ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىلىرى

ھازىر شىنجاڭدا يىگىرمە مىڭدىن كۆپرەك مەسچىت - مەدرىس بولۇپ، ئۇلار تالىپلار قىرائەتخانىسى، مۇدەررىس ئىشخانىسى، مەسچىت، ياتاق، سەرراپخانا، قازىخانا (مەھكىمە شەرئىتىلاۋەتخانا قاتارلىق بۆلۈمچىلەردىن تەركىب تاپقان، ئىمارەتلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى ئۇسلۇبىدا ياسالغان بولۇپ، قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.

) ھېيگاھ جامەسى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىدىن بىرى بولغان ھېيگاھ جامەسى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. دەسلەپ 1442 - يىلى بۇ يەرگە كىچىك بىر مەسچىت سېلىنغان. 1557 - يىلى قەشقەر ھاكىمى ئوبۇل بەگ تەرىپىدىن، 7178 - يىلى خانئېرىقلىق زۇلپىيە خېنىم تەرىپىدىن، 1809 - يىلى ئىسكەندەر ۋاڭ تەرىپىدىن، 1839 - يىلى زۆھۈردۇن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن، 1873 - يىلى پۇقرالار تەرىپىدىن ئىلگىرى - كېيىن كېڭەيتىپ ياسالغان.

ھېيتگاھ جامەسى چوڭ دەرۋازا، مەدرىس، مەسچىت قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئون بەش مىڭ ئالتە يۈز كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ. چوڭ دەرۋازا پەشتىقى خىش بىلەن ئېگىز ھەم كۆركەم ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە ئون سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى پەشتاق مۇنارى ئورنىتىلغان. مۇنار ئۈستىدىن قارىسا قەشقەر شەھرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. دەرۋازا زالى تەكشى، يۈزى سەككىز قىرلىق، ئۈستى گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. ئىچكى قىسمى مەسچىت ۋە مەدرىسكە بۆلۈنگەن ھەم ياغاچ رېشاتكىلىق خىش تام بىلەن ئايرىلغان. جامەنىڭ ئالدىغا مەدرىس جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر - بىرىگە قارىشىپ تۇرغان ھۇجىر ۋە دەرسخانىدىن تەشكىل تاپقان. جامە ھويلىسى ئىچىدە ئىككى كۆل بولۇپ، كۆل ئەتراپى ئېگىز سۇۋادان تېرەكلەر بىلەن قاپلانغان. مەسچىت جامە ھويلىسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىچكىرىكى مەسچىت، تاشقىرىقى مەسچىت، ئايۋان دەپ ئۈچكە بۆلۈنگەن. مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز قىرىق مېتر، كەڭلىكى ئون ئالتە مېتر كېلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت قاپارتما نەقىش ئويۇلغان بىر يۈز قىرىق دانە تۆت قىرلىق تۈۋرۈك بىلەن تۇرغۇزۇلغان. ئۈستى يۈز ئاراغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ۋاسا جۈپ تۈز تورۇسلۇق ياسالغان. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ غەربىگە ئەگمە مېھراب ۋە ياغاچ بىلەن نەپىس ياسالغان مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يان، ئالدى تەرىپىگە ياغاچ پەنجىرلىك دېرىزە ۋە ئىشىك قويۇلغان. تاشقى مەسچىت ئالدى تەرىپى ئوچۇق ياسالغان كەڭ ۋە ئۇزۇن ئايۋاندىن تەشكىل تاپقان، توققۇز ئارانىڭ تورۇسىغا چاسا - خالىق ئويۇقچە چىقىرىلغان ۋە رەڭلىك سىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن جامە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ياسىلىش شەكلى، قۇرۇلمىسى ۋە نەقىش، بېزەكلەر جەھەتتىن قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە مىللىي شەكىلگە ئىگە.

) مەھمۇت قەشقەرى مازىرى تەھرىرلەش

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرى (مىلادىي 1008 - 1500 - يىللار) ئانا يۇرتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئوپال يېزىسىدا توقسان يەتتە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە شۇ يەردىكى <تاشبېلىق تېغى> (ھەزرىتى موللام تېغى) باغرىدىكى سۈزۈكبۇلاق ئۈستىگە دەپنە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەتنى سۆيگۈچى كىشىلەر ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە خاتىرە ئىمارەت ياسىغان. ئالىمنىڭ مازىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ياسىلىش، شەكلى، قۇرۇلمىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە نەقىش - بېزەكلىرى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپ، روزا - مەرىكە، تىلاۋەتخانا، ئايۋان، ئېتىكاپخانان، ھۇجرا، مەسچىت ۋە چوڭ دەرۋازا قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۆي - ئىمارەتلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇنىڭ روزا - مەرىكە، ئايۋان، مەسچىت قىسمى توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق، گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. لىم، جەگە، ھاراق - پەرمانلىرىغا نەقىش ئويۇلغان. نەقىشلەر ئىچىدە سۇخەر، غۇنچە، چېچەك، ياپراق، ئۈزۈم، بادام، يازا، كۇرگۈل، سەددە، بېلىق قاسىرىقى ۋە ھەرخىل گۈل، ئۆسۈملۈكلەر نۇسخىلىرى بار. بۇ قەدىمىي ئىمارەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن 1985 - يىلى ئەسلى شەكلى بويىچە قايتا ياسىلىپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تۈسكە كىردى، ئۇ، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقلىرى ۋە چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ساياھەت ۋە ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ئورنى بولۇپ قالدى.

) يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تەھرىرلەش

قاراخانىيلارنىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتەپەككۇر ئالىمى، پەيلاسوپ ۋە شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ (مىلادى 1810 - 1085 - يىللار) قەشقەر تۆمەن دەرياسى بويىدىكى <بارىگاھ> دېگەن يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئابدۇرېشتخان دەۋرىدە (1533 - 1570 - يىللار) ئالىمنىڭ قەبرىسى تۆمەن دەرياسى كەلكۈنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەشقەر شەھرىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى يېنىدىكى پايناپ مەھەللىسىگە يۆتكەلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئالىمنىڭ مازىرى ئۆزىگە خاس بىناكارلىق سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن، يەنى شەرقىي تەرىپىگە مازار، غەربىي تەرىپىگە مەسچىت ئورۇنلاشقان. مازار قۇرۇلۇشى خىش قۇرۇلمىلىق، گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. ئالدى تىك يۈزى ھەرخىل نۇسخىدىكى رەڭلىك نەقىشلەر بىلەن ئىشلەنگەن كاھىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن، تۆت بۇلۇڭغا يۇمىلاق مۇنار چىقىرىلغان. مازارنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ - كىچىك مۇنار ۋە گۈمبەزلەر ئۆزئارا قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. مەسچىت قىسمى ئىچكىرى، تاشقىرى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ئىچكىرىكى مەسچىت خىش قۇرۇلمىلىق گۈمبەز تورۇسلۇق ياسالغان. تاشقىرىقى مەسچىت ياغاچ تۈۋرۈك ۋە لىملار بىلەن ۋاساجۈپ تۈز تورۇسلۇق يېپىلغان. پۈتۈن مازارنىڭ ياسىلىشى كۆركەم. ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن رەڭلىك كاھىش ياغاچ ئويما نەقىش ۋە گەج ئويما نەقىشلىرى يۇقىرى ھۈنەر - سەنئەت بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ ھەيۋەتلىك مازار <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> مالىمانچىلىقىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. 1988 - يىلى پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمغۇرلۇقى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ياردىمى بىلەن بۇرۇنقى نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆز ئورنىغا قايتا ياساپ چىقىلدى. ئالىمنىڭ يېڭىدىن تۇرغۇزۇلغان بۇ كۆركەم ۋە ھەشىمەتلىك مازىرى دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇرۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئا)