ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتىمۇ؟

مەن ئۇيغۇردا ئۇ ئەيىپ ئېغىر ، بۇ نۇقسان كۆپ. ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئاينىپ كەتتى، بۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى دېگەن گەپلەرگە ئىزچىل زەربە بېرىپ كەلدىم. چۈنكى مەن بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ يا بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتى تەييارلىماي، يا بىرەر سان-سىپىرلىق مەلۇمات بەرمەي، ئۆزىنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ ئوي خىياللىرىنى سۆزلەۋېرىشىدن گۇمان قىلاتتىم. ئەقلىي تەپەككۇر ئۈستىگە قۇرۇلمىغان، پەننىي ئاساسقا ئىگە بولمىغان ھەر قانداق ھۆكۈم مېنىڭ زەربە ئوبىكتىم ئېدى. بۇنى ياقتۇرمىغانلار كۆپ بولدى، ئاڭلاشنى خالىمىغانلارمۇ كۆپ بولدى. چۈنكى ئەختەم ئۆمەر باشلىغان باشقا يازغۇچىلار دوست تارتقان ئىللەتشۇناسلىق ھەرىكىتى مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى سۇندۇرۇپ. بىر بۆلۈك ئۇيغۇرنى "بىز ناچار مىللەت" دېگەنگە ئاللىقاچان ئىشەندۈرۈپ بولغان ئېدى. چۈنكى ئۇيغۇرلار يازغۇچىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى. رىياللىق، تارىخ، پەلەسەپە ۋە بارلىق قەلەمكەشلىك ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يازغۇچى دەپ قارايتتى، بۇ ساھەلەردە يازغۇچىنىڭ دېگىنىنى راست دەپ چىنپۈتەتتى.

مەن يېقىنقى مەزگىلدە ئۇيغۇرنى جىنسىيەتتە ئاينىپ كەتتى، ، بۇزۇلۇپ كەتتى، ئۇيغۇرنىڭ "جىنسىي ئېڭى" ئۇنداق بۇزۇلدى، بۇ مۇنداق بىقسىدى دېگەنلەرنى سۆھبەت ماقالىلەردىن كۆردۈم ۋە شۇلاردىن ئاساس تەلەپ قىلدىم، لېكىن ماڭا تەسەۋۋۇرلىرىنى سۆزلىگەن ۋە تورغا چىققان، ئۇ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلدى، بۇ ھايۋانى قىلىق قىلدى دېگەندىن باشقا پاكىت دەپ بېرەلمىدى. مەن تورغا چىققان ئۇ گەپلەرگە بەك ئىشەنمەيمەن. توردا چېكىلىش قېتىمىنى قوغلۇشۇپ شۇنداق تېمىلارنى تىزلا تەستىقلايغان توربەتلەر، ۋە شۇنداق تېما يوللاپ مەشھۇرلۇق خىيالىدا يۈرۈۋاتقانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. بىرەيلەن ماڭا يەنە "دېلولاردىن ئەخلاقىمىزغا نەزەر" دېگەندەك تېمىدىكى بىر يازمىنى مىسال قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيەتتە بۇزۇلغانلىقىغا پاكىت قىلماقچى بولدى. شۇنداق سورۇغۇم كېلىدۇ، ئەگەر يازمىنى يازغۇچى بىر ناھىيىنى بىرلىك قىلىپ، پۈتۈن دېلۇلارنى تۈرگە ئايرىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى جىنسىيەتكە دائىر دېلونىڭ ئومۇمى شۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن دېلۇلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى چىقىرىپ، بۇ ناھىيىدە بىر يىلدا مانچە دېلو يۈز بەردى، بۇنىڭ مانچە پىرسەنتى جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، بۇ ناھىيىدە ئۇيغۇر مانچە پىرسەنت، شۇڭا بۇ ناھىيە ئۇيغۇرلىرىدا جىنسىي مەسىلىلەر ئېغىر دەپ يازغان بولسا، بۇ ماقالىنى پاكىت ئاساسى قىلغىلى بولىدۇ. بولمىسا يەنە شۇ تەسەۋۋۇر دېمەكتن باشقا ئامال يوق.

بەزىلەر يەنە ئەيدىز مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ بۇنى ئۇيغۇرلاردا جىنسىيەتنىڭ يامرىغانلىقىغا مىسال قىلماقچى بولدى. مەن ئوقۇغان مەلۇماتلاردا ئۇيغۇردىكى ئەيدىزنىڭ كۆپى جىنسىي يول بىلەن ئەمەس، زەھەرنى ئۆكۇل قىلىپ ئۇرغاندا بىر يىڭنىنى كۆپ ئادەم ئىشلىتىش، دېزىنفىكسىيە قىلماي ئىشلىتىش، ئىشلىتىپ بولۇپ بالىلارغا ئويناشقا بېرىش، ياكى كوچىغا تاشلىۋېتىش(بالىلار بىلمەي ئويناپ يۇقتۇرىۋالىدۇ)، قاتارلىق يوللار بىلەن يۇقۇش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىلگەن ئېدى.

" Similar to Central Asia, the vast majority (over 90%) of HIV infections in Xinjiang are injecting drug users (IDUs) and are under 30 years of age—the most sexually active age group. Also, the epidemic is concentrated in Urumqi, Yining and Kashgar, all cities that lay along the region’s main illicit drug trading routes." http://www.cacianalyst.org/?q=node/1852

تەرجىمىسى؛ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى(90پېرسەنتتىن ئارتۇقى) زەھەر چەككۈچىلەردۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جىنسىيىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان 30 ياشلاردىكىلەردۇر. بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق زەھەر سودىسى لىنىيەسىگە مەركەزلەشكەن.

ئۇنداقتا ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتى دېگۈچىلەرنىڭ ئوي خىيال، كۆرگەن-ئاڭلىغان، بېشىدىن كەچۈرگەن ئىشلاردىن باشقا قولغا چىققۇدەك نېمە پاكىتى بار؟

مەلۇم دۆلەتتە بولغان شۇنداق بىر ئىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر سۆھبەتتە مۇساپىر بالىلار يەنە شۇ مىللەتنىڭ قايغۇسىغا چۈشتى. ئارىدىن بىرسى گەپ باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق كۆپ ئەيپلىرى بولغاچقا كۆرىدىغان، كۈنى مۇشۇ…دەپ قايناپلا كەتتى. مەن قوپۇپ قايسى ئەيپنى دەيدىلا، دېسەم. قىزلىرى بۇزۇلغان مىللەتتە ئۈمىد يوق. ھازىر قىزلار ئىچكىرىنىڭ قاۋاقخانلىرىنى تولدۇرىۋەتتى. ئاللاھ تائاللاھ ئاياللارنى زىمىنغا ئوخشاتقان، زىمىن بولغانسا زىرائەت ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشلىرى ئۇنداق بولۇپ، بۇنداق قىلىپ دەپ تۇرالمايلا قالدى. مەن، دۇنيادىكى ئىنسانلاردا بار ئەيپ ئۇيغۇردىمۇ بار، يوق ئەيىپ ئۇيغۇردىمۇ يوق، دەپ ئىنساننىڭ ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىكى، نۇقسانلىرى ھەققىدە مىسال ئېلىپ توختالدىم. ئاندىن تېخىمۇ كۆنكىرىت قىلىپ كۆپسانلىقلار ئورناتقان تۈزۈم، مائارىپ، قانۇن، ئىجتىمائىي تەرتىپ قاتارلىقلارنىڭ كىشىلىرىمىز پىسخىكىسىدىكى تەسىرى قاتارلىقلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپمۇ قايىل قىلالمىدىم. ئاخرى بولماي ئۇيغۇرنىڭ ساۋابى بىلەن گۇناھى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نورمال نىسبەتتە. مەنچە ساۋابى باشقا مەللەتتىن ئارتۇق چىقسا چىقىدۇكى كەم ئەمەس، دېدىم ۋە سىلى نېمە دەپ ئۇيغۇردىن پەزىلەتلىك شۇنچە كۆپ باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىېرى ياشايدىغان بۇ دۆلەتتە ئاشۇ نۇقسانسىزلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەي مۇشۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى تېپىپ كەلدىلە؟ دېۋىدىم، تۇرۇپلا قالدى. ئارقىدىن ئۇلاپلا، سىلىمۇ ئىچكىرىگە بارغاندا نەدە قاۋاقخانا بولسا شۇ يەردە يۈرمەي، مانداق ئالى مەكتەپ دېگەن يەرلەرگىمۇ بېرىپ قويغان بولسىلىرى چىرايدىن ئەقىل، ئىرادە، ئىمان پارلاپ تۇرىغان قىزلارنى كۆرەلەيتتىلە. سىلى ئىچكىرىدىكى قاۋاقخانىغا نېمە دەپ بارغان؟ شۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن قىزلارنى تۈزىمەي، ئۇلارغا چىقىش يولى، ھايات يولى تېپىشقا تېرىشماي، ئازراق تىجارەت قىلىپ بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرپ ساۋاپ ئالماي نېمىگە كەلدىلە شۇنچە قايناپ كەتكۈدەك ۋىجدانلىرى بار ئادەم بۇ يەرگە؟ توغرا ئاياللار زىمىن، لېكىن زىمىنىغا تەر تۆكمىگەن ئادەمنىڭ، زىمىنىنى سۆيمىگەن ئەرنىڭ، زىمىنىغا پەرۋىش قىلمىغان كىشىنىڭ زىمىن ھەققىدە ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق، مۇنداق كىشى مەڭگۈ زىمىنسىز قالىدۇ. زىمىنسىز قالغاندىكىن شۇنداق قاۋاقخانىلاردا، شەھۋانى سىنخانىلاردا قونۇپ چىقىدىغان ئىش. چىۋىن ئەخلەت ئىزدەيدۇ، پاشىنىڭ كۆزىگە ھەممە نەرسە نىجاسەت كۆرۈنىدۇ. گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە سۆھبەت بۇزۇلمىسۇن دەپ باشقىلار سالا قىلىپ تېما يۆتكەلدى.

ئۇيغۇرلاردا جىنسىيەت ئەۋج ئېلىپ كەتمىدى، بەلكى ئۇيغۇر ئەرلىرى جىنسىيەتكە بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتى.

ئۇيغۇلاردا جىنسىيەت يامراپ كەتمىدى بەلكى جىنسىي كۆزەينەك تاقىۋىلىپ تۇرمۇشنى كۈزىتىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. جىنسىي كېسەللەر جىنسىيەتنىڭ ئەۋج ئالغىنىغا مىسال ئەمەس، دوختۇرخانىلار ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىدىن كۆپرەك خىراجەت ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدى، شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر ئەرلىرىگە جىنسىي ئاجىزلىق دېئاگونۇزى قويۇپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئۇيغۇردىكى جىنسىيەت مەسىلىسىنى كۆپ سانلىقلارغا سېلىشتۇرۇش نامۇۋاپىق چۈنكى؛ يۇرتىمىزدىكى كۆپسانلىقلارنىڭ "قىزلىق" چۈشەنچىسى بولمىغاچقا قىزلىق ياماش ئېلانلىرى شۇنداق چۈشەنچىسى بارلارنىڭ تىلىدا-ئۇيغۇرچە چاپلىنىدۇ. بۇنى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىھتىياجى كۆپ بولغاچقا دەپ قارا چاپلىمىغۇلۇق. باسقۇنچىلىق دېلولىرىنى جىنسىيەتنىڭ يامرىشىغا مىسال قىلىشمۇ پۇت تىرەلمەيدۇ. چۈنكى كۆپسانلىقلاردا قىزلىق چۈشەنچىسى بولمىغاندىكىن، بۇنداق ئىشلارنى ئېغىر كۆرۈپ، سوتقا بېرىپ كەتمەيدۇ، يەڭ ئىچىدە پۇل بلەن ھەل قىلىدۇ. كۆپسانلىقلاردا بىر ئادەمنىڭ ئۇنداق تىجارەت قىلىشى ۋە خېرىدار بولۇشى يېڭىلىق ئەمەس، نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنە، ئۇلارنىڭ بۇنى چەكلەيدىغان دىنى يوق. كۆپسانلىقلاردا بۇ ئىش دىننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا ئۇ مىللەت بۇ ئىشنى بىزدەك چوڭ بىلىپ، ماراپ تېپىپ، سۆزلەپ يېيىپ، ۋاي ئاللا تۆۋە دەپ جار سېلىپ كەتمەيدۇ. جىنسىيەت مەسىلىسى خەقتە يوق بىزدە كۆپ ئەمەس، بىز خەقتىكىنى يۇقارقى سەۋەپتىن بىلەلمەي قالىمىز. جىنسىيەت مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلسىلا خەقنىڭ كۆز ئالدىغا ياشلا ۋە قىز ئاياللار كېلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇرخانىم قىزلىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى پاراڭ-سۆھبەتلەرنىڭ، ۋەز-تەبلىقلەرنىڭ، دەرس لىكسىيەلەرنىڭ قۇربانى. ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتكەن يوق.


ئالدىنقى: قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى

كـىيىنكى: يات تىلدا شىئېر يازغىلى بولامدۇ؟