، دىلشاتنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەكتەپ، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسى لوس ئانژېلىس رايونىدىن قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر يىغىلىش قىلدى. ئۇنىڭغا دىلشات، ئامانگۈل ۋە مەن ئۈچىمىز باردۇق. 5- ئايدا شىمالىي كالىفورنىيىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە مەكتەپنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن يەنە بىرسى بولدى. بىز ئۇنىڭغىمۇ 500 كىلومېتىر ئارىلىققا ماشىنا ھەيدەپ باردۇق. شۇنىڭدىن كېيىن دىلشات غەربىي نۇقتىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، بېركېلىيدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىدى. غەربىي نۇقتىدىكى ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دىلشاتقا ھەر ئايدا مىڭ دوللاردىن مائاش بېرەتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر دىلشات غەربىي نۇقتىغا بارغان بولسا، ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى يىلىغا 10 مىڭ دوللاردەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بېرىدىغان بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، يىلىغا بىزدىن 30 مىڭ دوللاردەك چىقىم بولىدىغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلىي شۆبىسىنى تاللىدى. ئۇ ھازىر كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ. لېكىن، بىر يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن، ئۇ ئۆز كەسپىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىگە ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭغا مىللەتكە بولغان قىممىتى جەھەتتىن غەربىي نۇقتا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى خېلى كۆپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم. لېكىن دىلشات ھازىر ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇسا تېخىمۇ چوڭ قىممەت يارىتالايدىغانلىقىغا ئۆزىنىڭ زور ئىشەنچىسى بار. بىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزى تاللىغان يولىنى قوللاپ كەلدۇق. دىلشات توغرىسىدا بىلىك تور بېتىدە بىر قىسىم قوشۇمچە ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئادرېسى:http://www. bilik. cn/bbs/viewthread. php?tid=13065&extra=page%3D2ئاخىرقى سۆزيېقىنقى بىر قانچە ئاينىڭ مابەينىدە، مەن بىر قىسىم ياشلاردىن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئىشىدا ياردەم سوراپ يازغان ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. بەزىلىرىنىڭ خېتى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلار خەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتە ئىمكان قەدەر تولۇق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشقان. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تولۇق چۈشەنسەممۇ، ئۇلارغا پەقەت كەسىپ تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنىلا دەپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كەسىپ تاللاپ بەرمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولالمىسام، ئۇلارغا كەسىپ تاللاپ بەرسەم ھەرگىزمۇ بولمايتتى. ئاشۇنداق ياشلارغا بىر ئاز پايدىسى بولسۇن، دەپ ئۇشبۇ يازمىنى تەييارلىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنى تېخى پۈتتۈرمىگەن بىر ياشقا نىسبەتەن ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش بىر ناھايىتى قىيىن ئىش. بۇ ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئاتا - ئانىلار ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىيالايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئاتا - ئانىلارنىڭ بۇ ئىشتا ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھەر بىر ئاتا - ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ھەر بىر قارارنى ئۆزلىرى چىقىرىپ بەرمەسلىكىنى سورايمەن. ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا ئۆزلىرى قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. مەن بۇ ئىشنى ۋەتەندىكى ياشلار بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش جەريانىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇد بولۇشى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرىنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇ ھەرگىز بالىڭىزغا نىسبەتەن كۆيۈنۈش بولمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بالىڭىزغا قىلغان بىر زىيانكەشلىك بولىدۇ. بالىڭىزنى كەلگۈسىدە ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئوبدان ئالالايدىغان بولسۇن دېسىڭىز، بالىڭىز چوڭ بولۇش جەريانىدا ئۇنىڭدا ھەممە ئىشنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بىر ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.



ئالدىنقى: تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى

كـىيىنكى: ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(1)