ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن مەندىن ئەڭ كۆپ سورالغان سۇئاللاردىن بىرى " ئامېرىكىدا خەقلەر ئۇيغۇرلارنى بىلەمدىكەن؟" دېگەن بولدى. بەلكىم 2009-يىلى تومۇزدىن بۇرۇن بۇ سۇئالغا دۇچ كەلگەن بولسام "ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرى، موميا تەتقىقاتچىلىرى (موميا تەتقىقاتچىلىرى كىرورەندىن ۋە كىچىك مۆرەندىن تېپىلغان جەسەتلەرنى موميالار دەپ ئاتايدىكەن)، ئارخولوگلار، ئورال ئالتاي تىللىرى ۋە فىن ئوگۇر تىللىرى تەتقىقاتچىلىرى، سىياسىيونلار، نېفىت ۋە مەدەن سودىگەرلىرى، زىققا، ئۆپكە تېبرىكىلوز، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى بۇلارنى ھەقسىز داۋالايدىغان ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ئاسىيادىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلار، جوڭگۇ-خەنشۇناسلار، ئىسلام تەتقىقاتچىلىرى، قۇمىلىشىش ۋە قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇللار، تاغقا چىقىش مەستانىلىرى، يىپەك يولى تەتقىقاتى ۋە ساياھىتىگە ھېرىسمەنلەر ئۇيغۇرلارنى بەكرەك بىلىدىكەن" دېگەن بولاتتىم. لېكىن 2009-يىلى 7- ئايدىن كېيىن ئامېرىكىدىلا ئەمەس دۇنيادا ئۇيغۇرنى بىلمەيدىغانلارنى بەك كۆپ دېگىلى بولمايدۇ. مەكتىپىمىزنىڭ بىر ئاپتۇبۇس شوپۇرى ئۇيغۇرلارنى جوڭگۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئارقىلىق بىلگەنىكەن. ھېندىستانلىق قوشنام 2009-يىلى تومۇزدىكى ئىشلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقىپلىنىپتۇ.

"ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بىلمەيدۇ" دېگەن قاراشنىڭ شەكىللىنىشىگە بەزى تولۇق بولمىغان ئۇچۇرلار ۋە تارىخ ھەققىدىكى ساغلام بولمىغان چۈشەنچىلەر سەۋەب بولغان. كۈتۈپخانىلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە كىتاب ئىزدەش، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتىنى بىلىش ئۈچۈن تارىخنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، تارىختا تۈرك دەپ ئاتالغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىردە غەرپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قەلىمىدە شەرق تۈركلىرى، رۇس ئاپتۇرلىرىنىڭ قەلىمىدە ئۇيغۇرلار دەپ ئىككى خىل ئاتالغانلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. يېقىنقى يىللاردا جاھان كۆرگەن ئۇيغۇرلار يازغان ساياھەت خاتىرىلىرىدە "ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر بىر ھاشارات ھەققىدىكى ئۇچۇردىنمۇ ئازكەن، ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردە ھىچ كىم بىلمەيدىكەن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارمۇ بەك ئازكەن" دەپ يازغاچقا، ئۇيغۇر ئاۋامدىكى ئەسلىدىنلا يايغىن بولغان تاشلىنىش، يەكلىنىش، كەمسىنىش ۋە غېرىپسىنىش تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ "بىزنى زادى باشقىلار بىلمەيدۇ. دەردىمىزنى ھىچ كىم چۈشەنمەيدۇ. بىزنى دۇنيا تاشلىۋەتتى…" دەپ ئۇھسىنىش تېخىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغا كىتاپ، دوكىلات ۋە ئاخباراتلار ئاز ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ساياھەتنامە يازغان ئاپتۇرلار پەقەت ئۆز مەكتىپىنىڭ كۈتۈپخانىسىغىلا ياكى ئۆزى بارغان كىتاپخانىلارغىلا قارىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن كانزاس ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئۇيغۇر دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىۋېدىم 160 تىن ئارتۇق كىتابنىڭ ئىسمىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈردۈم. كىتابلار ئاساسەن رۇسچە، ئېنگىلىزچە، گېرمانچە، خەنسۇچە بولۇپ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، فرانسوزچە، ئىتالىيانچە، گوللاندچە، ياپۇنچە، كورىيانچە، ئەرەبچە كىتابلار ئاساسەن تولۇق ئەمەس ئېدى. ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە كىتابلارمۇ تولۇق ئەمەس ئېدى. (لېكىن لازىم دېسە ھەقسىزئەكەلدۈرۈپ بېرىدۇ) . مەسىلەن، ئەسئەت سۇلايمان مۇئەللىم "ئۆزلۈك ۋە كىملىك" دېگەن كىتابىدا تىلغا ئالغان "تەبەسسۇم يىتكەن زېمىن" دېگەن ئېنگىلىزچە كىتاب بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا يوق ئىكەن. يەنە بىرى ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن باغلانغان كىتاب ياكى تەتقىقاتلارنىڭ ئازلىقى ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتنىڭ ئازلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئۇيغۇر نامى 1921-يىلى تاشكەنتە بېكىتىلىشتىن بۇرۇنمۇ خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ۋە ئەجدادلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات بار ئېدى. مەسىلەن مورگان ئەسەرلىرىدە تىلغا ئالغان تۇرانچە تۇققانچىلىق تۈزۈمى، ماركىس ئەسەرلىرىدىكى ئەمىر تۆمۈر ۋە باشقىلار. ئۇيغۇر نامى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقات تۈركلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى تەتقىقات دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلگەن بولغاچقا بۇنى بۈگۈن كومپىيوتىرغا ئۇيغۇر دەپ كىرگۈزۈپ تاپقىلى بولمايدۇ. ھەتتا سەكسىنىجى يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن باشقا تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلى دېگەننىڭ ئورنىغا شەرقى تۈرك تىلى دېگەننى قوللانغان. ئۇيغۇر دېگەنلىك غەرپ ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپلا قالغان خالاس. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى نامى ۋە يۇرتى بىلەن باغلانمىغان تەتقىقات ۋە كىتابلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ ئۇيغۇرنىڭ جاھانغا تونۇلالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش بىھاجەت.

ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگىلىزچە كىتاپلار ئۇيغۇرلاردىن نوپۇسى كۆپ بىر قىسىم مىللەتلەر ھەققىدىكى كىتاپلاردىن جىق. ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەتقىقاتنىڭ ۋە كىتابلارنىڭ ئاز كۆپلۈكى ھەققىدە گەپ ئاچقاندا مەنچە سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانساق مەسىلە بىر قەدەر كونكىرىتلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزەمنىڭ كەسپى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە كىتاب ئىراننىڭ دۆلەت تىلى بولغان پارىس تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە كىتابتىن جىق. مەسىلەن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە يېزىلغان ئېنگىلىزچە "تەكلىماكاندىن سالام" دېگەن كىتابنى ۋە ئۇنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تور بېتىدىن چۈشىرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئىندىيانا ئۇنۋېرىستىتى نەشىر قىلغان، بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كىتابىنى ئامېرىكىدا خالىغانچە سېتىۋېلىش مۇمكىن. بۇندىن باشقا خەمىت زاكىر ئېنگىلىزچە تۈزگەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش كىتابىنىمۇ توردىن سېتىۋېلىش مۇمكىن. خەمىت تۆمۈر يازغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى" دېگەن كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى ئامېرىكىدا كۆپىنچە كۈتۈپخانىلاردىن تېپىلىدۇ. مەن مەكتىپىمىزدە پارىسچە ئۆگنىۋاتقان چېغىمدا تۆرت ساۋاقداش پارىسچە ئۆگىنىدىغان ئېنگىلىزچە كىتاب ئىزلەپ نە كۈتۈپخانىدىن، نە كىتاپخانىدىن، نە توردىن تاپالماي ئاۋارە بولدۇق. ئاخىرى بولماي كىتاپ ئىراندىن كەلتۈرۈلگىچە بىر ئىككى ھەپتە ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ ھىندىيانا ئۇنۋېرىستىتى، مىچىگان ئۇنۋېرىستى، ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرىستىتى، سىياتۇلدىكى ۋاشىڭتون ئۇنۋېرىستىتى، خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى، ماساچوستىس تېخنىك ئۇنۋېرىستىتى قاتارلىق مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئامېرىكىدا ئۇ قەدەر ئاجىز ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان سىتراتىگىيىلىك تىللار قاتارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر يىلى بولۇشى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنچە ئاجىز ھالقا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

"ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ؟" بۇ سۇئالنىڭ سورۇلۇشى ئىنتايىن قىممەتلىك. شۈبھىسىزلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلىشى خەلقنىڭ تەبىئىي ئارزۇسى بولۇپلا قالماي پايدىلىق ئىنتىلىشتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ سىرىتقى دۇنيادا ئۆزىنى بىلىدىغانلارنىڭ بار يوقلىقىغا قىزىقىشى تولىمۇ تەبىئىي بىر ئىش. بىر شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادا ھىچ قايسىمىزنىڭ خەق تونۇمايدىغان نام نىشانسىز ئىنسان بولۇپ قالغىمىز يوق. ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش چاقىرىقى دەل ھەر بىر ئۇيغۇردىكى ھەرقانداق ئىنسانغا ئورتاق بولغان يۇقارقى ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجىنىڭ ساداغا ئايلىنىشىدۇر. تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشقا ئۇرۇنۇش ئالقىشقا ئەرزىيدىغان تىرىشچانلىقتۇر. دۇنيادا بىرەر مىللەتلا ئەمەس، دۆلەتلەر ۋە دۆلەت باشلىقلىرىمۇ ئۆز دۆلىتىنى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتنىڭ توچكىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىپىرلىشىدۇ. گېزىتتىن ئوقۇشۇمچە ئامېرىكا پىرىزدېنتىنىڭ دۆلىتىگە بولغان زىيارىتىنى ياكى ئامېرىكىغا زىيارەتكە بېرشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پىرىزدېنتلىرى ھەر قېتىملىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خېلى كۆپ مەنپەئەتلەرنى تەقدىم قىلىدىكەن. تونۇلۇشنىڭ پايدىسىنى ھىس قىلمىغان بولسا خەق بۇنچە ئاۋارە بولمىغان بولاتتى.

مىللەتنىڭ تونۇلىشىنىڭ، ئاخباراتنىڭ توچكىسىغا ئايلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى مىسالدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئەڭ ئاددى مىسال، مەكتىپىمىزدىكى بىر ئۇيغۇرشۇناس ئۇيغۇر تىلىغا دائىر بىر قانچە تەتقىقات تېمىسىنى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات فۇندى جەمئىيەتلىرىگە ئىككى يىل ئۇدا يوللاپ غەلىبە قىلالمىغانىكەن. 2009-يىلى كۈزدە قايتا يوللاپ ئۈچ تەتقىقات تېمىسى بىراقلا ئۇتۇقلۇق تاللاندى. پەرەز قىلىنىشىچە بۇمۇ 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋىي ئاخباراتلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەكتىپىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇندىن مەسلەھەت ئىشخانىسى بار. بۇ ئىشخانىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوت ۋە قانۇن بىلەن ئالاقىدار ئىشلىرىغا ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 700 دوللاردىن كەم بولسا ھەقسىز مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بۇ ئىشخانىغا 2009-يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرى سوتقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بىلەن كىرىپتۇ. ئادۋۇكات نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سوراپ بولغۇچە پاجىيەلەردىن يۈرىكى ئېزىلىپ تۇرغان بۇ قېرىندىشىمىز يىغلاپ تاشلاپتۇ. ئادۋۇكات بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كىرىم ئىسپاتىنى كۆرمەيلا مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن ئېلىنىشى كېرەك بولغان 100 دوللارنى ئەپكەس قىلىپتۇ. چۈنكى ئۇمۇ تېلۋىزورلاردا كۈندە بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرنى كۆرگەنىكەن.

دۇنيانىڭ ئۆزىنى تونىشىنى، چۈشىنشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ھازىرىنى، كەلگۈسىنى ۋە ئۆتمۈشىنى ئىلمىي كىتاب، تەرەپسىز ئاخبارات، مۇكەممەل مائارىپ ئارقىلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى، ئۆزى ھەققىدە پىلانلاردا بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلار تەرىپىدىن تۈزۈلۈۋاتقان سىتىراتىگىيىلەردىنمۇ بىخەۋەر قېلىشى دۇنيانى چۈشەنمەسلىكىدىنمۇ ئارتۇق پاجىيە. بۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلمەسلىك، ئۆزىنى دەڭسىيەلمەسلىك، ئۆزىگە لايىق پىلان تەدبىرلەردە بولالماسلىق، تۈزۈلگەن سىتىراتىگىيىلەرگە لايىقلىشالماسلىق، ئۆزى ھەققىدە قىلىنىۋاتقان ھۆكۈملەرگە ئەقلىي پوزىتسىيە تۇتالماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى تونۇش ۋە ئۆگىنىشىدىكى مەنبە ئەدەبىيات ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىي ماقالىلەر بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ھەققىدە يېزىلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي مۇلاھىزىلەردە مىللەتنى شەخسلەشتۈرۈش، ئوبىكىتلاشتۇرۇش، جىنسىيلەشتۈرۈش خاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە ئاممىۋىيلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئىلمىي، ئەقلىي، مۇنتىزىم تونۇشقا ئىگە بولۇشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. ئەگەر مىللەت ھەققىدە ئىلمىي، ئەقلىي ۋە مۇنتىزىم تونۇشقا ئىگە كىشىلەر يېتەرلىك بولسا ئېدى، مىللەتنى كەمسىتىش، ئوبىكىتلەشتۈرۈش، شەخسلەشتۈرۈش، جىنسىيلەشتۈرۈشتەك ناتوغرا تەپەككۇر ئادىتى كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان بولاتتى. نەتىجىدە مىللەتنى كەمسىتىدىغان، قارا قويۇق ئىنكار قىلىدىغان ئىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇ قەدەر ئاممىۋىيلاشمىغان بولاتتى. مەسىلەن، ئەختەم ئۆمەر "ئەدەبىيات بولمىسا بولمايدۇ" دېگەن بىر ئەدەبىي خاتىرىسىدە "مىللەتنىڭ ئىللىتى كىرگە ئوخشايدۇ، ئەدەبىيات سوپۇنغا ئوخشايدۇ" دەپ يازىدۇ. بۇ مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرۇش بولۇپ مىللەتتىكى ئاتالمىش "ئىللەت" نى يەنى كىرنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ. مىللەت مەدەنىيىتىدە پەيدا بولغان نامۇۋاپىق ئادەتلەرنى سوپۇن كىرنى يۇغاندەك ئەدەبىيات ئارقىلىقلا يۇيۇپ تازىلىۋەتكىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. بايقىشىمچە مىللەتنى بۇنداق ئوبىكىتلاشتۇرۇش 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەنىكەن. مەسىلەن، تىيىپجان ئېلىيوف:

مېغىزى شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ،

ئەي ئەقىل شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ.

بېيىيدۇ مىللەتنىڭمۇ پەزىلىتى،

تۈزەتسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ.

بۇمۇ ئوخشاشلا مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرغانلىق بولۇپ شاكال بىلەن مېغىزنى ئايرىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلگەن بىلەن مىللەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىللىتىنى ئايرىش، پەزىلەتنىڭ تەمىنى مېغىزنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك تېتىپ، ئىللەتنىڭ زىيىنىنى شاكالدەك ئىلغىۋېتىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مىللەتنى ئوبىكىتلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر مىسالى خەلقنى پادىغا، زىيالىنى پادىچىغا ئوخشىتىش. بۇ يەردە مىللەت گەپ قىلالماس، تەپەككۇرسىز ئوبىكىتقا ئوخشتىلىغان بولۇپ باشلىغۇچى زىيالىنىڭ رولى مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا ئەدەبىي ئوبزۇرلاردا كۆپ قوللۇنىلىدىغان "خەلققە زىيانلىق ئىددىيە تارقاتقان، خەلق قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلارنى يازغان، خەلقنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئويلاشمىغان…" دېگەن گەپلەردىنمۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەسۋىرلىگۈچى، يېتەكلىگۈچى سۈپىتىدە بىر يۈكسەكلىككە قويۇۋېلىپ خەلقنى يېتەكلەنمىسە، تەسۋىرلەنمىسە بولمايدىغان ئوبىكىتقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق تەپەككۇر ئۇسۇلىدا چىقارغان يەكۈن ئالىمدىنمۇ، زالىمدىنمۇ، ناداندىنمۇ، ئاقىلدىنمۇ تەركىپ تاپىدىغان بىر ئادەملەر توپىغا ئەمەس، شەيئىلەر توپىغا ماسراق بولىدۇ. خەلقنىڭ يازغۇچىلارنىڭ مىللەتتىن ئىبارەت بۇنداق كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان مەنىۋىي بىرلىك، ئاڭدىكى مەۋجۇدلۇقنى كونكىرىت ئوبىكىت سۈپىتىدە كۆزىتىشى، تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە تەسۋىرلىشى تارىخ ۋە رىياللىقنى ئەدەبىيات ئارقىلىق چۈشىنىشكە مەھكۇم بولۇپ قالغان ئۇيغۇلاردا خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇرنى شەخسلەشتۈرۈشمۇ بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە "ئىللەت" لەر تەنقىد قىلىنغان ئەدەبىي ماقالىلەر سادىر قىلغان نۇقسانلارنىڭ بىرى. ئىنسانلار دۇنيانى تەسۋىرلىگەندە ئادەملەشتۈرۈشتىن (شەخسلەشتۈرۈش) خالى بولالمىغان. مەسىلەن، پارىس قولتۇقى، ئىستانبۇل بوغۇزى، تۇمشۇق شەھرى، تاغ ئۇمرۇتقىسى، ئۆڭكۈر ئاغزى قاتارلىقلاردا ئادەملەردە بولىدىغان ئەزالار ئارقىلىق تەبىئەت مەۋجۇداتلىرى تەسۋىرلەنگەن. ئىنسانلار دۇنيانى چەشەندۈرۈشتە بىر تۈردىكى مۇرەككەپ ھادىسىلەرگە ئادەمگە خاس ئەزالارنىڭ ناملىرىنى بېرىش ئارقىلىق مۇرەككەپ شەيئىنى ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشىنىش مەقسىدىگە يەتكەن. بۇنداق تەپەككۇر ئادىتى تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، "قەشقەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يۈرىكى دېسەك غۇلجىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆزىدۇر."، "زىيالىلار خۇددى دوختۇرغا ئوخشاش مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا بايقىمىسا، رەھىمسىزلىك بىلەن ئوپىراتسىيە قىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكەندەك مىللەتكىمۇ خەۋپ يېتىدۇ."، " مىللەتتىكى نۇقسانلارنى ئوپىراتسىيە قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى."، " ئادەملەر ئۆزىدىكى ئەيپنى ئەينەكتىن كۆرىدۇ، مىللەتمۇ ئادمگە ئوخشاش ئۆزىنى تونۇشتا مۇشۇنداق ئەينەككە مۇھتاج." دېگەندەك جۈملىلەرنى دائىم ئوقۇپ، ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇلارغا بىر قارىسا توغرىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن تەپسىلى ئويلاپ باقساق بۇنداق مىللەتنى شەخسلەشتۈرۈشتە مۇرەككەپ مەسىلە ئاددىلاشتۇرۇلۇپ چىقىرىلغان خۇلاسە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولماي قالىدۇ. بىرمىللەتنىڭ مەسىلىسى بىر شەخسنىڭ مەسىلىسىدەك ئۇنداق ئاددى بولمايدۇ. بۇنداق تەپەككۇرنى لېرىك نەسىر ۋە شىئېرلاردا قوللۇنۇشقا بولغان بىلەن مىللەت ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ماقالىلەردە قوللۇنۇلسا ئوقۇرمەنلەردە خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقىدۇ.

مىللەتنى جىنسىيلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەشنى بىر قىسىم ئەدىپلەر مىللەتنىڭ روھىيىتىنى قازغانلىق دەپ يوشۇرۇۋاتىدۇ. بىر داڭلىق شائىرنىڭ نوپۇزلۇق بىر ژورنالدا " ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم ئېڭى دىنىي ئاڭ، يېرىم ئېڭى جىنسىي ئاڭ" دەپ يازغانلىقىنى ۋە مېنىڭمۇ بىرمەزگىل بۇ ھۆكۈمنى توغرا دەپ قاراپ يۈرگىنىمنى ئۇنۇتلمايمەن. بىر قىسىم ئەدىپلەر فرۇئىيدنىڭ ئىنساندىكى بارلىق ئىجادىيەت ۋە قىزغىنلىقنىڭ مەنبەسىنى جىنسىيەتكە باغلاپ چۈشەندۈرىشىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، كىشىلەردىكى جانلىقلارغا ئورتاق ئىقتىدارنى ئۇيغۇرلاردا "ئالاھىدە" دەپ كۆپتۈرۈپ تەسۋىرلىمەكتە. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەرگە بەكرەك شەھۋەتخور كۆرۈنىدۇ. گېرمانىيەدە گېرمانلارغا تۈركلەر جىنسىيەتكە "ئالاھىدە" خۇشتاردەك بىلىنىدىكەن. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەينى چاغدا ھېندىستانلىقلارنى، فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئەرەبلەرنى جىنسىي تۇرمۇشقا ئالاھىدە مايىل دەپ بىلىشىدىكەندۇق. مۇشۇ نوقتىدىن ئويلىغاندا خەقنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيەت مەسىلىلىرىدە "ئالاھىدە"دەپ تەرىپلىنىشىدىن پەخىرلىنىش ۋە بۇنى ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى دەپ چۈشىنىۋېلىش ساددىلىقتۇر. بۇنى ئۇيغۇرنىڭ "ئەرلىك خاراكتىردىكى مىللەت" ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە نەقىل ئېلىش خەقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاتالمىش خەقنىڭ پاراڭلىرىدا، كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىك خاراكتىرى كۈچلۈك، ئاياللىق گۈزەللىكى پەردەزسىز، ئوچۇق دەپ يېزىلغان بولسا بۇ قالاق، ياۋايى دېگەن گەپنىڭ ياپتا ئېيتىلىشىدۇر خالاس. بەزى يازغۇچىلارنىڭ بۇنى " مىللەتنىڭ خاسلىقى ھەققىدىكى بايقىشىمىز" دەپ قاراپ قالپايتىپ ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈشلىرى خەققە مايمۇن ئويۇنى ئويناپ بەرگەندەك بىر ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دۇنيا ئۇيغۇرنى بىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىنى بىلىشى يېتەرلىك ئەمەس. مەندىن "ئامېرىكىلىقلار بىزنى بىلەمدىكىن، تونۇمدىكەن" دەپ سوراۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىلىقلارنىمۇ، ئامېرىكىنىمۇ، ئەڭ موھىمى ئۆزىنىمۇ تەپسىلى بىلىش پۇرستىدىن مەھرۇم. دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى بىلىشى ئىلمىي كىتابلارغا ۋە ئاخباراتقا تايىنىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ دۇنيانى بىلىشى پەقەت ھەر كۈنى مەركىزىي تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرىگە ۋە مەكتەپ مائارىپىغا ئاساسلىنىدۇ. ھازىرقى مائارىپ مەنپەئەتپەرەسلىك، سۈيىئىستىمالچىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغاچقا ئىنسانغا پايدىلىق بولغان مەدەنلەر، ھايۋانلار، ھاشارەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر، ھاۋارايى توغرىسىدىكى بىلىملەر تەپسىلى سۆزلەنگەن بىلەن مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، يەرلىك بىلىمى، دۇنيا قارىشى، گۈزەللىك ئۆلچەملىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىلىملەرنى يېتەرلىك ۋە تەپسىلى ئۆگىتىشكە قادىر ئەمەس. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، ھەم بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي ماقالىلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن چۈشىنشكە مەھكۇم بولۇپ قالغانلىقى ئۇيغۇرلاردا مەسىلىلەرنى لوگىكىلىق ئانالىز قىلىشقا سەل قاراش، بەزى ئىلىمگە مۇخالىپ قاراش، خاتا تونۇش ۋە نامۇۋاپىق تەپەككۇر ئادىتىگە كۆنۈپ قېلىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلماقتا.



ئالدىنقى: چەتئەل ئىشتىياقى ۋە ئۇيغۇرلۇق ئەندىشىسى

كـىيىنكى: تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا