ئۇيغۇر سالات (ئۇيغۇرچە سالات؛ سوغوق سەي؛ تەرخەمەك سالات؛ ئېنگلىزچە: Uyghur Salad) ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ بىر خىل تۈرىدۇر. ئۇيغۇرلار ئادەتتە سوغوق سەي دەپ ئاتايدىغان سالاتنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بۇلۇپ، ئۇيغۇر سالات ئاشۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى خالاس. ئۇيغۇر سالات ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنىئەنىۋى تائاملىرى ئەمەس، بەلكىم ياقا يۇرتلاردىن كۈلتۈرەل ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كىرگەن. ئۇيغۇر سالات ئاساسلىقى يازدا كەڭ ئىستىمال قىلىندىغان بولۇپ، شەھەرلەردە، يېزىلاردا، ئېتىزلىقلاردىمۇ ئىسىتمال قىلىندۇ. ئۇيغۇر سالاتنىڭ ئاساسلىق ماتىرىياللىرى تەرخەمەك، پەمىدۇر، كۆكمۇچتۇر. پەمىدۇر ۋە تەرخەمەك قىيپاش تەكشى كېسىلىپ چوڭ تەخسە ياكى لېگەنگە سېلىندۇ، ئاندىن كېيىن چاسا كېسىلگەن كۆكمۇچ ئۈستىگە سېلىنپ بىللە ئىلەشتۈرۈلدۇ. ئىلەشتۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ ئۈستىگە ئېھتىياج بۇيىنچە تۇز سېپىلىدۇ، ئاچچىقسۇ قۇشىلدۇ، بەزىلەر ھەتتە ياغمۇچمۇ سالىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەممىسى بىللە قايتىدىن چايقىلىپ ئىلەشتۈرۈلۈپ، بىردەپ قويۇپ قويغاندىن كېيىن نان ياكى پولو قاتارلىق تائامىلار بىللەن بىللە ئىسىتمال قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر سالاتقا يۇقىرىدا دېيىلگەن كۆكتاتلاردىن باشقا يەنە پىياز ۋە نوقۇت ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. سالاتلار قىش ۋاقتى ئاساسەن بەك جىق ئىستىمال قىلىنمايدۇ. ياز ۋاقتى تاۋۇز، قوغۇن، دوغاپلار بىلەن قوشۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر سالات

مۇناسىۋەتلىك

تەھرىرلەش

سالات

چوبان سالات

قەيسەر سالات

سەۋزە سالات

ئاففان سالات

سوغوق سەي

مەنبەلەر

تەھرىرلەش