بەيتۇل ھىكمەت (ئەرەبچە:بيت الحكمة، ھىكىمەت ئۆيى)، 750-يىلى ئابباسىيلار سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەبلەرنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ئاساسەن توختاپ، سۇلالە ۋەزىيىتى كۈندىن-كۈنگە مۇقىملاشقان. بۇ چاغدا سۇلالە زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپالارغىچە كېڭەيگەن ئىدى. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى 100 يىلدەك مەزگىلىدە (مىلادىيە 750-يىلىدىن 842-يىلىغىچە)، بولۇپمۇ خەلىپە ھارۇن رەشىد (مىلادىيە 786-يىلىدىن 809-يىلغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ۋە خەلىپە مەئمۇن (مىلادىيە 813-يىلىدىن 833-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ تېزدىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتە دۇنياۋى خاراكتېرلىك گۈللىنىش مەيدانغا كەلگەن. تەرەققىيپەرۋەر ھاكىمدار خەلىپىلەر شۇنچە كەڭ زېمىنغا، جۈملىدىن مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزلىرىدىن ئالغا كەتكەن ئەللەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنىڭ ۋە دىن تارقىتىشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىگە كېلىپ، بۇ ئىشنى يۇنان، پارس، ھىندىستان، رىم قاتارلىق ئەينى چاغدىكى مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ قەدىمىي ئىلىم-پەن مىراسلىرىنى يىغىپ ۋە رەتلەپ ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن باشلىغان.

ئەينى ۋاقىتتا باغدادتا تەسىس قىلىنغان ”بەيتۇل ھېكمەت“ مانا مۇشۇنداق شارائىتتا مەيدانغا كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىي يازما مەدەنىيىتىنى قېزىش، ساقلاپ قېلىش، تەتقىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشۇپ، ئەرەبلەردە مەيدانغا كەلگەن ”ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىلىم-پەننىڭ بۇلىقى، ئەقىل-پاراسەتنىڭ خەزىنىسى، ئالىملارنىڭ مۇقەددەس قەسرى“ دېگەندەك شان-شەرەپلەر بىلەن ناملانغان.

تەرجىمە ئىدارىسى، پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورگانلاردىن تەركىب تاپقان ”بەيتۇل ھېكمەت“ ئەينى ۋاقىتتىكى سۇلالە مەملىكىتى خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، ”دارىل ھېكمەت“، ”ئاقىللار سارىيى“ دەپمۇ ئاتالغان. خەلىپە مەنسۇر(مىلادىيە 754-يىلىدىن 775-يىلىغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) ۋە خەلىپە ھارۇن رەشىد مەزگىلىدە باغدادتا ئوردا تەرجىمە-تەتقىقات ئورگىنى ۋە خەلىپىلىك كۇتۇپخانىسى تەسىس قىلىنغانىدى. خەلىپە مەئمۇن پۈتۈن سۇلالە بويىچە تەرجىمە ھەرىكىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە مۇكەممەل ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن، 830-يىلى يارلىق چۈشۈرۈپ، 200 مىڭ دىنار سەرپ قىلىپ، ئەسلىدىكى تەرجىمە-تەتقىقات ئورگىنى ۋە ئوردا كۇتۇپخانىسى ئاساسىدا دۇنياغا داڭلىق”بەيتۇل ھېكمەت“نى قۇرۇپ چىققان ۋە بۇ ئورگان ئىسلام دۇنياسىدا دۆلەت دەرىجىلىك تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى ۋە ئالىي مائارىپ بىلىم يۇرتى بولۇپ شەكىللەنگەن.

بەيتۇل ھېكمەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئورگانلارنىڭ مەسئۇللۇقىغا بىلىمى چوڭقۇر ۋە مول بولغان ئالىم-ئۇلىمالار تەيىنلەنگەن. مەسىلەن، مەشھۇر خرىستىيان تېببىي ئالىمى ۋە مۇتەرجىم يەھيا ئىبنى مەسەۋىي(مىلادىيە 777-857) خەلىپە مەئمۇن تەرىپىدىن بەيتۇل ھېكمەتنىڭ تۇنجى باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن؛ نېستۇرى دىنىدىكى مۇتەرجىم ۋە ئالىم ھۇنەيىن ئىبنى ئىسھاق(مىلادىيە 809-873) تەرجىمە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋە ”مۇتەرجىملەر شەيخى“ دېگەن شەرەپ نامى بىلەن ئاتالغان. مۇسۇلمانلاردىن مەشھۇر ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم مۇھەممەد ئىبنى مۇسا خارەزمى(مىلادىيە 780-850)مۇ كۇتۇپخانا باشلىقى ۋە رەسەتخانا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

خەلىپە مەئمۇننىڭ ئۆزى كامالەتلىك ئالىم بولغاچقا، ئىلىم-پەن جەھەتتە، ئىلمىي تەتقىقاتتا ھەممە جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنى قوللاش يۆنىلىشىنى قوللانغان. شۇڭا، نۇرغۇن جايلاردىن بىرمۇنچىلىغان چوڭقۇر بىلىملىك ئالىملار ۋە مۇتەرجىملەرنى بەيتۇل ھېكمەتتە تەرجىمە-شەرھى ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن، تەكلىپ قىلىشتا، يۇرت، ئىرق، مىللەت ۋە دىن ئايرىمىسى قويمىغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەبلەرمۇ، غەيرىي ئەرەبلەرمۇ بار ئىدى؛ مۇسۇلمانلارمۇ، غەيرىي مۇسۇلمانلارمۇ، جۈملىدىن يەھۇدىي، سابىي ۋە ئاتەش دىنىدىكىلەرمۇ بار ئىدى.

بەيتۇل ھېكمەت بەرپا قىلىنىپ 200 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، يۇنان، رىم، ئىران، ھىندىستان قاتارلىق قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ئەللەرنىڭ كىلاسسىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىپ، تەرجىمە قىلىپ، شەرھلەپ، ساقلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ روناق تېپىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

بىرىنچىدىن، قانچىلىك ئەجىر كېتىشىگە قارىماي، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يىغىش، توپلاش، شەرھلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتە نەمۇنە تىكلەپ بەردى.

مىللەت، ئىرق، نەسەب، ئېتىقاد ئايرىماي، قايسى مىللەتنىڭ، قايسى تەبىقىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەدەنىيەت مىراسىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى.

دەرۋەقە، دارىل ھېكمەت مىڭ بىر جاپا-ئەمگەك بىلەن ۋە نۇرغۇن خىراجەت خەجلەپ يىغىپ توپلىغان ۋە تەرجىمە قىلدۇرغان نەچچە يۈز پارچە كىلاسسىك ئەسەر ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ئىدى. دارىل ھېكمەتكە يۇقىرى ھەق بېرىپ تەكلىپ قىلىنغان يۈز نەچچىلىگەن ئالىم-تەرجىمانلارمۇ ھەرقايسى مىللەتلەردىن، ھەرقايسى تەبىقىلەردىن، ھەرقايسى دىنىي ئېتىقادتىكىلەردىن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاج تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئالىي غايە بىلەن جەملەنگەنىدى.

ئىككىنچىدىن، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان قەدىمكى يۇنان پەن-مەدەنىيىتى مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ ساقلاپ قالدى. ھەرقايسى جايلاردىن نەچچە يۈز خىل قەدىمكى يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە قول يازما نۇسخىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، يىغىپ كېلىپ، رەتلەپ، سېلىشتۇرۇپ، تۈزىتىپ چىقتى ۋە ساقلىدى. خەلىپە مەئمۇن ئالدى بىلەن مۇتەرجىم سالامنى كونىستانتىنوپولدىكى ۋىزانتىيە پادىشاھ ئوردىسىغا ئەۋەتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان يۇنان تىلىدىكى ئەتىۋارلىق ئەسەرلەرنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ ئەكەلدۈردى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھۇنەيىن ئىبنى ئىسھاق(مىلادىيە 809-877)نى ئىراق، شام(سۇرىيە)، مىسىر، رىم قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، قەدىمىي ئەسەرلەرنى يىغىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ھۇنەيىن گىرېك تىلى، پارس تىلى، قەدىمىي سۇرىيە تىلى ۋە ئەرەب تىلىغا پىششىق، تەرجىمىشۇناسلىقتا داڭ چىقارغان ھەم تېبابەتچىلىككە ئۇستا ئالىم ئىدى. كەسىپ ئەھلىلىرى ئەۋەتىلىپ، ھەريەر ھەريەردىن ئەتىۋارلىق قەدىمىي ئەسەرلەرنى يىغىپ توپلاش نەتىجىسىدە، بەيتۇل ھېكمەتنىڭ كۇتۇپخانىسىدا گىرېكچە، قەدىمكى سۇرىيەچە، پارسچە، ئىبرايچە، ناباتىچە، سانسكرىتچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللاردىكى پەلسەپە، تەبىئىي پەن، ئىنسانشۇناسلىق ئىلمى، ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسلى نۇسخا ۋە قول يازما ئەسەرلەردىن نەچچە ئون مىڭ نۇسخا ساقلانغان بولۇپ، ئالىملارنىڭ تەرجىمە، تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ۋەسىقىلەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى.

ئۈچىنچىدىن، بەيتۇل ھېكمەت بىنا قىلىنغاندىن كېيىن، تەرجىمە خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ قارىمىقىدىكى تەرجىمە ئىدارىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرجىمە پائالىيىتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. بۇ خىل تەرجىمە ھەرىكىتى ئۇمەۋىيە سۇلالىسى ۋاقتىدىلا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما كۆلەملەشمىگەن ۋە مۇكەممەللەشمىگەنىدى. 9-ئەسىر، بولۇپمۇ خەلىپە مەئمۇن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋر تەرجىمە ھەرىكىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى بولدى. بۇ دەۋردىكى تەرجىمە ئىدارىسىدىكى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ خىل تىلغا ماھىر بولۇپ، ھەم مۇتەرجىم، ھەم تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇلار قەدىمىي يۇنان، پارس، ھىندىلارنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى نەچچە يۈز خىل قەدىمىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە شەرھلەپ چىققان ھەمدە ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىپ، ئۆزگەرتىپ ۋە قايتا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن. ئۇلار بۇ ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدە نۇرغۇن تۈزىتىش، شەرھلەش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى قويۇش، تولۇقلاپ توغرىلاش، مۇھىم مەزمۇنلارنى تەرمىلەش، مۇھاكىمە باھاسى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي قاراشلىرىنى نامايان قىلغان؛ كۆپ قېتىم تىلدىن-تىلغا تەرجىمە قىلىنىش نەتىجىسىدە ئەسلى مەنىسى بۇرمىلىنىپ كەتكەن ئەسەرلەرنى سېلىشتۇرۇپ تۈزىتىش، قايتا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق، ئەسەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ھېسابلىنىشىچە، تەرجىمە ئىدارىسىدە تۈرلۈك ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەرلەر نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇنان تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، پەلسەپە، لوگىكا، سىياسىيشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، تېبابەتچىلىك، كىمىياگەرلىك(مېتال تاۋلاش)، جۇغراپىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەسەرلەر 100 خىلدىن ئاشىدىكەن، بۇلاردىن: ئارىستوتېلنىڭ «مېتافىزىكا»، «قورال پەنلەر»، «كاتېگورىيە»، «شەرھى»، «لوگىكا»، «فىزىكا»، «ئېتىكا»، «ئالەم توغرىسىدا»، «بارلىققا كېلىش ۋە يوقىلىش»، «بەس-مۇنازىرە»، «روھ توغرىسىدا»، «مېتېئورولوگىيە»، «ھايۋانات تەزكىرىسى»، «شېئىرىيەت»، «مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ پىلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت»، «قانۇن»، «سىياسىيون»، «دانالار»، «ياقلاش» قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ پىتاگۇراسنىڭ «ئالتۇن ھېكمەتلەر» دېگەن ئەسىرى؛ بوفىلنىڭ «لوگىكا مۇقەددىمىسى» دېگەن ئەسىرى؛ ئىۋكلەنىڭ «گېئومېتىرىيە قائىدىسى» دېگەن ئەسىرى؛ پىتولېمىينىڭ «تۆت قامۇس»، «ئاسمان جىسىملىرى قامۇسى»، «جۇغراپىيە»، «ئوپتىكا» قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ ئارخېمىدنىڭ «شار ۋە سىلىندىر توغرىسىدا»، «تەكشىلىك مۇۋازىنىتى»، «چەمبەر ئايلانمىسى ئېنىقلىمىسى»، «لەيلىگۈچى جىسىم توغرىسىدا»، «قانۇن» قاتارلىق ئەسەرلىرى؛ گىرېئىن(گالېن)نىڭ «ئاناتومىيە»(يەتتە جىلد)، «ماھارەت» قاتارلىق تېبابەتكە ئائىت بارلىق ئەسەرلىرى؛ ھىپپوگرات بىلەن پائولنىڭ تېبابەتكە ئائىت بارلىق ئەسەرلىرى قاتارلىقلار بار.

ئاساسلىقى پارسلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئۇمەييەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىلىرى پارس كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. شۇڭا، پارسلارنىڭ ئاساسلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. پارسچىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان تارىخ، تىل، ئەدەبىيات، دىن قاتارلىقلارغا دائىر ئەسەرلەر 20 نەچچە خىل بولۇپ، «پېرىسىيە خانلىرىنىڭ تارىخى»، «ئەييىنامە»، «مەزدەك»، «شاھ تاجى»، «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «ھەزار ئەفسانە»(مىڭ ھېكايە)، «ئاۋىستا»، «زەنگىۋىتا»، «زوروئاستىرنىڭ مۇرىتلىرى»، «نەمرۇد»، «بەھرام نىتۇس»، «رۇستەم بىلەن ئىسفەندىيار» قاتارلىقلار بار.

ھىندىستاننىڭ سانسكرىت تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك جەھەتتىكى ئەسەرلىرى 30 خىلغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاسترونومىيەگە ئائىت «سىند-ھىند»(«بەررا ھېمەيسقۇتا سىند-ھىند»)؛ تېبابەتچىلىككە ئائىت «سوسرودو»(«سوستىلاتا»)، «چاكار تېبابەت مەجمۇئەسى»؛ ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن: «ئابىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»، «ھىندىستان ئەر-ئاياللىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلى»، «ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئادەتلىنىپ قالغان ھىندىستان پادىشاھى»، «ساناقنىڭ تەدبىرى»، «بەيدبا ھېكمەتلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر بار.

ئەمەلىيەتتە پارسچە نۇسخىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان «كەلىلە ۋە دېمىنە»، «ھەزار ئەفسانە»(مىڭ ھېكايە) قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ سانسكرىت تىلىدىكى ئەسەرلىرى ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادا ئورتاق قوللىنىپ كېلىۋاتقان ”ئەرەب رەقىمى“نىڭ نۆل رەقىمى ۋە ئۇنىڭ ئونلۇق ئۈلۈشلەر خانىسى ئۇسۇلىنىمۇ ئەرەبلەر مۇشۇ مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرگەندە ھىندىستاندىن كىرگۈزۈپ قوبۇل قىلىپ، ئاندىن غەربكە، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقان(ھىندىستاندا نۆلنىڭ بەلگىسى ئەسلىدە چېكىت ‹.› ئىدى. غەربكە تارقالغاندىن كېيىن چەمبەر‹0›گە ئۆزگەرتىلگەن. ئەمەلىيەتتە ئەرەبلەر ھازىرغىچە ئۆز رەقىمىدە نۆل‹0› ئورنىدا چېكىت‹.›نى ئىشلىتىپ كەلمەكتە).

ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان تېۋىپلىرىنىڭ تېبابەتچىلىك ماھارىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى. شۇڭا، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ تېبابەتچىلىك ئەسەرلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپلا قالماستىن، باغداد قاتارلىق جايلاردىكى شىپاخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ھىندىستانلىق تېۋىپلارنى تەكلىپ قىلىپ دەرس ئۆتكۈزگەن ياكى تېۋىپلىق قىلغۇزغان.

بۇلاردىن باشقا، باناتى تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە دائىر ئەسەرلەرمۇ 20 خىلغا يېتىدۇ. قەدىمكى سۇرىيە تىلى، ئىبراي تىلىدىن ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكىغا دائىر ئەسەرلەردىنمۇ نەچچە ئون خىلى بار.

دارىل ھېكمەت تەرجىمە پائالىيىتى داۋامىدا، يەنە كوللېكتىپ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەرجىمە ۋە بايان قىلىش ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. بەيتۇل ھېكمەتتە تەرجىمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ ھەجىملىك ۋە مۇھىم دەپ قارالغان ئەسەرلەرنى تەرجىمان ۋە ئالىملار بۆلەكلەرگە تەقسىم قىلىۋېلىپ تەرجىمە قىلدى ۋە شەرھلىدى، دەسلەپكى تەرجىمە ئارگىنالى پۈتكەندىن كېيىن، كوللېكتىپ ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ تەرجىمىسىنى تەھرىرلىدى، ئاخىردا باش تەرجىمان تەكشۈرۈپ بېكىتىپ چىقتى. بەزى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە ئەۋلاد تەرجىمانلارنىڭ دەسلەپ تەرجىمە قىلىشى، قايتا تەرجىمە قىلىشى ئارقىلىق ئاندىن تاماملاندى.

تۆتىنچىدىن، بەيتۇل ھېكمەت ھەر خىل پەنلەر بويىچە ئىلمىي دوكلات ۋە مۇھاكىمە-مۇنازىرە يىغىنلىرىنى دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى، يىغىن مەزمۇنى پەلسەپە، دىنشۇناسلىق، ئاسترونومىيە، تېبابەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردە بولاتتى. مۇھاكىمە-مۇنازىرە يىغىنىدا ھەرخىل قاراشتىكىلەر ئەركىن-ئازادە سۆزلەپ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلاتتى، ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشتەك ئىلمىي كەيپىيات ناھايىتى قويۇق ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بەيتۇل ھېكمەت بىر قېتىم خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى توغرىسىدا مۇنازىرە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. خەلىپە مەئمۇن بىر ئالىم سۈپىتىدە بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيىتىگە قاتناشقان. يىغىندا، خىرىستىيان ئېپىسكوپى سىۋۇدۇس ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە زىت قاراشلىرىنى يوشۇرماستىن بايان قىلغان. خەلىپە مەئمۇن ۋە ئىسلام ئالىملىرى ئۇنىڭ قاراشلىرىنى كۆڭلىگە ئالمىغان، بەلكى تەڭ باراۋەر پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

بەيتۇل ھېكمەت يەنە كىتاب يازغان ۋە تەلىمات ئىجتىھات قىلغان ئالىملارنى مۇكاپاتلايتتى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۇقىرى ھەق بېرەتتى.

بەشىنچىدىن، بەيتۇل ھېكمەت يەنە ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش مەركىزى ئىدى. ئۇنىڭ قارىمىقىدا رەسەتخانا(ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئۆيى)، تېببىي مەكتەپ، ئاسترونومىيە مەكتىپى بار ئىدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ تالىبۇل ئىلىملىرى بەيتۇل ھېكمەتكە كېلىپ، داڭلىق ئالىملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن ھەرساھە پەنلىرى ئىلىملىرىنى ئۆگىنەتتى. بىرمۇنچە مەشھۇر ئالىملارمۇ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن باغدادقا كەلگەنىدى. مەسىلەن، پەيلاسوپ ئەل كىندى، ئەدىب ئەل جاھىز، تارىخچى ۋە جۇغراپىيەشۇناس مەسئۇدى، ماتېماتىك خارەزمى قاتارلىق ئالىملار بەيتۇل ھېكمەتتە ئالىي بىلىملەردىن دەرس بەرگەنىدى.

بەيتۇل ھېكمەت تەربىيەلەپ چىققان شاگىرتلاردىن نۇرغۇنلىغان يۇقىرى بىلىملىك ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارلىق ئالىم ۋە تەرجىمىشۇناسلار مەيدانغا كېلىپ، خەلىپىلىكنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن ۋە شۆھرىتىنى ئاشۇرغان. ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئىلمىمۇ تەرجىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق چەت ئەللەرنىڭ تۈرلۈك ئىدېئولوگىيەلىك ماتېرىياللىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئېتىقادى ئاساسىدا كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ئۆزىنى بېيىتقان.

ئالتىنچىدىن، دارىل ھېكمەت قەدىمكى شەرق ۋە غەرب ئىلىم-پەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر مىراسلىرىنى يىغىپ ساقلاپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئەرەب-ئىسلام ئىلىم-پەن، مەدەنىيىتىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي تېپىشى ۋە گۈللىنىشىنى يۈكسەلدۈردى، مۇسۇلمانلاردىن ھەرساھە ئالىملىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ روناق تېپىشى، ھەرقايسى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشى، دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەلىماتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.

دەرۋەقە، دارىل ھېكمەتنىڭ تۈرتكىسىدە كېيىنچە ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلاردىن ھەرقايسى ئىلىم ساھەلىرى بويىچە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، جۈملىدىن ئاسترونوم، ماتېماتىك، فىزىك، خىمىك، جۇغراپىيەشۇناس، تارىخشۇناس، داڭلىق تېۋىپ، تىلشۇناس، پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇرلار مەيدانغا كەلدى، ئۇلار تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەردىن ئىلھام ئېلىپ، بۇ ئەسەرلەردىكى قاراشلارنى تېخىمۇ بېيىتتى ۋە شۇ ئاساستا يېڭى-يېڭى نەزەرىيە، قاراشلارنى ئىجتىھات قىلىپ ئىنسانىيەتكە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.

بۇ مەزگىلدە بەيتۇل ھېكمەت ھەقىقەتەن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاسسىمىلاتسىيە(قوبۇل قىلىش) ئىقتىدارىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى. يۇنان، پارس، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر مەدەنىيىتىدىن قوبۇل قىلغۇدەكلا ئېلېمېنت بولسا، ئىسلام ئېتىقادىغا خىلاپ كەلمىسىلا ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈردى. ئىلىم-پەن ساھەلىرىدىنلا ئەمەس، بەلكى تىل-ئەدەبىيات جەھەتتىمۇ بۇ ھالەت ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولدى. ھەتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلار سۈرىتىنى سىزىشقا ئىجازەت بەرمەسلىك ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، گەرچە يۇنان ۋە رىملىقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى گۈزەل سەنئىتىنى ئۆز پېتىچە قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سەنئەت شەكلىدىن پايدىلىنىپ، خەتتاتلىق سەنئىتى، نەققاشلىق سەنئىتى، بېزەكچىلىك سەنئىتى، گۈل-گىياھ سىزمىچىلىقى سەنئىتى، گېئومېتىرىيە ۋە گېئومېتىرىيەلىك سەنئەت قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇردى.

مىلادىيە 1065-1067-يىللىرى سالجۇقىلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى نىزامۇل مۈلك باغدادتا نىزامىيە مەدرىسە(ئۇنىۋېرسىتېت)نى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، بەيتۇل ھېكمەت شۇ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلىپ يەنىلا ئىسلام ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

مەنبە تەھرىرلەش

شەمشىدىن ھاجى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

  1. «جۇڭگو ئىسلام قامۇسى»(خەنزۇچە)، سىچۈەن لۇغەت نەشرىياتى، 1994-يىل نەشرى.
  2. ئابدۇراھمان نا جۇڭ: «ئەرەب ئومۇمىي تارىخى»(خەنزۇچە)، سودا نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.
  3. ئابدۇراھمان نا جۇڭ: «ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل نەشرى.
  4. جىن يىجۇ: «ئىسلام دىنى لۇغىتى»(خەنزۇچە)، شاڭخەي لۇغەت نەشرىياتى، 1997-يىل نەشرى.
  5. ئابدۇراھمان نا جۇڭ: ئەھمەد ئەمىننىڭ «ئەرەب–ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى»(خەنزۇچە) 2-قىسىم 1-كىتابقا مۇقەددىمە، سودا نەشرىياتى، 1990-يىل نەشرى.
  6. 6. بېرناد لېۋىس: «تارىختىكى ئەرەبلەر»(ئۇيغۇرچە)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006-يىل نەشرى.