قىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلىرى

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىمغا ئادىتىمىز بويىچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىشنى داۋام قىلدۇق. قىزىق يېرى، قىزىم ياۋرۇپالىق كۆچمەنلەرنىڭ دۆلىتى بولغان ئامېرىكىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ياۋرۇپا كىلاسسىك چۆچەكلىرىنى قەشقەرگە كېلىپ ئاڭلاپ مەپتۇن بولۇپ كەتتى. بىزدىكى بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان ئۇيغۇرچە رەسىملىك كىتاپلار بىر بولسا خەنسۇ چۆچەكلىرىنىڭ تەرجىمىسى، يەنە بىر بولسا خەنسۇچە نەشىر قىلىنغان ياۋرۇپا چۆچەكلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئىكەن. ئامېرىكىدا قىزىمغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتۇق، ئۆيدە بارىمۇ شۇ بولغاچقا قىزىممۇ بەزىدە ئامالسىز، بەزىدە بىزنىڭ ئويۇن چىقىرىپ قىزىقتۇرىشىمىز بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايتتى. دەسلەپتە قىزىم ئۇيغۇرچىنى تاللىسا ئۇيغۇرچە ئېنگىلىزچىنى تاللىسا ئېنگىلىزچە كىتاپ ئۇقۇپ بېرىپتۇق. بىر كۈنى قارىسام ”ئۇيغۇر“ دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلالماي يۈرىدۇ. شۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچىلا چۆچەك ئېيتىپ بېرىدىغان بولغانىدۇق. قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن قىزىمغا ياۋرۇپا چۆچەكلىرىنى ئوقۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق. بالام ئۇزۇنغا قالماي“ ئوتىمەن“ دېگەن كارتۇنغا خۇشتار بولدى. بىز بۇرۇن ئۆگەتكەن نۇزۇگۇمنىڭ باتۇرلىقى، سادىر پالۋاننىڭ پاراسىتى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ ئورنىنى ”دوڭگۇ ئەپەندى“ ، ”قار مەلىكە“ دېگەندەك چۆچەكلەر ئىگىلەشكە باشلىدى.

ئامېرىكىدا چوڭراق تۈرلى ماللار ماگىزىنلىرىدا كىتابلار بولۇپمۇ بالىلار كىتابلىرى بولاتتى. ھەتتا دوراخانىلاردىمۇ كىتاپ سېتىلاتتى. ھۆكۈمەت ئايرىم مەبلەغ ئاجرىتامدۇ قانداق بالىلار كىتابلىرى نىسبەتەن ئەرزان ئېدى. مەھەللىمىزدىكى كۈتۈپخانىدا بالىلار بۆلۈمىدىن بالىلار خالىغان كىتاپلارنى تاللاپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوقۇسا بولاتتى. بالىلار بۆلۈمىدە ئويۇنچۇقلار، قونچاقلار ۋە ھەرخىل توپلار بولاتتى. بالىلاركىتاپ ئوقۇپ زېرىككەندە توپ ۋە باشقا ئويۇنچۇق ئوينايتتى. ۋەتەنگە كېلىپ بۇلارنى سۈرۈشتۈردۈم، ناھىيىمىزدىكى سېلىنغىنىغا تېخى ئون نەچچە يىل بولغان كۈتۈپخانا چېقىلىپتۇ، يېڭىسى ھازىرغىچە پۈتمەپتۇ. كىتاپخانا كىچىك بىر بۇلۇڭدىن دۇككانچاق ئېلىپ جايلىشىپتۇ. دېمەك 300مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بىر ناھىيىدە كۈتۈپخانا يوق بولدى دېگەن گەپ. تورخانا، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا نامىدىكى قىمارخانا…قاتارلىق ئىنسانغا چىركىنلىك ئۆگىتىدىغان سورۇنلار داغدام ئوچۇق. موھىت شۇ تۇرسا بالىلارنى قانداقمۇ ئىلىمگە ھەۋەسكار، بايقاشقا تەشنا، ئىجادىيەتكە خۇشتار قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولىدۇ.

ۋەتەندە بالامغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش جەريانىدا بىر قانچە نوقتا كۆزۈمگە چېلىقتى. بىرى كىتابلار بالىلارغا يېشىغا نامۇناسىپ ئىددىيە يۈكلەيدىكەن. قولۇمدا ”دۆلەتنىڭ 11-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى نوقتىلىق كىتاپ تۈرى“ بولغان ”دۇنياۋىي مەشھۇر شەخسلەر مەجمۇئەسى- ئۇلۇغ يۇنان ئالمى ئارخىمىد“ دېگەن كىتاب تۇرۇپتۇ. كىتابنىڭ بىرىنجى بېتى مۇنداق باشلانغان “ 2000 يىللار ئىلگىرى ياۋرۇپا جەمئىيىتى تېخى ئىپتىدائىي باسقۇچتا تۇرۇۋاتاتتى، دۇنيانىڭ باشقا كۆپ جايلىرىمۇ “ ياۋايى ئادەملەر“ نىڭ ماكانى ئېدى. پەقەت جۇڭگۇ ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقى قاتارلىق ئاز بىر قىسىم رايۇنلارلا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە قەدەم قويغانىدى“ . بۇ بايانلار بىرىنجىدىن خاتا، چۈنكى يۇنان يەنى گرىتسىيە ياۋرۇپاغا مەنسۇپ، مەزكۇر كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان ئارخىمىدنىڭ لەيلىتىش كۈچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىلا ياۋرۇپانىڭ ئاتالمىش ”ئىپتىدائى جەمئىيەت“ باسقۇچىدا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئارخىمىدنى تونۇشتۇرغان كىتابنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ جەمئىيىتى ۋە توپرىقىنى كەمسىتىدىغان ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلىشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ. كىتابتا دېيىلگەن ئىپتىدائىي جەمئىيەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ ماركىس-ياۋرۇپالىق ئوتتۇرىغا قويغان. دۇنيادا ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن جۇڭگۇدىن باشقا يۇنان، ئىران، تۇران (ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلىرى)، ھىندىستان، بابىلۇن، مىسىر قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىيەت مەركەزلىرى تۇرسا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپلا باشقىلارنى كەمسىندۇرۇش سەبىيلەرنى خاتا بىلىم بىلەن زەھەرلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ يەردە ئاستىرىتتىن تەرغىپ قىلىنىۋاتقىنى مىللەتچىلىك. يەنى دۇنيادا جۇڭگۇ ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن، ئەڭ مەرىپەتلىك خەلق ئەزەلدىن جۇڭگۇلۇقلار ئېدى…ۋاھاكازالار. ساۋادى چالا بۇچۇق چىققان گۆدەكلەرگە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسى، مېھىرلىك ئىنسانلار جەمئىيىتى، سېھىرلىك غايىپ مەۋجۇدات ھەققىدە تەلىم بەرمەي نەدە مېزى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئاشقۇن مىللەتچىلىك-پاشىزىمنىڭ مەپكۇرىسىنى سىڭدۈرمەكچى بولۇش ئىددىيە زوراۋانلىقىدۇر. بۇندىن باشقا ”ياۋايى ئادەملەر“ دېگەن ئىبارە خاتا قوللۇنۇلغان. بىراۋنى بۇنداق تەسۋىرلەش كەمسىتكەنلىك بولۇپ ھازىرقى دۇنيادا ئەخلاقسىزلىق سانىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھىچ بىرسى ياۋايى ئەمەس. ياۋايىلار دېيىشكە توغرا كەلسە ھايۋانلار شۇنداق دېيىلىدۇ. شۇڭا ياۋايىلىق ئىنساننىڭ ئەمەس ھايۋاننىڭ سۈپىتى. بالىلارغا ئۈچۈن تۈزۈلگەن كىتابلارغا بۇنداق ئۆزىنى ئۇچۇرۇپ باشقا مىللەتلەر ھاقارەتلەنگەن مەزمۇننى كىرگۈزۈش جىنايەتتۇر.

يەنە بىرى ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىدا گۆدەكلەرنىڭ يېشىغا ئۇيغۇنسىز سۆزلەر، سۆرەلمە جۈملىلەر كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. مەسىلەن يۇقارقى بالىلار كىتابىدىكى ”ئىپتىدائىي جەمئىيەت“، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت“ دېگەنلەرنى بالىلار چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقارقى جۈملىمۇ پايتىمىدەك ئۇزۇن بولۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بېرىپ بولغىچە بالىمىز بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. مەن تۆرت ياشلىق بىر بالىنىڭ ”ئېزىپ قاپتۇ“ دېگەن سۆزنى چۈشىنەلمىگەنلىكىگە شاھىد بولدۇم. مېنىڭ قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپقا ئەدەبىيات دەرسى بېرىۋاتقان دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۇ بىر سائەتنىڭ كامىدا ئۈچتەن بىرىنى تېكىستتىكى يېڭى سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈشكە سەرپ قىلىدىكەن. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قانچە ياشتا قانچىلىك سۆز ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات بولمىغاچقتا كىتاب تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغاندا ئۆلچەم يوق. شۇڭا بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن كىتابلاردا بالىلار چۈشىنىدىغان سۆزلەر ئەمەس ئاپتۇر مۇۋاپىق دەپ قارىغان سۆزلە قوللۇنىلىدۇ. مەسىلەن، قارلۇق شىركىتى بازارغا سالغان كۆرۈنۈشلىك ئېلىپبە ”قولۇڭدىكى ھېكمەتلىك كىتابنى ئۇلارغا بەرگىن، ئۇلار بۇ كىتاب بىلەن كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچسۇن!“ دەپ باشلىنىدۇ. ئېنىقكى، ساۋات چىقىرىش يېشىدىكى بالىلار ”ھېكمەت“، ”كائىنات“ ، ”سىر“ دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ.

ئۈچىنجىسى بالىلار كىتابلىرى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ماسلاشمايدىكەن. بالىلار كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنغاندا تۈركىيە قاتارلىق مەدەنىيەتتە بىزگە تۇققان ئەللەرنىڭ كىتابلىرى تەرجىمە قىلىنمىغاچقا بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى كىتابقا ھېرىسمەن قىلىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى بىر بالا ”سېھىرلىك چىراق“ دېگەن كىتابقا سىزىلغان يېرىم يالىڭاچ ئايالنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قالدى. كىتابنى قولىدىن دەرھال ئېلىپ يىغىۋەتتىم. ئەتىسى دىققەت قىلسام بۇ ئىشنى دوستىغا دەپ بەرگەچ كۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. قاراپ تۇرسام ھېلىقى يالىڭغاچ ئايالنىڭ رەسىمىنى دوستىغا كۆرسەتتى. ئۇنداق يالىڭاچ كىيىملىكلەر بار جەمئىيەتتە بۇ ئىش بالىلارغا غەلىتە تۇيۇلمىغان بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە چوڭ بولۇۋاتقان بالا بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ھەم قوبۇل قىلماسلىق ھوقۇقى بولىشى كېرەك. ئۈچىنجى بىر تەرەپ، بالىلار كىتابلىرى دەپ نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىنىڭ مەزمۇنى بالىلارغا پەقەت ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ئاتايىن پۇل خەجلەپ بالىلار كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز چوڭلارغا خاس مەزمۇنغا رەسىم كىرىشتۈرۈپلا بالىلار كىتابى دەپ بازارغا ساپتۇ. مەسىلەن، بىلقۇت شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان ”مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە ھىكايە“ دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابنى بالىلار كىتابى دېگەندىن كۆرە، چوڭلار كىتابىنىڭ رەسىملىك نەشرى دېگەن تۈزۈككەن.


ئالدىنقى: بالىلار ئوينىغانغا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

كـىيىنكى: 33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى