قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى

ئىلاۋە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، كەمىنە بۇندىن بىر يىل بۇرۇن بەرقى تورىغا بۇ خاتىرەمنى يېزىشقا باشلىغان ئېدىم، ئەمما تورنىڭ توختىشى سەۋەبلىك يازغانلىرىمنى قايتا كۆرەلمىدىم. تور ئېچىلغاندىن كېيىن يېزىشقا نەچچە رەت تەمشەلگەن، ھەتتا بۇ ھەقتە قەدىردانلارغا ۋەدە بەرگەن بولساممۇ باشلاپ بولالمىدىم. ئاخىرى، ئەڭ ئالدىراش كۈنلىرىمدە بۇ خاتىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدىم. رامازاندا قىلغان بىر ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالسا دېگەن تىلەكتىمەن. بۇ يازمام ئارقىلىق يازغانلىرىمغا خېرىدارلىق قىلغان بارلىق دوستلارغا سالام يوللايمەن.

ئامېرىكا يەسلىسىدىكى مەسئۇدە

ئامېرىكىدا ھەممە ئىش ئالدىن پىلانلىنىدىغان بولغاچ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئامېرىكىغا كېلىپ قالغان قىزىمنى يەسلىگە ئورۇنلاشتۇرالماي بېشىم قاتتى. مەن ئائىلەمنىڭ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېيەلمىگەچ قىزىمنىڭ يەسلى ئىشىنىمۇ ئويلىشالمىغان ئېدىم. توختىماي سۈرۈشتۈرۈش نەتىجىسىدە ئاخىرى يەسلى مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى. مەكتىپىمىزنىڭ بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ يەسلىسى قىزىمنى قوبۇل قىلدى. قىزىم گەرچە ئامېرىكا پۇقراسى بولمىسىمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بەھرىمەن بولىدىغان يارىدەم تۈرىدىن بەھرىمەن بولدى. يەنى، قىزىم ئوقۇيدىغان يەسلىدە ئېيىغا نەچچە مىڭ دوللار تۆلىگەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىمۇ، بىزدەك ئىشلىشى ئىجازەتسىز بولغان، مۇكاپاتقا تايىنىپ ياشايدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئوخشاش شارائىتتا تەربىيەلىنەلەيتتى. يەسلىگە تىزىملاتقىلى بارغاندا كىرىم ئىسپاتىمنى تاپالمىغان ئېدىم، خىزمەتچى خادىم " ساڭا ئىشىنىمىز، ئىسپاتنى تاپالىغاندا ئېلىپ كەلسەڭ بولىدۇ، قىزىڭ يەسلىگە كېلىۋەرسۇن" دېدى. ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئاسپىرانتلار باشقارمىسى دېپلۇمىمغا خاتا يېزىپ قويغان ئىسمىمنى ئوڭشىتىمەن دەپ ھەپتە ئاۋارە بولغانتىم. دېپلۇم ۋە كىملىكتىكى ئىسمىم، رەسىمىممۇ مېنىڭ مەزكۇر كىشى ئىكەنلىكىمگە ئىسپات بولالمىغانتى. مەندەك بىر چەتئەللىكتىن نە پاسپورت نە باشقا ئىسپات تەلەپ قىلماي قىزىمنى پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان بۇ دۆلەتكە ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە ئىشەنچنى ئاپتاپتەك ھەممىگە تەڭ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرگە ئىچ-ئىچىمدىن زوقلاندىم. قىزىم دادىسنىڭ ئوقۇغۇچىلىقى، پۇلسىزلىقى سەۋەبلىك يەسلىسىز قالمىدى، ياكى ئىمتىيازلىق ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇلمىدى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ بۇنداق پۇرسەتتىكى باراۋەرلىكى مېنى قايىل قىلدى. ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى ۋە ئىسمىدىن سىلاۋىيان تىللىق بىرەر دۆلەتتىن كەلگەنلىكى چىقىپلا تۇرىدىغان خادىم قىزىمنى رەسىمگە تارتىپ بولۇپ، بىزگە بىر پاتمان جەدىۋەللەرنى تۇتقۇزۇپ قوبۇللاش رەسمىيەلىرىنى تاماملىدى. جەدىۋەلگە قارىدىم، توۋا بۇ يەسلىدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىللىقىنى! قىزىمنىڭ قايسى رەڭگە ئامراقلىقىدىن تارتىپ، قانداق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغىچە، قانداق قىلىقنى كۆپ قىلىدىغانلىقىدىن تارتىپ تۇنجى دېگەن سۆزىگىچە ھەممىنى يېزىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئېدى. قىزىمىزنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىزمۇن ئانچە تەپسىلى بىلمەيدىغان بولغاچ چوڭلاردى سوراشتۇرۇپ بۇ جەدىۋەللەرنى تولدۇرۇشقىلا بىر كۈن كەتتى. جەدىۋەللەر ئىچىدە تاسادىپى ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش ھەققىدىكى ۋاراق مېنى ئويلاندۇردى، جوڭگۇدا مەيلى مىللىتىمىزدە بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەردە بولسۇن تاسادىپى ھادىسىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە نە شەخسىي تەييارلىق نە ئىجتىمائى مۇلازىمەت سىستىمىسى يوقنىڭ ئورنىدا ئېدى. ئامېرىكىدا بۇ ھەقتىكى تەربىيە ۋە ئەسكەرتىش يەسلىدىن باشلىنىدىكەن.

ئاۋغۇستنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسى قىزىمنى يەسلىگە ئېلىپ باردىم. چىراي تۇرىقىدىن ساغلاملىقى چىقىپلا تۇرىدىغان ئالتۇن چاچلىق چىرايلىق بىر قىز ۋە ئۇيغۇرغا سەل ئوخشاپ قالىدىغان ئىسپانچىراي يەنە بىر قىز بىزنى قىزغىن كتىۋالدى. بىرسى ساغلاملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بىلەن قىزىمنى بىرەر قۇر تەكشۈردى يەنە بىرى قىزىمغا مەخسۇس تەييارلانغان ئىشكاپنى كۆرسەتتى. ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە قىزىمنىڭ رەسىمى ۋە " مەسئۇدە خۇش كەلدىڭىز" دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئېدى. ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. سوراپ بىلدىمكى، يەسلىدىكى يېتەكچىلەر قىزىمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاتايىن توردىن قارشى ئېلىش مەنىسىدىكى ئىنگىلىزچە جۈملىگە ئاساسەن بۇ ئۇيغۇرچە جۈملىنى تېپىپ بېسىپ چىقىرىپ چاپلاپ قويۇپتۇ.

يەسلى مۇنداق ئۈچ بۆلۈم ۋە بىر چوڭ مەيداندىن تەركىپلەنگەنىكەن. بىرىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش، ھىكايە ئاڭلاش، ناخشا ئوقۇش، مۇزىكا چېلىش، دېكلاماتسىيە قىلىش، رەسىم سىزىش، ئۆي ئىشى قىلىش، قول ھۈنەر قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە ماس بېزەلگەن ۋە ھازىرلارنغان بولۇپ تولىمۇ ئازادە بىر زال ئىكەن. ئىككىنجى بۆلۈم ئاتا-ئانىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بالىلارنىڭ خۇي، قىلىقلىرىنى ۋە گەپ سۆزلىرىنى كۆزتىشى ئۈچۈن ھازىرلارنغان بولۇپ بالىلار كۆزەتكۈچىلەرنى كۆرەلمەيدىكەن. ئۈچىنجى بۆلۈم بالىلارنىڭ سىرىتتا ئويناش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئوينايدىغان زالى بولۇپ سىرىتتكى چوڭ مەيداندا بار ھەممە ئويۇنچۇقلار تەقلەنگەن ئىكەن. ئوچۇقچۇلۇقتىكى چوڭ مەيدانغا تۈرلۈك ئەسلەھەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈرلۈك تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كچىكلىتىلگەن شەكىللىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدىكەن، ئادەمنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغىنى ئامېرىكىچە فۇتبول بىلەن ۋاسكىتبول ئىكەن. مەن بۇلاردىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەنتەربىيە ساھەسىنى يېتەكلەپ كېتىۋاتقان كارامىتىنىڭ سىرىنى ئاڭقارغاندەك بولدۇم. ئويۇنچۇقلار ئاساسەن بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، ئۈچ كىشىلىك ۋە كۆپ كىشىلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، مەنچە بۇ بالىلاردا كىچىكىدىن ھەمكارلىق، ماسلىشىش ۋە دوستلۇق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. بۇ كىچىك بالىلارغا مۇشۇنداق ئويۇن ئارقىلىق ھەمكارلىقنىڭ موھىملىقىنى كىچىكىدىن سىڭدۈرمەي، ھە دېسە ئىتتىپاقلىققا دائىر شۇئارلارنى يادىلاتقاننىڭ قانچىلىك ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىق ئىكەنلىكنى ھىس قىلغانچە يۈرۈكۈم سىقىلىپ كەتتى. قۇلاق تۈۋۈمدە لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « بالىلارنى قۇتقۇزىۋالايلى!» دېگەن ياڭراق ساداسى جاراڭلىدى. بىز قوراملىقلارغۇ شۇ ھاماقەتلىك ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ شىرىكلىشەلمەي، شىركەتلىشەلمەي ئىللەتلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپاقسىزلىقىدىن قاقشاپ ئۆتۈپ كەتتۇق، ئىتىپاقلىق شۇئار بىلەن ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ دەرسلىكلىرىمىز، دەرسخانىمىز، ئوقۇتۇقۇچىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئۆملۈك روھىنى يېتىلدۈرۈشتە نېمە قىلالىدى؟ مىللەتنىڭ بىز كۈتكەن ساغلام روھىي مائارىپسىز، تەربىيەسىز، كىچىكىدىن يېتەكلەشسىز قېلىۋاتسا، يەنە ئىللەتشۇناسلىق قىلىۋېرىشنىڭ، مىللەتنى ئۇنداقچى مۇنداقچى دەۋېرىشنىڭ نېمە پايدىسى؟ بالامغا قارىدىم، كۆز ئالدىمغا مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ سەبى بېقىشلىرىدىن ئەقىل، شوىلۇق، مېھىر ئۇرغۇپ تۇراتتى.

ئامېرىكا يەسلىسىدىكى مەسئۇدە(1)(داۋامى)

يەسلىدە 15 ئوقۇغۇچى بولۇپ ئالتە ئوقۇتقۇچى ۋە بىر يېتەكچى ئۇلارغا مەسئۇل ئىكەن. چۈشتىن بۇرۇن ئۈچەيلەن چۈشتىن كېيىن ئۈچەيلەن نۆۋەتلىشىپ ئوقۇتىدىكەن. بالىلارنى ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئويۇنچۇق مەيدانىدا ئويناتقاندىن باشقا ئۇلارغا رەسىم، ناخشا، ھىكايە، قول ئىشى، ئۇسسۇل ئۆگىتىلىدىكەن. مەن بۇ يەردە ئۆگىتىش دېگەن سۆزنى كۆندۈرۈش دەپ ئىشلەتسەم مۇۋاپىقراق دەپ ئوۇيلايمەن. چۈنكى ئوقۇتقۇچى ھەممە پائالىيەتنى بالىلار بىلەن بىللە ئورۇنلايدىكەن، ئۇلارنى قول سېلىپ ئىشلەشكە كۆندۈرىدىكەن. مەسىلەن، رەسىم سىزىش ۋاقتىدا ئۇلارغا سىزىشنى ئۆگەتمەيدىكەن بەلكى بىللە سىزىشىپ، بويۇشۇپ بېرىدىكەن. مەقسەت بالىلارنى دىققىتىنى يىغىپ بىر ئىشقا كىرىشىشكە كۆندۈرۈشمىكىن دەپ چۈشەندىم. قول ھۈنەر دەرسى مېنى بەك قىزىقتۇردى. قىزىم بىر كۈنى ماروژنا چوكىسىدىن بىر رەسىم رامكىسى ياساپ، ئۇنى رەڭلىك كەمپىت قەغەزلىرى بىلەن "بېزەپ"، ئۆز رەسىمىنى ئىچىگە ئېلىپ ئۆيگە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. مەن ئۈچ ياشلىق قىزىمنىڭ رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كېرەكسىز نەرسىنى سەنئەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى ئىقتىدارىدىنلا ئەمەس، مۇشۇ ئويۇننى ئويلاپ تاپالىغان ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سۆيۈندۈم. قول ئىشى ۋە رەسىم دەرسىدە ئايرىم سىزىش ۋە ياساش بىلەن بىرلىكتە سىزىش ۋە ياساش بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ بالىلارنىڭ مۇستەقىل ئىجاد قىلىش ۋە ئۆملۈشۈپ ئىشلەش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدىكەن. بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولدۇم، چۈنكى قىزىمنىڭ بىر نەرسىنى باشقىلار بىلەن بىللە ئوينىغانغا تازا مەيلى يوق ئېدى، ھەمكارلىشىپ ئوينىيالمايتتى. قىزىم ئۈچۈن ئوينايدىغان ئادەم ياكى چوڭ بولۇپ داۋاملىق يول قويۇشى ۋە باشقۇرۇشى، ياكى كىچىك بولۇپ داۋاملىق باشقۇرۇلۇشى ياكى ئەگىشىشىشى كېرەك ئېدى. گەرچە قىزىم تېخى كىچىك بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىدىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولاتتى. چۈنكى مەن كىچىكىمدە مەھەللىدە چوڭلاردىن قورقۇپ، ئەگىشىپ، كىچىلەرگە قورقۇتۇپ يول باشلاپ، باشقىلاردىن مەندىن كۈچلۈك ياكى ئىمتىيازلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەپ تارتىپ چوڭ بولغان ئېدىم. چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇ ئەندىزىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن سەسكىنەتتىم. بىرەر ئولتۇرۇش، يىغىلىش بولۇپ قالسا تەبىئى ھالدا ئەملى ئەڭ چوڭ ئاغىنىمىز، ياكى ئەڭ باي توققۇنىمىزنىڭ ۋەياكى ئىمتىيازلىق يۇرتدېشىمىزنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالاتتۇق. ئىنساننىڭ پەقەت ئاللاھ ياراتقان ئەزىز مەۋجۇدات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىززەتلنىش ھەققى داۋاملىق ئەمەل، پۇل، ئىمتىياز ئالدىدا پايخان بولۇپ تۇراتتى. ھەر قېتىم باراۋەرلىكنى قېنىم بەدىلىگە قوغۇدۇغۇم كېلەتتى، لېكىن قۇللۇققا، بېقىندىلىققا، كەمسىنىشكە كۆنگەن روھىم غۇرۇر ئۈچۈن قىززىغان قېنىمنى رەسۋالارچە مەغلۇپ قىلاتتى. يەسلىگە ھەر قېتىم ئالغىلى بارغاندا قىزىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىسمىنى دوستىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەكلا چاقىرىپ خوشلۇشۇلىرى. ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىر داستىخاندا تەڭ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارچە قىلىق قىلىپ ئويۇن چىقارسا تەپ تارتماي چاخچاق قىلىشلىرىدىن مەن ئۆزەم ئارزۇ قىلغان بىر ھۆر روھنى كۆرگەندەك بولدۇم. قىزىم ئۆزگۈرىۋاتاتتى، ئەتىگەندە كىيىمىنى ئۆزى كېيەتتى، ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى رەتلەيتتى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئويناتقىلى ئاچىقساق ئۇنىڭ كىيىمنى بىرەيلەن، ئويۇنچۇقىنى بىرەيلەن كۆتۈرمەديغان بولدۇق. قىزىق يېرى بۇرۇن ئويناتقىلى چىققادا ئاپىسى ئىككىمىز تۇرۇپ بىرەر نەرسىسىنى چۈشۈرۈپ قوياتتۇق، ياكى ئۇنتۇپ قالاتتۇق، ھازىر ھەممە نەرسىسىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ، لېكىن ھىچ نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.چۈنكى يەسلىدە شۇنداق ئۆزىگە پۇختا بولۇشقا، ئۆزى قىلغان ئىشنى ئۆزى تاماملاشقا كۆندۈرىدىكەن. ھەتتا بۇرۇن قولىمىزنى تۇتمىسا يولدا بىللە ماڭمايدىغان بالام ھازىر قولىنى تۇتىۋالساق ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالدى. ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىشى كېرەك، چۈنكى يەسلىدە شۇنداق قىلىدۇ، يەسلىدە قىلغان ئىشىنى ئۆيدە ۋە تالادا قىلايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. قىزىمنىڭ يەسلىدىن قايتقاندا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى شۇ كۈنلۈك "ئىجادىيەت" لىرىنى بىزگە كۆرسۈتۈپ ماختىنىش ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باھاسىنى بىزگە ئوقۇتۇش.(ئوقۇتقۇچىسى كۈندە بىر باھا يېزىپ ماختاپ تۇرىدۇ). ئۇنىڭ يەسلىدە بىرىنجى بولۇپ ئۆگەنگەن ئىنگىلىزچە سۆزى، "رەھمەت"، "ئەرزىمەيدۇ"، "قۇچاقلا" دېگەنلەر بولدى. ئوقۇتقۇچىلىرى قىزىمنى تولا قۇچاقلاپ باخ ئېتىپ، خوشلاشقاندا قۇچاقلاپ خوشلۇشۇشقا كۆندۈرۈپلا ئېتىپتۇ.

ئامېرىكا يەسلىسىدكى مەسئۇدە(2)

- "ئەزىمەيدۇ، دەيسەن"

ئامېرىكىلىقلارنىڭ "رەخمەت"، "ئەرزىمەيدۇ" دېگەن گەپلەنى داۋاملىق دەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ بۇنىڭ يەسلى تەربىيىسىدىن قايناقلانغان ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.


ئالدىنقى: مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسلەكلەر

كـىيىنكى: ئۇيغۇردا جىنسىيەت يامراپ كەتتىمۇ؟