بالىلار ئوينىغانغا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ۋە يەسلى مائارىپىدا ھەممە نەرسىنىڭ ئويۇن تەرىقىسىدە بالىلارنى قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆگىتىلىدىغانلىقى ئاتا- ئانىلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئامېرىكىدىكى بالىلار كۈتۈپخانىسىدا كىتابتىن باشقا ئويۇچۇقلارنىڭمۇ تىزىلغان بولۇشىنى سۆھبەتداشلىرىم قوبۇل قىلالمىدى. ئۇلارچە كۈتۈپخانىلاردا ئويۇنچۇق بولسا بالىلار دىققىتىنى يىغىپ كىتاپ ئوقۇمايدىكەن. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدە كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئويناش پۈتۈنلەي قارىمۇ قارشى ئۇقۇمكەن. ئۇلارغا بالىلارنىڭ 13 ياشلارغىچە نېمىنىڭ زۆرۈرىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە موھىملىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقى ئاڭقىرالمايدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ ھەممە نەرسىنى قىزىقارلىق تۇيۇلغاچقا، ئوينىيالىغاچقا، سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلىيالىغاچقا ئۆگىنىشكە كىرىشەلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن ئۇنداق دېگەن بىلەن مەكتەپتە قورقۇتۇش، ئالداش، مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆگىتىش ئاساس قىلىنغاچقا ئاتا-ئانىلارمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئۆگىتىشتە بالىنىڭ قىزىقىشىنى، ئارزۇسىنى، مىجەزىنى ئاساس قىلىش دېگەندەك گەپلەر پەقەت دېيىلگەن يەردىلا قالىدىكەن. بالىلارغا ئوينۇتۇش ئارقىلىقمۇ ئۆگەتكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەشەببۇسلار تازا قۇلاققا ياقمايدىكەن.

بىزنىڭ كۇرۇسقا بالىلىرىنى ئەكىلىپ بەرگەنلەر ”بالىمىز شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئويناپ، بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن، شۇڭا سىلىدىن بىرنەرسە ئۆگەنسۇن“ دېگەنلەرنى دائىم تەكرارلايدۇ. بالىلار ئوينىسا بۇزۇلامدۇ، نېمە ئوينىسا بەكرەك بۇزۇلىدۇ، ئۇنداقتا بالىلار نېمە ئويناش كېرەك، ياكى پەقەت ئوينماسلىقى كېرەكمۇ دېگەنلەر توغرىدا ئېنىق چۈشەنچە ئازكەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئويۇنىدىن زېرىكىشىدىكى سەۋەپ بىرى مەھەللىدە بالىلارنىڭ ئوينىشىغا ماس يەر ۋە ئەسلەھە، جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان ئورگان بولمىغانلىقى بولسا كېرەك. يەنە بىرى يەسلىدىن تارتىپ مەكتەپلەرگىچە بالىلارغا نېمە ئۆگىنىش توغرىلىق توختىماي بېسىم قىلىپ ۋەز ئېيتقان بىلەن قانداق ئۆگىنىش، قانداق ئويناش ھەققىدە تەلىم بەرمىگەچكە بالىلار ئاتا ئانىلارنى رازى قىلىدىغان، ساغلام ئويۇنلارنى ئوينىيالمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كېرەك. كىشىلەرنىڭ ”بالىلار بىكارچىلىقتا، ئويناپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دەپ قارىشىدا ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن نۇسقا ئالغان چوڭلارغا خاس تەجرىبىسىمۇ رول ئويناۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بوۋايلاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھورۇن بولغاچقا بىكارچىلىقتىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا مۇنداق بىر ”پاكىت“ كەلتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە ناھىيىمىزنىڭ گۇاڭدوڭلۇق شۇجىسى ئامېرىكىدا ئوقۇغانمىش. دۇنيانىڭ جىق يەرلىرىنى كەزگەنمىش. ئامېرىكىدا كوچىلاردا بىكار ئادەملەر يوقمىش. شۇڭا ئامېرىكا تەرەققىي قىلغانمىش. بۇ سېكىرتار ناھىيىمىزگە كەلگەندىن كېيىن شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كوچىلارغا چىقىۋالغان ”بىكارچى“ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىي قىلماسلىق سەۋەبىنى تاپقانمىش ۋە ”مەن كۆرگەن مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ ھورۇنكەن“ دېگەنمىش. شۇنىڭ بىلەن شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماسلىق ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەنمىش.

مەن ئۇ گەپلەرنى دېگۈچىگە ھەيران قالمىدىم. مېنىڭ ھەيرانلىقىم ئاشۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ ”زادى، بىزدەك ھورۇن خەق يوق“ دەپ بېشىنى ئىغاڭلىتىۋاتقان بوۋايلارغا تۇتتى. ئۇلارغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ”ئىللەتلىك ئۇيغۇر ئەپسانىسى ئامېرىكىدا “ دېگەن يازمامدىكى ”مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى سەھەرچى مىللەت“ دېگەن مەزمۇننى سۆزلەپ بەردىم. قىزىق يېرى ئۇلار گېپىمنى ”زادى بىزدەك ئىشچان مىللەت يوق“ دەپ تەستىقلاشمىدى. ئۇلار گۇاڭدوڭلۇق شۇجىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقىغا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە نوپۇزلۇق باھا بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە مايىل ئېدى. گۇاڭدوڭلۇق شۇجى ۋە مەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا بىر ئورتاقلىق بار ئېدى. ئىككىلىسى باشقۇرغۇچى، ئىككىلىسى ئوبىكتىنى بىكار قويۇشنى خالىمايدۇ، ئوبىكتىنىڭ بىكارچىلىقىدىن خەۋپسىرەيدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ئۆز ئەركى-خاھىشى بولىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ، ئىككىلىسى ئۆزىنى قۇتقازغۇچى، توغرا يولغا باشلىغۇچى دەپ قاراپ ئوبىكتىنى بولسا ھىچ نېمە بىلمەيدىغان، قۇتقازمىسا ئېزىپ كېتىدىغانلار دەپ قارايدۇ، ئىككىلىسى ئوبىكتىنىڭ ھورۇنلىقىغا ئىشىنىدۇ، ئىككىلىسى باشقۇرۇشتا يا پەنگە ئىشەنمەيدۇ يا قانۇنغا تايانمايدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاقلىقى قانداق شەكىللەنگەن، كىم كىمگە ئۆگەتكەن بۇ ماڭا نامەلۇم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىز جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. جەمئىيەتتە قاتتىق قوللۇق، باستۇرۇش، مەجبۇرى تەربىيە، مۇرەسسەلەشمەسلىك، قارشى تەرەپنى ھەمكارلىق، سۆھبەت ئوبىكتى ئەمەس باستۇرۇش، قارشىلىق ئوبىكتى دەپ تونۇش ئاساسلىق كەيپىياتقا ئايلانغان بولسا بىزمۇ شۇ ئۇسۇلدا ئۆزىمىزگە باشقىلارغا ۋە بالىمىزغا مۇئامىلە قىلىمىز. بىز قانچىلىك بېسىمگغا ئۇچرىساق ۋە بېسىمنى قوبۇل قىلساق بالىمىزغا شۇنچىلىك بېسىم چۈشىرىمىز ۋە قوبۇل قىلدۇرىمىز. جەمئىيەتتە كىملەر نوپۇزغا ۋەكىللىك قىلسا شۇلارنىڭ گېپى چاك باسىدىغان، ئىشەنچلىك بولىدىغان، يوللۇق تۇيۇلىدىغان گەپ. ”بالىلار ئوينىسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ“ دېگەنلىك قاتتىق قوللۇق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، دېگەن ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيىمىزدىكى ئىنكاسى ئىكەنلىكى يۇقارقى بايانلاردىن مەلۇم.


ئالدىنقى: ئۇيغۇردا كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش

كـىيىنكى: قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلىرى