ئەقىدە - ئېتىقاد ئادەتلىرى

مەلۇمكى، ئەقىدە - ئېتىقاد كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا شەكىللەنگەن بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسسىسى بولۇپ، ناھايىتى كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى تۇرمۇش ئادەتلىرى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئېيىتقىنىمىزدەك ھەر قانداق ئەقىدە - ئېتىقاد ھادىسىلىرى مۇئەييەن بىر دىنىي قاراشنىڭ ئىنكاسى.

ئىپتىدائىي ئەقىدە - ئېتىقادىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب - ئامىللارنىڭ ئورتاقلىقى ئىنسانلار ئەجدادىدىكى ئىپتىدائىي ئەقىدە - ئېتىقاد ئادىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى بەلگىلىگەن، بۇ ئورتاقلىق دۇنيادا بۈگۈن مەۋجۇت مىللەتلەر ئەجدادلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئاسمان جىسىملىرى، تاغ - دەريا، دەل - دەرەخ، ھايۋانات، ئۇچار - قانات قاتارلىقلارغا چوقۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەردە ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. تەبىئەتكە چوقۇنۇش بويىچە ئەجدادلىرىمىزدا تۆۋەندىكىدەك ئەقىدە - ئېتىقادلار مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن ۋە ئۇ ئەقىدە - ئېتىقادلارنىڭ ئىز - قالدۇقلىرى بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق شەكىللەردە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.

كۆك (ئاسمان) كە چوقۇنۇش: بۇ قۇياشنى مەركەز قىلغان ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇرلاردىمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش <ئادەم تۇپراقتىن يارالغان> دەپ ھېكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. دېمەك، ئەجدادلىرىمىزدا جانلىقلار، تاغلار، دەل - دەرەخلەرنىڭ يەر ئۈستىدە بولۇشىغا قاراپ يەرنى ئادەمزات قاتارلىق جانلىقلارنىڭ <ئانىسى>؛ يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق، ھۆل - يېغىننىڭ كۆك (ئاسمان) بىلەن مۇناسىۋەتلىكىگە قاراپ ئاسماننى شۇ ھادىسىلەرنىڭ <ئاتىسى>؛ يۇلتۇزلارنىڭ كۆپلۈكى، رەڭگارەڭ نۇر چىقىرىپ تۈن قاراڭغۇسىدا كىشىلەر كۆڭلىگە ئۈمىد بەخىش ئېتىدىغانلىقىغا قاراپ <ئادەمزاتنىڭ تەقدىرى يۇلتۇزلارغا باغلىق> دېگەندەك چۈشەنچە - ئەقىدىلەر بارلىققا كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇنداق ساددا چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا پۈتۈن تەبىئەتن ھەممىگە قادىر ئىلاھى قۇۋۋەت سۈپىتىدە <تەڭرى> دەپ ئاتىغان.

<تەڭرى> - ئېيتىشلارغا قارىغاندا شامان دىنىدا <كۆك>، <كائىنات> دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ ئىكەن. ئەمما ئۇ كېيىنچە خۇددى ئىسلام دىنىدىكىدەك <ئاللا> (ئەرەبچە)، <خۇدا> (پارسچە) مەنىسىدىكى ئىلاھ نامى بولۇپ قالغان.

ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلاردىكى بايانلار، ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بەزى ئادەت - قائىدىلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆككە بولغان ئېتىقادىنى ۋاستىىك ھالدا ئىسپاتلايدۇ. ئەجدادلىرىمىز شۇ ئېتىقاد ئەنئەنىسى بويىچە ئۆلگەنلەرنى كۆمىدىغان يەرلىكلەرنىمۇ نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان تارىختا ئۆتكەن قاغانلار <كۈن تەڭرىدىن بولمىش  قاغان>، <ئاي تەڭرىدىن بولمىش  قاغان> دېگەندەك ئۇنۋانلارنى قوبۇل قىلغان. ھەتتا مانى، بۇددا قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە شۇ دىنلارنىڭ ئىلاھ (خۇدا) لىرىنى <تەڭرى> دەپ ئاتىغان مەسىلەن، مانى دىنىنىڭ ئىلاھى <مانى> نى <تەڭرى بۇرخان>، ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋە بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىچىدە <ئاللا>، <تەڭرى> ياكى <بايات>، <ئىدى> (<ئىدىقۇت> سۆزى مۇشۇ <ئىدى>ۋە <قۇت> سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، <تەڭرى ئاتا قىلغان بەخت>دېگەنلىك بولىدۇ) دەپ ئاتالغان. شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئانا تاغ - تىيانشاننىڭ قەدىمكى نامى <تەڭرىتاغ>، ئۇنىڭ قارلىق چوققىسىنىڭ <خان تەڭرى> دەپ ئاتىلىشىمۇ شۇ ئەقىدە ئاساسىدا بولغان. <تارىخنامە، ھونلار تەزكىرىسى>دە بېرىلگەن ھونچە سۆزلەر قاتارىدا <تەڭرى> سۆزىمۇ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، <تەڭرى> دېگەن بۇ سۆز تىلىمىزدا يەنىلا قەدىمكى ئۆز مەنىسىدە ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىنىپ كەلمەكتە.

ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان ئاسمان، كۈن، ئايغا قاراپ تۈكۈرۈش، چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش، ئەتىگەندە يۈز يۇماي تۇرۇپ كۈنگە قاراشنى <يامان بولىدۇ> دەيدىغان ۋە كۈن چىققۇچە ۋە كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىدا يېتىشنى <قىزىل قان ئىچىدە ياتقانغا باراۋەر> دەپ يامان ئالىدىغان ئادەتلەر، ھەر قېتىم يېڭى ئاي كۆرۈنگەندە يېڭى ئايغا قاراپ <كېلەر شۇ ئاي شۇ كۈنلەرگىچە ئامانلىق ئاتا قىل> دەپ دۇئا قىلىش، ئاي تىك چىقسا <ئۆلۈم - يېتىم كۆپ بولىدۇ> دەپ ھېسابلاش، ئاي، كۈن، بولۇپمۇ، كۈن تۇتۇلسا <خەلق بېشىغا بىر پالاكەتچلىك كېلىدۇ> دەپ ۋەھىمە چۈشۈش؛ <ھەر ئادەمنىڭ بىردىن يۇلتۇزى بار>، <كىمنىڭ يۇلتۇزى يۇقىرى ئۆرلىسە ئۆمرى ئۇزىراپ مەرتىۋىلىك بولىدۇ، تۆۋەنلىسە ئۆمرى قىسقىرايدۇ، يۇلتۇزى ئوڭدىن چىقسا ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، سولدىن چىقسا پالاكەت باسىدۇ>، <يۇلتۇزى ئاقسا، شۇ ئادەم ئۆلىدۇ>، ئاققان يۇلتۇزنى كۆرگەندە كۆككە قاراپ <مېنىڭ يۇلتۇزۇم يۇقىرى، جەننەتتىن ئۈمىدىم بار، دوزاختىن قورقۇنچىم بار> دەپ دۇئا قىلىش؛ كېسەل - ۋابانىمۇ <يۇلتۇزىنىڭ رەڭگى ئوخشاشلارغا يوقىدۇ> يۇلتۇزىنىڭ رەڭگى ئوخشاشلارنىڭ <مىجەز - خۇلقى> ئوخشاش كېلىدۇ، ئوخشىمىغانلارنىڭ مىجەزى كېلىشمەيدۇ< دېگەندەك ئادەت - قاراشلار ۋە قالپاق، دوپپا قاتارلىق باش كىيىملىرىنىڭ ئاسمان شەكلىدە بولۇشىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ئىز - نىشانلىرى جۈملىسىدىن.

يەر (تۇپراق) گە چوقۇنۇش: يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئەجدادلىرىمىز يەرنى >يەر ئانا< دەپ ناھايىتى خاسىيەتلىك، پاك ھېسابلاپ ئۇلۇغلاپ ئادەتلەنگەن. بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتقان >ئادەم تۇپراقتىن يارالغان< دېگەن ئەقىدە؛ مېيىتنى يەرگە كۆمۈش، مېيىتنى يەرلىككە قويغاندىن كېيىن جامائەت بىر سىقىم توپا ياكى يەتتە تال تاشنى ئېلىپ دۇئا ئوقۇپ يەرلىك بېشىغا چېچىش؛ قەسەم قىلىشقا توغرا كەلگەندە >يەر ئۇرسۇن، يەر يۇتسۇن<دېيىش، سودىدا پۈتۈشكەندە، >بەرىكەت تاپ< دەپ يەرگە قولنى سۈرتۈپ قول ئېلىشىش، ئەتىگەنكى كۈتۈلمىگەن نەق سودىدا كىرىم بولغان پۇلنى يەرگە چېچىۋېتىپ ئاندىن >بېسمىللا< دەپ يىغىۋېلىش قاتارلىق ئادەتلەر شۇنىڭدەك يۇرت، ۋەتەننى >ئانا يۇرت (ماكان)، ئانا ۋەتەن< دەپ مەدھىيلەش؛ يات يۇرتلارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولغاندا يۇرت - ۋەتەننىڭ توپىسىدىن بىرەر سىقىمنى خالتىغا تىكىپ ئېلىپ كېتىش؛ خەت - خالتا قىلغاندا ئىچىگە ئاز - تولا توپا سېلىپ قويۇش؛ يەرنى >ئالتۇن قوزۇق< دەپ ئەتىۋارلاش قاتارلىق ئادەتلەرمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇپراقنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىزانالىرىدىندۇر.

ئەجدادلىرىمىزدا ئادەم تۇپراقتىن يارالغان، دېگەندەك ئەقىدە - ئېتىقاد قاتارىدا >ئۆلگېن< ئاتا، >ئۇماي< ئانامدىن تۆرەلگەن دېگەن ئەقىدە - ئېتىقادمۇ بولغان. >تونيۇقۇق مەنگۈ تېشى< نىڭ 38 - قۇرىدىكى >تەڭرى ئۇرماي، مۇقەددەس يەر - سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ، بىز (يەنە) نىېمىشقا تېزىپ كېتىمىز< دېگەن جۈملە؛ >كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى< نىڭ شەرقىي يۈزى 31 - قۇردىكى >ئۇمايدەك ئانام خانىشنىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كۈلتېگىن ئەر ئاتالدى< دېگەن جۈملە ۋە >دىۋان< دىكى >ئۇمايغا تاپىنسا ئوغۇل بولۇر< دېگەن ماقال ئەجدادلىرىمىزدا شۇنداق ئەقىدە - ئېتىقادنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ شامان دىنى ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى >ئۆلگېن< شامان دىنىدىكى ئەڭ كاتتا تەڭرى >قاراخان< نىڭ ئوغلى >ئۆلگېن تەڭرى< دۇر.

مەلۇمكى ئۇيغۇرلاردا >ئىنسان ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانامدىن تۆرەلگەن<، >ئادەمنى خۇدا تۇپراقتىن ياساپ ئادىن جان كىرگۈزگەن< دېگەن ئەقىدە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. روشەنكى بۇ ئىسلامىيەت ئەقىدىسىدىن كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى مۇشۇ ئەپسانىلەر ئىسلام دىنىدىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن قەدىمكى دىنلاردىمۇ بولغان. مەسىلەن: >تەۋرات< تا ئادەمنى يەۋرىيلار خۇداسى - ياخۇي توپىدىن ياراتقانلىقى؛ مىسىر ئەپسانىلىرىدە بولسا، بۆرە باشلىق مىرنوم دېگەن بىر ئىلاھ ئالدى بىلەن توپىدىن ياساپ كېيىن جان كىرگۈزگەنلىكى ھېكايە قىلىنىدۇ. خەنزۇچە ئەپسانىلەردە نىئوۋاسى دېگەن ئايال خۇدانىڭ سېرىق توپىدىن ئادەم ياسىغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. دېمەك، مۇشۇنداق ئەقىدىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن.

تاغلارغا چوقۇنۇش>: تاغلار ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىكى ئىنسانلارغا ھايات، شارائىت - ئىمكانىيەتلەر بەخش ئەتكەنلىكى بىلەن ئىنسانلار نەزەرىدە مۇقەددەس شەيئى ھېسابلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ھەيۋەتلىك تاغلارغا چوقۇنۇش كېلىپ چىققان.

شىنجاڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغنىڭ ئۇلۇغلىنىپ <تەڭرىتاغ> دەپ ئاتىلىشى ۋە بۇ تاغنىڭ تارىختا بىۋاستە ئەجدادىمىز تىللار (تېلېلار) نىڭ قارارگاھى قىلىنغانلىقى، ئۆتىكەن تېغىنىڭ تۈركىي قوۋملار قاغانلىرىنىڭ <پايتەختى> قىلىنغانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاغقا چوقۇنۇش ئادىتىنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن.

سۇ - ئوتقا چوقۇنۇش: سۇنىڭ پاكلىق، ياشىنىش، ۋەيران قىلىش(قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن ئاپەتلىرى)، قۇتۇلدۇرۇش (قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئاپىتىنى بېسىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ) پارغا، مۇزغا ئايلىنىپ يەنە ئەسلىگە كېلىشتەك ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتى؛ ئوتنىڭ ئىسسىقلىق بېرىش، نۇر چىقىرىش، خامنى پىششىققا ئايلاندۇرۇش، كۆيدۈرۈش كۈن قىلىۋېتىشتەك مەنپەئەت بەخش ۋە بالايى - ئاپەتلىك ئۆزگىچە خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئەجدادلىرىمىز سۇ بىلەن ئوتنىمۇ بىر قۇدرەت ئىلاھ ھېسابلاپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان. تارىختا ئۆتكەن قاغانلارنىڭ <كۆل> نامىدا ئۇنۋان قوبۇل قىلىدىغان، قەھرىمانلارغا كۆل نامىدا ئاتاق بېرىدىغان ئەنئەنىلىرى (<قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان>، <كۆل ئىركىن>، <كۆلتېكىن> ئوغۇز خاننىڭ سۇ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بىر ئوغلىغا <دېڭىز> دەپ ئات قويغانلىقىنىڭ رىۋايەت قىلىنشى؛ خەلق ئىچىدىكى ھېكايە - چۆچەكلەردە <سىرلىق>، <شىپالىق> سۇ - بۇلاقلارنىڭ تەسۋىرلىنىشى قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇغا ئېتىقاد قىلغانلىرىنىڭ تىپىك ئىپادىسى. ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىمىزدا سۇغا تۈكۈرۈش، چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى، سۇ بېشىدا كىر يۇيۇش، قوتان، تەرەتخانا قىلىشنى يامان ئالىدىغان، سۇ ئۈزۈپ چۈش كۆرسە <ئادەم غەم - غۇسسىدىن خالىي بولىدۇ، رىزقىلىق - مەرتىۋىلىك بولىدۇ> سۇ <يەتتە يۇمىلىسا، ھالال> دېگەنگە ئوخشاش ئادەت - چۈشەنچىلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇ ئېتىقادىدىن قالغان ئىز - نىشانلاردۇر.

بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوت ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نۇر )يورۇقلۇق( نىڭ يامانلىققا قارىشى سىموۋول قىلىنغان شەكلىدە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئوتقا تۈكۈرۈش ناھايىتى يامان ئېتىلىدۇ، ئۆيگە ۋە بالىلىرىنىڭ بۆشۈكىگە ئادراسمان ياكى ئالما قېقى ياكى كېپەكتە ئىسرىق سېلىنىدۇ، تويدا قىز كۆچۈرۈلگەندە ئوتتىن ئاتلىتىلىدۇ، چوڭلار ۋە بالىلار ئاغرىپ قالسا، كوچا ئېغىز - دوقمۇشلىرىدىن چۇۋا - تەمەچ تېرىپ كېلىپ ئوت كۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئۆرۈك ياغىچىنى كۆيدۈرۈپ، چوغىنى سۇغا سېلىپ سۈيى شۇ ئاغرىققا ئىچۈرۈلىدۇ؛ پېشقەدەم كىشىلەر جان ئۈزگەن ئۆيدە بىر نەچچە )بەزىدە قىرىق كۈن( كۈن كېچىسى چىراغ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بەزى جايلاردا )تارىم ۋادىسىدىكى يېزا - قىشلاقلاردا( ئۆتكۈر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا ئاز - تولا يېمەك - ئىچمەك قالدۇرۇپ شۇ ئۆي، مەھەللە ئەتراپىنى، يوللارنى ئۆرتىۋېتىپ، يوللارغا بىر نەچچە يەرگە قاشا بىلەن توسۇق قىلىپ يىراق جايغا كۆچۈپ كېتىدىغان ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. شۇنىدەك ئەل ئىچىدە جىن - شاياتۇنلارنىڭ كىشىگە ئۆچكە سىياقىدا كۆرۈنىدىغانلىقى، نۇرنى كۆرگەن ھامان غايىپ بولىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلىنىدۇ. ئادەتتە چىشى ئۆچكە )بەزىدە ئاياللارمۇ( <مىكىجىن> دەپ ئاتىلىشى شۇ ئادەت ئاساسىدا كېلىپ چىققان.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، ئۇ ئادەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شامان دىنىي ئېتىقادىدىن قالغان ئادەتلەردۇر. چۈنكى بىرىنچىدىن، ئەجدادلىرىمىز شامان دىنىغا 2000 يىلدەك ئېتىقاد قىلغان. ئىككىنچىدىن، شامان دىنى <دۇنيا ياخشى - يامان روھلار بىلەن تولغان، جىن - شاياتۇنلار يامان روھلاردىن، بارلىق ئاغرىق - سىلاق، پېشكەللىكلەر شۇلاردىن كېلىدۇ، ئۇلار قاراڭغۇ دۇنيا مەخلۇقلىرى> دەپ ھېسابلايدۇ. دېمەك، ئوت ئېتىقادى شەكلىدە ئىپادىلىنىشى، يىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ بەزى تەسىرلىرى شامان دىنىغا سىڭىپ، شامان دىنىنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئىسلامىيەتكىمۇ ماسلىشىپ بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

ھايۋانات، ئۇچار - قانات، دەل - دەرەخلەرگە چوقۇنۇش: ھايۋان، ئۇچار - قانات، دەل - دەرەخلەر ئىنسانلارنىڭ ئەجدادىنىڭ مەۋجۇتلۇق يولىدا ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۇنجى تارىخىي پائالىيىتىنىڭ بىۋاستە ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئۇلار ئۈچۈن مۇئەككەللىك، سىرلىق دۇنيا تۇيۇلغان. بۇ نەرسىلەرگە ئېتىقاد گەرچە دۇنياۋىلىق ئومۇمىيلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا مىللەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ھەر خىل، شۇڭا ھايۋاناتقا چوقۇنۇش )توتېمچىلىق( ئېتىقادى بويىچە مىللەتلەردە يارىتىلغان سىمۋول، ئوبراز، رىۋايەتلەرمۇ ئوخشىمايدۇ.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانات، ئۇچار - قاناتلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ )ھايۋانات توتېم قىلغانلىقىنىڭ( تىپىك ئىپادىسى بۆرە، قۇش )شۇڭقار(، ئات، بۇغرا )تۆگە(، بۇقا )كالا(، ئارىسلان قاتارلىقلارغا، بولۇپمۇ بۆرىگە مەركەزلەشكەن. بۇ تۇغرىدا تارىخىي ھۈججەتلەردە مۇھىم - مەلۇماتلار بېرىلگەن ۋە ھەرخىل رىۋايەتلەر خاتىرىلەنگەن، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇنداق ئېتىقادى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرى چىققان. چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 0300ىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت قەبرىدىن ئاخىرەتلىك نەرسىلەر قاتارىدا چىققان ئوۋ قوغلاپ كېتىۋاتقان بۆرە سۈرىتى ئويۇلغان ساقال تارغاق: تاشقى موڭغۇلىيىدىن تېپىلغان مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن ئورنىتىلغان بالا ئېمىتىۋاتقان بۆرە سۈرىتى ھېكىلگەن ئابىدە قاتارلىقلار شۇنىڭ پاكىتى. <ۋېينامە>، <جۇنامە>، كونا - يېڭى <تاڭنامە> قاتارلىق خەنزۇچە مۇھىم تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ <ھونلار>، <تۈركلەر>، <ئۇيغۇرلار>غا ئائىت <تەزكىرە> لىرىدە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۆرىدىن تۆرەلگەنلىكى، بۆرىنى ئۇلۇغلاپ بايراقلىرىغا ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى، قاغانلارنىڭ تەختكە چىقىشتا ئالدى بىلەن بۆرە باشلىق بايراققا تەزىم قىلىپ ئاندىن ئولتۇرىدىغان ئەنئەنىۋى مۇراسىم ئادەتلىرى خاتىرىلەنگەن. شۇنىڭدەك <ئۇيغۇر> دېگەن سۆز <شۇڭقاردەك باتۇر دېگەنلىك> دەپ قەيت قىىنغان. بۇندىن تارىختا ئۆتكەن قاغانلارنىڭ <بۇقاخان>، <ئارىسلان خان>، <بۇغراخان> دېگەن ئۇنۋانلارنى قوبۇل قىلىشى، ئاق ئاتنى جەڭدە غەلىبە قىلىشنىڭ سىمۋولى قىلىشى، ئەجدادلىرىمىزدا )ھازىرمۇ( <ئات جەڭگە يارىتىلغان> دەپ ئەتىۋارلىنىشى؛ خەلق ئىچىدىكى ھېكايە - چۆچەكلەردە <سۇمۇرغ> دېگەن قۇشنىڭ تەڭدىشى يوق باتۇر قۇش سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىشى؛ قارلىغاچنىڭ ئادەمزاتنىڭ دوستى سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇلۇشى؛ كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان دۇلدۇللار، خاسىيەتلىك بېلىقلار...، خاسىيەتلىكمېۋىسى شىپالىق دەرەخلەر توغرىسىدىكى ئوبرازلىق تەسۋىرلەش يىراق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانات، ئۇچار - قانات، دەل - دەرەخلەرنىمۇ مۇقەددەس بىلىپ، چوقۇنۇپ ئېتىقاد قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېتىقادىنىڭ ئىز - قالدۇقلىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: بەزى جايلاردا )مەسىلەن، قارا قۇرۇم، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا( بۆرە بار يەردە چارۋا - مال ئاينىيدۇ، دېگەن ئەقىدە بىلەن ئاسانلىقچە بۆرە ئوۋلىمايدۇ؛ <يامان كۆزلەردىن ساقلايدۇ. قارا باسمايدۇ> دەپ بوۋاقلارنىڭ پوسمىسىغا بۆرە ھوشۇقى تاقاپ، بۆشۈكىگە بۆرە ئوشۇقى ئېسىپ قويۇلىدۇ. چوڭلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئوغۇلمۇ - قىزمۇ دەپ سوراش ئورنىغا <بۆرىمۇ - تۈلكىمۇ> دەپ سورايدۇ. سەپەرگە چىققانلار <توغرا كەلگەن بالا - قازادىن ساقلايدۇ. سەپەرگە چىققانلار >توغرا كەلگەن بالا - قازادىن ساقلايدۇ، قەست ئۆتمەيدۇ< دەپ يېنىدا بۆرە ھوشۇقىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، >كۆز تەگمەيدۇ< دەپ باغۋاران - ئېتىزلىقلارغا ئات بېشى ئېسىپ قويۇلىدۇ. بەزى جايلاردا قىيىن تۇغۇت تۈپەيلى تەۋەللۇت قىلىش ئۈستىدىكى ئايال ھوشىدىن كېتىپ ئۆلۈم خەۋپى كۆرۈلگەندە، بۇ ھالەتنى >جىن - ئالۋاستىلار چېپىلىپ ھال باستى< دەپ قاراپ ئۇ ئۆيگە قۇش قويۇپ بېرىدۇ، ئوۋچىلارنىڭ قۇشى بەزىدە ئادەمگە ئېتىلسا، شۇ ئادەم >جىنلىق ئادەم< دەپ ھېسابلىنىدۇ. قارلىغاچ ئۇۋا ياسىغان ئۆي >قۇتلۇق بولىدۇ<، قارلىغاچنى ئۆلتۈرسە >يامان بولىدۇ<، >قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ<، >يىلان يىللىق ئادەم بار ئۆيگە كىرمەيدۇ< دەپ قارىلىدۇ. قارلىغاچ ئۆيلەرگە كىرىپ تام - تۇرۇسلارغا ئۇۋا ياسىسا كىشىلەر ئۇنى قوغلىمايدۇ، ھەتتا پېشايۋانلارغا ئۇۋا ياسىشىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىلىدۇ. مانا مۇشۇلارغا ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇنداق ئېتىقاد - ئەقىدىلىرىدىن قالغان ئىز - نىشانلاردىن ئىبارەت. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايۋانغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ تەسىرى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان قارلىغاچ توغرىسىدىكى مۇنۇ رىۋايەت ناھايىتى تىپىك ئىپادىلەنگەن:

>بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، جىمىكى مەخلۇقلار زۇراۋانلىق زاماندا، ئۇۋا ياسىماقچى بولۇپ قىل - قات، لاي ئالغىلى ساسلىققا چۈشكەن قارلىغاچ ئادەم، ئادەم ... دەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان پاشىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا: پاشاجان نېمە بولدۇڭلار؟ دەپ سوراپتۇ. پاشا توختاپ: نېمە بولاتتىم، يىلان دوستۇم جاھاندىكى قايسى مەخلۇقنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن. بىلىپ كەلگىن بولساڭ دەپ يالۋۇرغانىدى. ھەممىدىن ئادەمنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن. شۇڭا بۇ مەخلۇقنىڭ ئېتىنى يادىلاپ كېتىۋاتقىنىم، دەپتۇ. يىلاننىڭ غەرىزىنى بىلىپ ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىن غەم يېگەن قارلىغاچ: راست تاتلىقمىكەن؟ دەپ سوراپتۇ، تەمەنناخور پاشا: مەن قاچان يالغان ئېيتىپ باققان، ئىشەنمىسەڭ شوراپ باق، دەپ تىلىنى چىقىرىشىغا قارلىغاچ پاشىنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېلىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. گاچا بولغان پاشا ئىلاجىسىز ۋىڭ - ۋىڭ قىلغان پېتى دوستى يىلان قېشىغا كېلىپ بولغان ۋەقەنى ئىشارەت بىلەن ئوقتۇرۇپتۇ. يىلان دەرغەزەبتە ئى نتىقام ئېلىش ئۈچۈن سازلىققا كېلىپ ماراپ يېتىپ لاي ئالغىلى كەلگەن قارلىغاچقا تۇيۇقسىز ئېتىلىپتۇ، ھوشيار قارلىغاچ پۇر قىلىپ ئۇچقانىكەن، يىلان ئۇنىڭ قۇيرۇقىنىلا چىشلەپ قاپتۇ. قارلىغاچ شۇنىڭدىن بۇيان ئاچا قۇيرۇق بولۇپ قالغانىكەن. بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان يىلان قارلىغاچنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇش پېيىگە چۈشۈپ، قارلىغاچ ئۇۋىسىنى ئىزدەپ ئۇنىڭ تۇخۇم ياكى بالىسىنى يەيدىغان بوپتۇ. قارلىغاچ بۇنىڭغا قارشى ياچىپەگ )بۆشۈك تەۋرەتكۈچ( نى سالىدىغان بوپتۇ. قارلىغاچ يىلاننىڭ كەلگىنىنى سەزسىلا شۇئان ئېتىزلىقتىن ياچىبەگنى دۈمبىسىگە قوندۇرۇپ كېلىپ ئۇۋىسىغا سېلىپ قويىدىكەن. يىلان ئۇۋىغا بېشىنى سوزۇش بىلەنلا ياچىبەگ ئېتىلىپ، ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن يىلاننىڭ ئىككى كۆزىنى قۇيۇۋېتىپ قارلىغاچنىڭ تۇخۇم ياكى باللىرىنى ئامان - ئېسەن ساقلاپ قالىدىكەن. قارلىغاچ ئۇنى يەنە دۈمبىسىگە قوندۇرۇپ ئېتىزلىققا ئاپىرىۋېتىدىكەن. قارلىغاچ شۇڭا ياچىبەگنى بالىلىرىغا يەم قىلمايدىكەن<.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆردەكلىكتىكى قەدىمكى قەبىرىدىن چىققان ئاخىرەتلىك نەرسىلەر قاتارىدا «چاكاندا» مۇ چىققان، بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەل - دەرەخلەرگىمۇ چوقۇنغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا ئۇچرايدىغان جىن - شاياتۇنلارغا قارشى بالىلارنىڭ بۆشۈكى ئاستىغا، ئۆي بۇلۇڭ، پەرالىرىغا ئادراسمان ياكى ئالما قېقى، چاكاندا ئىسرىق سېلىش؛ يامان كۆزلەرنى ياندۇرىدۇ دېگەن ئەقىدە بىلەن بالىلارنىڭ پوسمىسىغا ياكى كىيمىنىڭ ياقا، قولتۇقلىرىغا توققۇز تال ياكى يەتتە تال سىيادان تىكىپ قويۇش، ئۈجمىنى خاسىيەتلىك دەرەخ ھېسابلاپ ھەر ئائىلىدە ئىلاجى قىلىپ بىرەر تۈپتىن ئۈژمە ئۆستۈرىدىغان، ئوزۇن يىللىق قېرى دەرەخلەرنى كېسىشنى يامان ئالىدىغان ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەل - دەرەخكە چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر.