پىستە ( Pistacia vera L ) سىر دەرىخى ئائىلىسى ( Anacardiaceae ) پىستە ئۇرۇقدىشى ( Pistacia ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ.  پىستە دۇنيادا تۈركىيە ، ئافغانىستان ، سۈرىيە ، ئىراق ، ئىران ، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى، جەنۇبىي ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر ، پەيزىۋات ، يەكەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.  

پىستە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿月浑子
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى ساپىندۇس دەرىخى تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى پىستە ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى
لاتىنچە نامى Pistacia vera L.
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى سىر دەرىخى ئائىلىسى
تۈرى پىستە
كەنجى تۈركۈمى سىر دەرىخى كەنجى تۈركۈمى
باشقا نامى 胡榛子、无名子、开心果

سىرتقى شەكلى

تەھرىرلەش

پىستە دەرىخى كىچىك بولۇپ ئېگىزلىكى 5 ~ 7 مېتىر كېلىدۇ ؛ كىچىك شاخلىرىمۇ توم كۈل رەڭلىك، كىچىك قوۋزاق تۆشۈكى بولىدۇ. كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە تۈكلۈك كېلىدۇ. ئۇزۇن بولغاندا 200 - 300 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.

يوپۇرمىقى

تەھرىرلەش

يۇپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان نۆۋەتلەشكەن مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۈستى تۈز ، يۇپۇرماق ئۇزۇنلۇقى 4-10سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5-6.5 سانتىمېتىر، ئۇچىدا ئۆسكەن كىچىك يوپۇرماقلىرى چوڭراق، ئالدى ئۇچى دىقماق ياكى ئۇچلۇق، يۇمىلاق ياكى كەسمە شەكىللىك كېلىدۇ، ياندىن ئۆسكەن كىچىك يوپۇرمىقى تۈۋىدىن سىممېترىك، تولۇق گىرۋەكلىك، بەزىدە ئازراق ئېگىز پۈرمە دولقۇن ، يوپۇرماق تۈكسىز، ئازراق پارقىراق، يوپۇرماق ئارقىسىنى شالاڭ ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يۇپۇرماقلىرىنىڭ سېپى قىسقا ياكى سېپى يوق.

كونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇزۇنلىقى 4-10 سانتىمېتىر ، گۈل رېتى ئوقى ۋە تارماق شاخلىرى تۈكلۈك ، يوللۇق ، ئاتىلىق گۈل رېتى كەڭ ھەم چوڭ ، گۈلى زىچ ؛ ئاتىلىق گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى ئۇزۇنچاق ياكى دۇگلەك شەكىللىك ، چوڭ − كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئۇزۇن 2 - 2.5 مىللىمىتىر ، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق؛ ئانىلىق گۈلىنىڭ گۈل يېپىنچا ياپراقچىس ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك , ئۇزۇنلۇقى  2-3 مىللىمېتىر ، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق، گۈل چېڭى تۇخۇم شەكىللىك ، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر , ئانىلىق بوينى ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 0.5 مىللىمېتىر .

مېۋە بىر قەدەر چوڭ ، ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 سانتىمىتىر ، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، ئۇچى ئىنىچكە، پىشقاندا ساغۇچ يېشىل رەڭدىن رەڭگى ھال رەڭ بولىدۇ .

تۈرى ۋە تىپلىرى

تەھرىرلەش

پىستىنىڭ تۈر ۋە تىپىلىرىدىن چىلگە پىستە، ئاق پىستە، بادام پىستە ..... قاتارلىق تۈرلىرى بار.

چىلگە پىستە

تەھرىرلەش

ئاساسلىق قەشقەر رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال بولۇپ ، شاخلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ ، يوپۇرماق يۈزى يېشىل ھەم پارقىراق ، قېلىن كېلىدۇ ، مېۋە شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپىسسىمان ھالەتتە ، مېۋىسىنىڭ ئۇچى ياكى قۇياش تەگكەن جايى قىزىل رەڭدە قالغان قىسمى ئاقۇچ ، مېۋە پوستىدىكى سىزىقچىلىرى روشەن بولىدۇ .

مېۋە ئۇزۇنلۇقى 1.94 سانتېمىتىر ، كەڭلىك 104 سانتىمېتىر كېلىدۇ . مېۋە بىرىش نىسبىتى ئوتتۇراھال . ئادەتتە 4 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى گۈلى ئېچىلىپ ، 8 - ئاينىڭ باشلىرىدا پىشىدۇ .

ئاق پىستە

تەھرىرلەش

ئاڭ پىستە ئاساسەن قەشقەر رايۇنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، قۇرغاقچىلىققا ،ئىسسىققا ۋە شورلۇق تۇپراققا قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى ، مېۋىسى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ ، مېۋە يۈزى قىزغۇچ ، مېۋىسىنىڭ تۇمشۇق تەرىپى ئۇچلۇق ، ئۇزۇنلۇقى 2.5 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 1.1 سانتىمېتىر ، مېۋە تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى .

بۇ سورت 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوبدان پىشىدۇ .

بادام پىستە بۇ خىل سورت بادامغا ئوخشاش شەكلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن « بادام پىستە » ياكى « پىستە بادام » دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە . بادام دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇراھال ،يوپۇرمىقى قېلىن ھەم پارقىراق ، سىلىق ، شالاڭ تۈكچىلىرى بار ، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ئۇچى ئۇچلۇق ، ئۇزۇنلۇقى 1.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 1.3 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق سېرىق ، كۈن تەگكەن قىسمى قىزغۇچ ھالەتتە بولىدۇ . دەرىخىنىڭ مېۋە تۇتۇش نىسبېتى تۆۋەن ، مېۋىسى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى پىشىدۇ .

ئۆسۈش شارائىتى

تەھرىرلەش

پىستە دەرىخى قۇرغاقچىلىققا ۋە سوغۇققا چىداملىق، مېۋىسىنىڭ تەركىبى % 60 - 54.6 ياغ بار. پىستە يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا تاقابىلچان ۋە چىداملىق ، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى. ئۈنۈمسىزلىككە چىداش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئۆسۈشى ئاستا، ئادەتتە 9 ــ 10 يىلىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، 20 ــ 30 يىلدىن پىستە دەرىخى مۇكەممەل بىر دەرەخكە ئايلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ قەشقەردە 4 -ئاينىڭ بېشىدا بىخ چىقىرىپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېچەكلەيدۇ، 8-ئاينىڭ بېشىدا بالدۇر پىشىدۇ، بالدۇر پىشىدىغان سورتى 110 كۈن ئەتراپىدا، كەنجى پىشىدىغان سورتى 130 كۈن ئەتراپىدا پىشىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 180-210 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

قىممىتى

تەھرىرلەش

ئىستىمال قىممىتى

تەھرىرلەش

پىستە مېۋىسى ۋە مېغىزىدا ئاقسىل ، مايلىق ياغلار بار . مېغىزىدىكى مايلىق ياغ % 43   ـ %65 كە، ئازۇت %2 كە ،قەنت تۈرىدىكىلەر % 10كە، تالالىق ياغ %4 كە ،كـۈل مـاددا %3 ،يېتىـدۇ . يـەنـە كـاروتـىـن ( carotin ) ۋىتامىنE، ۋىتامىن C ،B1 ، B2 ، نىكوتىن كىسلاتاسى (nicotinic acid) قاتارلىقلار بار. يوپۇرمىقىدا تاننىك كىسلاتاسى بار.

ئىقتىساد قىممىتى

تەھرىرلەش

سانائەتتە نازۇك ئەسۋاپلارنى ياغلاش ۋە پۇراقلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا موھىم خام ئەشيا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭدىن ئەلا سۈپەتلىك ، پۇراقلىق يېمەكلىك يېغى ئىشلەپچىقارغىلى، تورت ياساشقا ئىشلەتكىلى ، گىرىم بويۇملىرى ياسىغىلى بولىدۇ. پىستە دەرىخى ياغىچى ئويما بويۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ .

دورىلىق قىممىتى

تەھرىرلەش

پىستە يىغى تىبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى رولى بادام بىلەن ئوخشاش. يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىغى، ئەستە تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىغى، ئۇنۇتقاقلىق، ئۇرۇقلۇق ، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىغى، بۆرەك ئۇرۇقلاپ كېتىش، باھ ئاجىزلىغى، مەنىي سۇيۇلۇپ كېتىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، يۆتەل، قۇسۇش، قورساق . ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

پىستە مېغىزى يۈرەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي پەيدا قىلىش، سەمىرتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

پىستە مېغىزىنى كۇندە 10 گرامدىن ئىستېمال قىلسا، مېغىزىنى چاينىسا چىشنىڭ تۈۋىنى چىڭىتىدۇ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ، ھېق تۇتۇشنى، ئۇسسۇزلۇقنى يوقىتىدۇ، شاراب بىلەن ئىچسە چايان قاتارلىق ھاشاراتلارنىڭ چاققان زەھىرىنى قايتۇرىدۇ. 5 گرام پىستە تاشقى پوستىنىڭ سۇپۇپىنى ئىستېمال قىلسا، ئۆتكۈر ئىچ ئۆتكۈ توختايدۇ. پىستە تاشقى پوستىنىڭ سۇپۇپىنى بىرەر شەربەتكە ئارىلاشتۇرۇپ تېتىپ بەرسە، قۇسۇش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىشنى توختىتىدۇ. بۇنىڭ شىرىسى بىلەن چاچلارنى يۇيسا ۋەسۋەسى سەۋدا كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ ۋە تاماقلارنى خۇشبۇي قىلىدۇ. خۇشبۇي دورىلارنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى

تەھرىرلەش

پىستە دۇنيادا تۈركىيە ، ئافغانىستان ، سۈرىيە ، ئىلاق ، ئىران ، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى، جەنۇبىي ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر ، پەيزىۋات ، يەكەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان ، ئاپتونۇم  رايۇنىمىزدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىۋاتقىنىغا 1300 يىلدىن ئاشتى.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى : «ئادەم پىستە يەپ بەرسە ، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتەلەيدىكەن ، شۇڭا روھىي بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر كىشلەر دائىم پىستە يەپ بەرسە ، بېسىم مەنبەلىك قان تومۇر تارىيىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي ، يەنە يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىگىمۇ يېتەلەيدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى : «بىراق پىستە يېيىش تەس ، ئاۋۋال پوستىنى سويۇۋىتىپ ،ئاندىن مېغىزىنى ئاستا چايناشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمما جەريان ئادەمنىڭ دىققىتىنى بۇراپ ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، پىستىنى ئاستىراق يېسە ، مېڭە تويۇنغانلىق سىگنالىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ ، تويغۇچە يەپ ئىچىشتىن ساقلانغىلى ، ئاشقازانغا يېتەرلىك ھەزىم قىلىش ۋاقتى بەرگىلى، ھەزىمنى ياخشىلاپ ،بېسىمنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ . پىستىدىن باشقا، يەنە ياڭاق قاتارلىق پوستلۇق مېۋىلەرمۇ كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ».

پىستە يىغى تىبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ .

https://www.uyghur-archive.com/wiki-izde/wiki-izde/index3186.html