ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز


ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز: ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەم ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي (ئەبۇ ھەفس). (ھ. 61 – 101 / م. 681 – 720) تابىئىن. ئۇمەۋىيلەرنىڭ 8 - خەلىپىسى. خەلىپە ئۆمەر بىن خەتتابنىڭ ئوغلى ئاسىمنىڭ قىزى لەيلانىڭ ئوغلىدۇر. ئادالەتنى تىكلەپ ۋە، شۇرانى بەرپا قىلغان، ئىلىم - مەرىپەت يېيىشقا، ھەدىسلەرنى توپلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن زات. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت خەلىپىسىنىڭ خەلىپىسىدىن كېيىنكى بەشىنچىسى بەشىنچى خەلىپە دەپمۇ قارالغان. زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر بار.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى مەرۋان ئىبنى ئەلھەكەم ئەلئۇمەۋىي ئەلقۇرەشىي
تۇغۇلۇشھ. 61 / م. 681
ۋاپاتىھ. 101 / م. 720