بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بادامغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى كۈل رەڭ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، گىرۋەكلىرى سەل ھەرە چىشىسىمان، تۈكسىز، گۈلى ھال رەڭ ياكى ئاقۇش رەڭدە، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال؛ مېۋىسى سوقىچاق، سىلىق، قۇرۇق بولۇپ، ئاسان يېرىلىدۇ، ئۈچكىسى سىلىق، چوڭقۇر ئويمانلىرى بولىدۇ. مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە. بادام بىلەن پىستە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

بادام
ئۇيغۇرچە نامى بادام
ئىنگلىزچە Badam
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق
ئىشلىتىش مىقدارى 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴旦杏
شەكلى سوزۇنچاق
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبى
دورىلىق قىسمى مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى

ھەققىدە

تەھرىرلەش

بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بادامغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى كۈل رەڭ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، گىرۋەكلىرى سەل ھەرە چىشىسىمان، تۈكسىز، يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋىدە بەزلىك نۇقتىلار بولىدۇ؛ گۈلى ھال رەڭ ياكى ئاقۇش رەڭدە بىر-ئىككىدىن بولۇپ ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال؛ مېۋىسى سوقىچاق، سىلىق، قۇرۇق بولۇپ، ئاسان يېرىلىدۇ، ئۈچكىسى سىلىق، چوڭقۇر ئويمانلىرى بولىدۇ. مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىممىتى

تەھرىرلەش

بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ناۋات بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ۋە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بىر كىلوگرام بادام مېغىزىنى ئىككى كىلوگرام ياڭاق مېغىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، 500 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، چىراينى پارقىرىتىدۇ؛ نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈپ، خۇشخۇي قىلىدۇ. بادام مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر قوشۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، زىققە، يۇتقۇنچاق ئاغرىقى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە مەنىي بالدۇر كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

https://www.uyghur-archive.com/wiki-izde/wiki-izde/indexec69.html?a=show&id=16062

مەنبەلەر

تەھرىرلەش