ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب

ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب
تۇغۇلۇشھ. بۇرۇن 57 / م. 566 ياكى 567
ۋاپاتىھ. 31 / م. 652


ئەبۇ سۇفيان سەخر ئىبنى ھەرب ئىبنى ئۇمەييە (أبو سفيان بن حرب): (ھ. بۇرۇن 57 – ھ. 31 / م. 566-567 – 652) مەككەدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان، قۇرەيشنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خانىملىرىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ئانىمىزنىڭ ۋە ئۇمەۋىيلەر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاتىسى.

مەككە فەتھى فەتىھ بولغاندا مۇسۇلمان بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى نەجرانغا ۋالىي قىلغان. كېيىن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە غازاتلارغا قاتناشقان. بىر كۆزى تائىف غازىتىدا، يەنە بىر كۆزى يەرمۇك غازىتىدا قۇيۇلۇپ كەتكەن.