بوزقىر يىپەك يولى

بوزقىر يېپەك يولى ياكى يايلاق يېپەك يولى ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىدا، موڭغۇل ئىگىزلىكى، ئورتا غەربي ئاسيانىڭ شىمالى، جەنۇبىي رۇسىيە بوزقىرلىرىدىن ئۆتۈپ غەربتە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان سودا - تىجارەت يولىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ گۈزەرگاھ ئۈستىدە ئوترار، تالاس، توقماق قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەر بار ئىدى.

بوزقىر يېپەك يولى، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدىلا يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيسۇن توپراقلىرىدىن موڭغۇل ئىگىزلىكىگە تۇتاشقانلىقى ھەققىدە تارىخى خاتىرەلەر باردۇر. تاڭ دەرىدە ئۇيغۇر يولى، دەپ ئاتالغان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن شىمالغا قاراپ مېڭىپ ياڭشەن بىلەن يىنشەننىڭ جەنوبىدىكى سۇڧاڭ، ۋۇيۈەن، يۈنجوڭ، دىڭشياڭ، يامۇل ئايماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېنەن رايونىدىكى زامانىسىدا يېڭى چىن دەپ ئاتالغان قۇرۇلنىڭ سىرتىغا ئۆتۈپ، موڭغۇل دالاسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىن ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيانىڭ شىمالىنى بويلاپ داۋام قىلىدۇ، جەنۇبىي ئورۇس يايلاقلىرىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ يول ئۈستىدىكى مۇھىم شەھەرلەردىن ئوردۇ بالىق، ئوترار، تالاس، تاراز، سۇياب، بەشبالىق (قەدىمدە كۇشان)، ڧېڭجۇ (چىن دەۋرىدە جيۇيۈەن ئايماغى) قاتارلىقلار بار ئىدى.

ھۇنلار ۋە ئۇلاردىن سوڭرەكى سىيانپىيلار، ئوخانلار، رورانلار، ئاقھۇنلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، يۆبەنلەر، زۇبۇلار، تاتارلار، تايجىيۇدلار، مەركىتلەر، نايمانلار، كەرەيلەر، ئونغۇتلار، موڭغۇللار، سوغدىلار، ئۇيسۇنلار، ياۋچىلار، قاسارلار، ئالانلار قاتارلىق خەلقلەر بۇ يايلاقلاردا ياشاپ ئۆتكەندۇر. ئۆڭلۈك سۆيگۈن توپلىڭىدىن سوڭرە، لۇڭيوۋ ئۆلكىسىدىكى ئايماقلار 758—776 يىللار ئارىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۈبۈتلەرنىڭ قولىغا تۈشۈپ كەتتى. يېپەك يولى تۈبۈتلەرنىڭ كونترولى ئاستىغا تۈزۈپ قالدى. تاڭ سۇلالىسى مەجبۇرىي ھالدا يايلاق يېپەك يولىدىن پايدىلىنىپ قۇرىغار بىلەن ئالاقە باغلايدۇرغان بولدى.