UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

تۈرك ئالتاي مېتئولوگىيىسى\ئەپسانىلىرىدە يەر يۈزىدىكى تۇنجى ئايال، ھەزرىتى ھەۋۋا\ھاۋا ئانا. ئېجې، ئەجە، ئەچە، ئەجەي، ئەژەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇمېرلاردىكى ئەجەم (خانىشلار تەڭرىسى) بىلەنمۇ باشلىنىشلىقتۇر. بۇگۈن گەرچە ئۇيغۇرچىدە بۇ سۆز ھەرقانداق بىر شەكىلدە قوللىنىلمىسىمۇ، قازاقچىدە چوڭ مۇما، تۈركىيە تۈركچىسىدە ئاچا، خانىش دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئەجەنىڭ ئېرى بولمىش ئادەم بولسا ئەللېي ياكى تۆرۈنگەي دېيىلىدۇ. دۇنياغا تۆرۈنگەي بىلەن ئەۋەتىلىپ ئىنسان ئەۋلادىنى بەرپا قىلغان دەپ قارىلىدۇ. دۇنياغا ئىبەرلىشلىرىنىڭ سەبەبى بولسا ئەرلىك ئىسىملىك بىر ئەسكى مەخلۇقنىڭ ئۇلارغا مېۋە يېگۈزىشىدىن بولغان. شۇ ۋەجدىن كۆكتەڭرى ئۇلارنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان ۋە جازا سۈپىتىدە ئەجەگە تولغاق ئاغرىقىنى بەرگەن.

ئېتىمولوگىيىسى تەھرىرلەش

ئەج\ئەچ\ئەش تومۇرىدىن كېلىپ چىققان. سۇمېرلاردىن ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. تۈركچىدە ئاچا، خانىش دېگەندەك مەنىلىرى بار. تۈركي تىللاردىكى چ\ش ئالمىشىشى نەتىجىسىدە ئەش (رەپىقە) سۆز تومۇرىغىمۇ ئىشارە قىلىنىدۇ. ئەش ھەم ھايات يولدىشى ھەمدە ئايال\چىشى مەنىسىگە كېلىدۇ. شۇنداقلا موڭغۇلچە ئانا دېمەكتۇر.