تۇغسىزلارغا قالدىڭمۇ دۇنيا

پىداكار ئۇيغۇر ئوغلانى مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق خاتىرىسىگە

1. خاراكتېرلىق ئادەم

10-ئىيۇن، قولۇم ئىشقا بارمايدىغان كۈنلەرنڭ ئىچىدە بىر قارا كۈن ئېدى. ھاياتىمدا بىر قانچە رەت قىسقا سۆھبەتلەردە بولغان بولساممۇ پەقەت بىرلا قېتىم لېكسىيەسىنى ئاڭلاشقا مۇشەررەپ بولغان، قايىللىق نەزىرىم بىلەن يازمىلىرىنى بېرىلىپ ئوقۇيدىغان مەنىۋىي ئۇستازىم يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ ئاللاھقا قايتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ئەپسۇس، مىيىت نامىزىدىن خەۋەرسىز قالدىم. ئۇستازىمنى ئاللاھنىڭ مۇبارەك دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويالمىدىم . غۇرۇرنى، ئىتىقادنى، خاسلىقنى يالماۋاتقان زۇلمەتتە، نەپىسلەر توپانىدا ھىچ نېمە قىلالمايۋاتقاندەك چارەسىز تۇيغۇلىرىمغا يەنە بىر قىيناق قوشۇلدى. بىز ئۇيغۇرلۇق سۆيگۈسىنى قەلبىگە بايراق قىلغان يەنە بىر ۋىجدانلىقتىن قېرىندىشىمىزدىن، تۇغۇلۇقتىن ئايرىلدۇق.

رەھمەتلىك پەرزەنت تەربىيەسىدە خاراكتىرلىق ئادەم بولۇشنى تەكىتلەيتتى. ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتىرگە، خاسلىققا ئىگە بولۇشىنى بارلىق سائادەتلەرنى بېشى ھىساپلايتتى. ئىنساننىڭ خاسلىقى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان، ئىنساننىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلىك غۇررۇرى دائىم كۆرۈنمەس سىياسىي شۇئار ۋە غايىلەر ئالدىدا، ياكى شۇ شەخسنىڭ ئۆلۈك تېرىكىگە ئىگە بولمايدىغان مەۋھۇم كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتى ئالدىدا پايخان قىلىنىدىغان بىر جەمئىيەتتە بۇ ھەممە كۇسۇلدايدىغان غەيۋەت ئەمەس، ۋارقىراشقا تىگىشلىك چاقىرىق ئېدى. ئۇستاز بۇ چاقىرىقنىڭ تەشەببۇسچىسىلا ئەمەس ئۈلگىسى ئېدى. مەن ۋەتەندىكى كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ ئۈچتاش جامەسىدە ئاللاھقا ئېگىلگىنىدىن باشقا ئۆزگە بىر ئىنسان، بىر مەنپەئەت ۋە ياكى بىر ئىدارىگە ئېگىلگىنىنى كۆرمىگەنىدىم.

2. مۇستەقىل زىيالى

ئۇيغۇردا مۇئاشسىز دىنىي زىيالىلاردىن باشقا پەندە ئوقۇغان مۇستەقىل زىيالىلار قوشۇنى شەكىللەنمىدى. چۈنكى، تۈرلۈك سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن رايۇنىمىز ئەركىن بازار ئېگىلىكىگە تولۇق ئۈتۈپ بولالمىدى. پۈتۈن مەملىكەتتە تولۇق قانات يايغان ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات دىيارىمىزدا مۇقىملىقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەپتىن بىلىمنىڭ تاۋارلىشىشى، بىلىم ئېگىلىرىنىڭ كارىخانىچىلارغا ئايلىنىشى ھازىرغىچە رىياللىققا ئايلانمىدى. نەتىجىدە ئىلىمدارلار مەمۇرىيەتنىڭ مالىيى، سىياسەتنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ھاكىم ئىدولوگىيەنىڭ بېقىندىلىرى بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا مۇستەقىل زىيالى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار قوشۇنى بارلىققا كەلمىدى. يەنە بىرى ئەركىن بازار ئېگىلىكى ھازىرغىچە ھۆكۈمران بولمىغانلىقى سەۋەبلىك كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا رىسقىنى خەلقنىڭ داستىخىنىدىن، بازاردىن ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىپاتىدىن، سەدىقىسىدىن ئىزدەش خاھىشى مۆھۈرلىنىپ كەتتى. ئۇستازىمىز مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر ئارىمزىدىن چىققان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئېدى. ئۇستاز ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە ھىچ بىر سىياسى ئورگانغا ياكى مۇئاشلىق ئىدارىگە تەۋە ئەمەس مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئېدى. ئۇستاز كىتابلىرىنى ئۇنۋان ئۈچۈن يازمايتتى، ئۇستاز ماقالىلىرىنى مۇكاپات ئۈچۈن ئېلان قىلمايتتى. "قۇتادغۇبىلىك" تەتقىقاتىدا بىز پروڧېسسور دەپ يۈرگەن ھىچ بىر زات تېخى ئۇستازچىلىك ئىزدەنمىگەن ئېدى.


بىزنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان چاغلىرىمىز 2000-يىللار ئېدى. شۇ چاغدا مەن ماگىستىرلىق ماقالەمگە تېما بېكىتىش بىلەن مەشغۇل ئېدىم. ئۇستازغا "ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا دېداكتىكا ئەنئەنىسى" نى يورۇتماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا بەك خوش بولغانىدى، ئەمما بۇ پىلان لەۋلەرنىڭ ئارىسىدا، ئارمانلارنىڭ ئاراچلىرىدا بويۇن قىسىپ قالدى. مەرھۇم ئۇستاز مېنى كۆپرەك يېزىشقا، ئىزدەنگەنلىكنىڭ نەتىجىسىنى نامايەن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنىدى. ئۇستاز بىزدىن بىلىمنىڭ، تەتقىقاتنىڭ تەرەپسىز، ھەققانى ۋە مۇستەقىللىقىنى غۇرۇرىمىزنى قوغۇدىغاندەك قوغۇداشنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئۇستاز ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىقنى بەكمۇ ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى. كەسپىدىن ئايرىلىپ قالغىنى ئۈچۈن بەكمۇ ھەسرەت چېكىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئۇستاز قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىدىن قوغلانغىنىدا خىزمەتتىن ئەمەس مۇنبەردىن قوغلانغىنى دەپ چۈشەندۈرگەنىدى. يىللار ئۆتۈپ ئۇستاز قوغلانغان شۇ مۇنبەر- قەشقەردىكى بىردىن بىرئالى مەكتەپ مۇنبىرى مېنىمۇ يېقىن يولاتمىدى. دېمەك، بۇنداق قوغۇلۇنۇش، سۈرگۈن بولۇش قىسمىتى ئىمانى ۋە ۋىجدانى ئويغاق ھەر بىرىمىزنىڭ بېشىدا بار. بۇ يەردە بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنگە سەيلىچىدەك، بىكارچىدەك قاراپ تۇرغان مىڭلىغان ئۇيغۇر پەقەت ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتىمىز خالاس. بۈگۈن بۇ ئۆچىرەت ماڭا كەلدى، ئەتە ئۆگۈن يەنە بىرىمىزگە كېلىدۇ.

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىرنىڭ 1996-يىلى خىزمەتتىن قوغلىنىپ ھۆكۈمەتتىن ئالالمىغان نىسىۋىنى ئۇيغۇردىن ئالالىغىنى بۇ خەلقنىڭ زىيالىسىنى باقالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئېدى. ئەمما بۇ ئىسپات تا بۈگۈنگىچە كۆپ سانلىق زىيالىنىڭ ئىتىراپىغا، ئورتاق تونۇشىغا ئايلىنالمىدى. مۇئاشنىڭ مېھرى، ماشىنىنىڭ سېھىرلىك ئورۇندۇقى، ئىشخانىدىكى بىخەتەر خورلۇق ئۇلارنىڭ ئەقلىنى بەنت قىلدى. 1999-يىلى تونۇلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بىزگە دەرس ئۆتۈۋېتىپ، "مەن ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە تىلىم، ئۇيغۇرچە ئەسەرلىرىم بىلەن تونۇلدۇم، ئەگەر مېنى خەنسۇچە دەرس ئۆت دېسە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن شاگاڭ!" دېگەنىدى. ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتتى دەرسخانىدىكى شۇ ھاياجانلىق نۇتۇقنى ئاڭلىغىنىملا ئېسىمدە، ئاشۇ ھاياجاننىڭ ھەرىكەتكە ئايلاغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. مەن ھەر قېتىم خىزمەتنى تاشلىغاندا "كېيىنلىكىڭ ئۈچۈن چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قوي!" دېگەن گەپلەرنى ئاڭلايمەن. بۇ گەپلەردىن مەن 60 يىللىق تەربىيەنىڭ، 60-يىللىق بېقىندىلىقنىڭ ئىنساننى قانداق زىھنىيەتكە، ئىددىيەگە مەھكۇم قىلغانلىقىنى پەرەز قىلىمەن. بىز ئەسلى كېيىنلىكىنى ئاللاھقا باغلايدىغان، چېكىنسە ئاللاھقا چېكىنىدىغان خەلق ئېدۇق. كەرەملىك ئاللاھ مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ باغرىغا ياراتقان مەرھۇم يارمۇھەممەد مۇئەللىم ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى مۇنبەردىن قوغلانغاندا ئۇيغۇرنىڭ مېھىرلىك باغرىغا سىغىندى. ئۇيغۇر بۇ پىداكار ئوغلىنىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەجرىگە جاۋاپ قايتتۇردى. ئۇ ھىچ بىر چېكىنىش يولى قالدۇرمىغان ئېدى، ئۇ چېكىنسە ئاللاھقا چېكىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. مەنچە ئۇ ئۇيغۇرچە زىيالىلىقنىڭ بەلگىسى بولغان مۇستەقىللىقنى، كەسكىنلىكنى ۋە قورقماسلىقنى بىزگە تۇغ قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.

3. تۇغلۇق ئاكا، ساڭا دەيغانلىرىم بارىدى

تۇغلۇق ئاكا، سەن يېزىپ قانداق ئويلىغان بىلمەيمەن، ئەمما يازغانلىرىمغا ئاتالغان مەدىھىيەلەر رىياللىقنىڭ سىقىشلىرىغا، بوغنۇقۇشلارغا مەلھەم بېرەلمىدى. ئەمما يازماي بولمىدى، پەقەت يازغانلىرىمغا قاراپلا مەن ئۆزەمگە، كۈنلىرىمغا ھىساپ بېرەلىدىم. يازدىم، ئەمما يارمۇھەممەد ئاكا، ماڭا يۈزلىنىپ، كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇرغان كىشىلىرىم-ئوقۇغۇچلىرىم ئۇيغۇرچە ئوقۇيالمايتتى. يازاتتىم، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ دۇنياسىدىن بەكمۇ يىراق ئۇلار چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى يازاتتىم. ئۇلارنىڭ دۇنياسى خەنسۇچە قۇرۇلغان ئېدى. ئۇلارنىڭ دۇنياسى خەنسۇچە دەرسلىك، كىتاب ۋە كىنولاردىكى خەنسۇلارنىڭ تۇيغۇسى، پىكرى ۋە ئىددىيىسى بىلەن "بېزىلىۋاتاتتى". ئۇلار سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 12 يېشىدا ئۆز ئەقلى بىلەن ئىسلامنى تاللىغانلىقىنى، ئۇيغۇرنى ھىدايەتكە باشلاشقا ئۆزلىرى بىلەن قۇرداش چاغلىرىدا ئاتلانغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇلار نۇزۇگۇمنىڭ 15 يېشىدا مىللەتنىڭ نومۇسى ئۈچۈن قولىغا قورال ئالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئېدى. "غەرپ مەتبۇئاتىدىكى ئۇيغۇرنىڭ گېپى" ئۇلارغا سىر پېتى قالدى. ئوقۇپ بەردىم، لېكىن بوۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن دەرەخلىرىگە"شىراق"، "سۇتۇق"، "سادىر"، "نۇزۇگۇم" دەپ ئىسىم قويۇۋالغانلىقنىڭ سىرىنى بىلەلمىدى. ئوقۇۋېتىپ ئۆزۈم تۆكۈلۈپ كەتتىم، لېكىن ھىچ كىمنىڭ كۆزلىرى ياشلانمىدى، ئاڭلىسام بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئانىسى ئوقۇپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇلارنى ساڭا دەۋاتىمەن يازمۇھەممەد ئاكا، ساڭا دەپ بەرمەكچىدىم. سەندىن مۇشۇنداق ئازاپلىرىمىزنى قارا كۆز پەرزەنتلەرگە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرەلمەيۋاتقان، دەردىمىزنى جاھانسازلارغا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتالمايۋاتقان كۈنلەردە ئايرىلدۇق يارمۇھەممەد ئاكا. تىل تۇغى ئىمان تۇغى، تىل تۇغى ۋەتەن تۇغى دېمەپمىدۇق، مانا ئەمدى ئاشۇ تۇغنىڭ پەرۋانىلىرىدىن ئايرىلدۇق. "بىر بۇردا زاغرىغا زار بولغان كەبى، تەبەسسۇم كۈلكىلەرگە زار بولغان" بۇ كۈنلەردە كۆزلىرىمىز، يۈرەكلىرىمىز يەنە ياشلاندى. سەن تۇغلۇق-بايراقلىق ئىنسان ئېدىڭ. سېنىڭ غايەڭ يىقىلماس بايرىقىمىزدەك مۇقەددەس، مۇستەھكەم ئېدى. سەن كەتتىڭ، ئاللاھقا يارىغىدەك ئەمگەك قىلغان تۇغلۇقلار كەتتى. بىز سەنسىز قالدۇق، تۇغسىز، ئەقىدىسزلەر بىلەن قالدۇق. قارا يارمۇھەممەد ئاكا،نەپسىگە ئىمان ئېيتقان، ھوقۇققا ۋە ھوقۇقدارلارغا سەجدە قىلىدىغان، زامانغا قاراپ ئۆزگىرەلەيدىغان سەللىلىك، گىلاستۇقلۇق تۇغسىز مۇردىلار يەنە ھايات يۈرىدۇ.



ئالدىنقى: ئۇيغۇرنى كىم تونۇيدۇ

كـىيىنكى: پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت