تالاس ئۇرۇشى
تالاس ئۇرۇشى | ||
| ||
تەرەپلەر | ||
| ||
قۇماندانلار | ||
| ||
ئەسكىرى كۈچلەر | ||
| ||
ئاقىۋەت | ||
|
تالاس ئۇرۇشى ياكى تالاس جېڭى (ئەرەبچە:معركة نهر طلاس)، تالاش مەيدان ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شۈەنزوڭ دەۋرىدە، تاڭ سۇلالىسى كۈچلىرى بىلەن ئابباسىيلار خاندانلىقى ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن بىر مەيدان ئۇرۇش. بەئزى ئالىملار تالاس ئۇرۇشىنى جۇڭگو تارىخىدىكى شەرق غەربنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىككى ئىمپېرىيىسىنىڭ بىۋاستە ئۇچراشقان ئۇرۇشى دېسە، بەئزى تارىخچىلار بۇ ئۇرۇشنى ئىككى دۆلەت چىگرىسىدا يۈز بەرگەن كىچىككىنە توقۇنۇش ۋە پاراكەندىچىلىك خالاس، دەپ قارايدۇ.
ئارقا كۆرۈنۈش ۋە تەرەققىيات
تەھرىرلەشپارچىلانغان تۈركەشلەرنىڭ "قارا تۈركەشلەر" قىسمى 742- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوللىشى بىلەن تۇموچا قۇماندانلىقىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇردى.
شاش (بۇگۈنكى تاشكەند) تىكى قارا تۈركەشلەرنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمدارى باھادىر تۇدۇن، تاڭ قۇماندانى گاۋ شىيەنجى تەرىپىدىن 751- يىلى ئۆلتۈرۈلدى ۋە پۈتۈن مال مۈلكىنى تارتىۋالىپ شەھەرنى ياغمالايدۇ. تاڭ سەركەردىسى تۈرك ھۆكۈمدار بىلەن كېلىشكەن تۇرۇپ ئۇنىڭغا سۇيقەسد قىلدى. بۇ ۋاقىئەدىن كېيىن قېچىپ قوتۇلالىغان ھۆكۈمدارنىڭ ئۇغلى ئەرەبلەردىن ياردەم سوردى.
مىلادى 750- يىلى ئابباسىيلەر ئەمەۋىي سۇلالىسىنى يىقىتىپ خىلاڧەتنى قولغا كىرگۈزدى. ئەبۇ ھەسەن 745- يىلى ئەمەۋىيلەرنىڭ خۇراسان ۋالىيسى ناسىر بىن سەييارنى مەغلۇب قىلىپ خۇراساندىن چىقارغانىدى. بۇ ۋەقە ئەمەۋىيلەردىن مەمنۇن بولمىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر ئۇچقۇن بولدى.
شاشنىڭ ياردەم تەلىبىگە بىنائەن نۆۋەتتىكى خۇراسان ۋالىيسى ئەبۇ ئوغۇزخان، قۇماندان زىيا بىن سالىھنى ئىبەردى.
جۇڭگو مەنبئەلىرىگە كۆرە، تاڭ ئوردۇسىدىكى قارلۇقلار ۋە ياغمالار جەڭ ئەسناسىدا تەرەپ ئالماشتۇرۇپ ئەرەبلەر سېپىگە ئۆتتى ۋە تاڭ ئوردۇسىغا ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى.
نەتىجە
تەھرىرلەشبۇ جەڭ بىلەن بىرلىكتە مەتبئەچىلىك تۇنجى قېتىم جۇڭگونىڭ سىرتىغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوق دورىسى، كاغەز ۋە كۇمپاس ھەم ئەرەبلەرگە ئۇلاشقان. بۇ مۇھىم كەشپىياتلار ياۋروپاغا خىرىستىيان دۇنياسىنڭى مۇسۇلمان ئالەمىغە قارشى تەرتىپلىگەن ئەھلىسەپلنىڭ شەرققە يۈرىشى بىلەن كىرگەن. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تالاس ئۇرۇشى دۇنيا تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈرك خەلقلەر تارىخى ئۈچۈنمۇ بەك مۇھىمدۇر. تۈركلەر بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسلام بىلەن يېقىندىن ئۇچراشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە كۆپىنچە تارىخى مەنبئەلەردە تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقنى قەبۇل قىلىشىنىڭ باشلانغۇچى دەپمۇ قارىلىدۇ.