ئەرمۇدۇن يېزىسى

ئەرمۇدۇن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 11 مىڭ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %95.7، قىرغىزلار %3.7 نى ئىگىلەيدۇ. 315-دۆلەت چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئەرمۇدۇن يېزىسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي،كېۋەز، قوناق قاتارلىق. چارۋىچىلىقتىن كالا، قوي، ئات، ئېشەك بېقىش قاتارلىقلار. يېزا-بازار كارخانىلىرىدىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئەرمۇدۇن يېزىسى

艾尔木东乡.Ermudun town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 12.4 مىڭ
يەر مەيدانى 174.6 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ئەرمۇدۇن يېزىسىغا قاراشلىق 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ئاياغ ئەرمۇدۇن كەنتى، يۇقىرىقى ئەرمۇدۇ كەنتى، يۇقارقى يېڭىئۆستەڭ كەنتى، سىما قۇم كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، كارەندە كەنتى، سوغۇلۇق كەنتى، خانىقا كەنتى، نۆكە كەنتى، ئاياغ يېڭىئۆستەڭ كەنتى، قىرغىز مەھەللىسى كەنتى قاتارلىقلار.

مائارىپى تەھرىرلەش

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

قاتنىشى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش