ئەمەت ھاجى ( 1882~ 1944)

كېسەللەرنى تونۇش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى مول بىلىمى ، شىپالىق رېتسىپلىرى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمەتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئەمەت ھاجى كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆز زامانىسىدىكى يۇقىرى ماھارەتلىك تېۋىپ بولغان . « ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى » نىڭ 1 - تومىنى تۈزۈشكە قاتناشقان . ئۇنىڭ خەلقپەرۋەر روھى ، بىلىمخۇمارلىقى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئەسلىنىدۇ .