ئۇدۇن نامى توغرىسىدا

ئۇدۇن نامى توغرىسىدا

  «ﺧﻮﺗﻪﻥ» ﻧﯩﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ (和田) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎھﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ (于阗) ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷھﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺳﻪﻳﻴﺎھ ﺷﯜﻩﻧﺰﺍﯓ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ«ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﺲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﺩﯗﻥ «ﻗﯘﺳﺘﺎﻧﺎ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ «ﺋﺎﯞﺍﻡﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﯞﺍﺗﺨﺎﻧﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ھﯘﻧﻼﺭ ﺋﯘﺩﯗﻥ، ﻏﯘﺯﻻﺭ ﺧﻮﺗﻪﻥ، ھﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ﭼﯜﺩﻩﻥ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻻﺭ ﺧﺎﺗﺎﺩﯗﺭ» ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻲ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﻏﺎ «ﺋﯘﺩﯗﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥﺳﯚﺯﻧﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳۆﺰﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺷﻜﻪﻥ: «ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ، ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﻩﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ < udun >ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ . «ﻧﯩﻴﻪ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﯗﺷﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ  < Khotan> ﻳﺎﻛﻰ < Kustana>  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ. «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎھﺎﯕﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭ ﺷﯜﻩﻧﺰﺍﯕﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯞﯗﺷﻼﺭﻧﻰ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .

    ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ھﺎﺯﯨﺮ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭼﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﻛﻮﺋﯩﻨﻠﻮﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﯞﻩ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺗﺎﻍ – ﺋﯩﺰﯨﻤﻼﺭ ﻗﯘﺭﺋﯩﻲ. ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺯﯦﻤﯩﻦ ﻗﯘﺭﺋﯩﺴﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ «ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻗﯘﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ»، «ﻛﻮﺋﯩﻨﻠﻮﻥ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ» «ﺟﯜﻧﺪﯗﻩﻥ»، «ﺷﯩﺨﯘﻩﻥ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰﺍﺱ ﺳﯚﺯ ﺑﺎﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ «ﺟﯜﻧﺪﯗﻩﻥ» ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ «ﺧﻮﺗﻪﻥ» ﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﺗﻪھﻠﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ. «ﺟﯜﻧﺪﯗﻩﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻗﻰ ﺋﺎھﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

    «ﺋﯘﺩﯗﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥﻧﺎﻡ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ «ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﻪ. ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ» ﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ: « …. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﻏﺪﯨﻴﺎﻧﺎ، ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻮﺧﺮﯨﻼﺭ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﯘ، ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺕ، ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺑﺎﺭ». ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: «ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯧﻘﯩﭗ، ﺑﺎﻟﻘﺎﺵ ﻛﯚﻟﯩﮕﻪ؛ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﺷﻪﺭﻗﻜﻪ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯧﺘﯩﻤﺎ ﻛﯚﻝ (ﻟﻮﭘﻨﯘﺭﻛﯚﻟﻰ) ﮔﻪ ﻗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻟﻮﭘﻨﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻧﯘﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ، ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻛﯚﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ». ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺳﯘﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔﺭﻩﺳﻤﯩﻲ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ «ﺋﯘﺩﯗﻥ»(于阗)  ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ: (阗) ﺧﯧﺘﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ (寊) ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ «ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ﺩﯨﻼ «ﻗﯘﺳﺘﺎﻧﺎ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍﺋﺎھﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ. «ﯞﯗﻛﻮﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ» ﺩﻩ «ﻗﯘﺳﺘﺎﻧﺎ» ﺩﻩﭖﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ «ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻜﯩ ﻐﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ» ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎھﺎﯓﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﺧﻪﺕ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔﺗﯩﻞ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﻫﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻤﯘﻛﯚﭖ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: «ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ» ﺩﻩ ﯞﯗﺩﯗﻩﻥ «ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»ﺩﺍ ﯞﯗﺩﯗﻩﻥ «ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ، «ﻳﯜﻩﻥﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻳﺮﯨﺘﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ» ﺩﺍ ﺧﯘﺗﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﺩﯛﻩﻥ ﺋﯧﺪﯛﻩﻥ ﺩﻩﭘﻤﯘﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎھﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ. ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎھﺎﯓﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ «ﻳﯜﺗﻴﻪﻥ» ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ «ﺧﯧﺘﻴﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

    ﺋﯘﺩﯗﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 1300 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺧﯩﻠﻤﯘ – ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﻩ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻛﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭھﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:

    1. ”ﻳﻪﺭﺋﻪﻣﭽﯩﻜﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

2. «ﻛﺎﻟﯩﻠﯩﻖ» ﻳﺎﻛﻰ «ﻛﺎﻻ ﺋﻪﻣﭽﯩﻜﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

3. «ﮔﯜﻟﺒﺎﻍ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

4. «ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

5. «ﺋﯜﺯﯛﻡ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

6. «ﺧﯩﺘﺎﻱ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ؛

7. «ﻛﯜﭼﺘﯜﯕﮕﯜﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش