توكېنساد (ئېگلىزچە: Tokenomics؛ ئۇيغۇرچە تولۇق ئاتىلىشى: توكېن ئىقتىسادى) ئىقتساد ئىلمنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تۈرى بولۇپ، توكېنسادتا ئادەتتە شىفىرلىق پۇل، بۆلەكچە زەنجىرى، تارقىتىلغان دەپتەر تېخنىكسى قاتارلىقلار توكېنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ھادىسىلەرنى ئىقتىساد ئىلمى نۇقتىسىدىن كۆزىتىش، تەتقىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. دائىم كۆرۈلدىغان تەتقىقىقات تېملىرى:

  1. توكېنلار چەكلىك بايلىقلارنى قانداق قىلىپ چەكسىز ئېھتىياجقا تارقىتىدۇ.
  2. توكېنلار باشقا ئىقتسادى قانۇنيەتلەر بىلەن قاندق تەسىرلىشىدۇ.
  3. ئىقتسادى شەخىسلەر يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن توكېنغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ھادىسىلەرگە قانداق ئىنكاستا بولىدۇ.
  4. توكېنغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ھادىسلەر ئىقتىساد ئۈنۈمگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  5. توكېنلار ھازىر زامان چىقىم سېستىمىغا قانداق تەسىر كۆرستىدۇ.
  6. مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى تارقىتىلامدۇ.
  7. مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى قانداق لايىھەلىنىشى كېرەك.
  8. رەقەملىك پۇل ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھۆكۈمىران ئورنىنى باسالامدۇ.


توكېنساد ئىقتىساد ئىلمنىڭ بىر تارمىقى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، بىت تەڭگىسى قاتارلىق شىفىرلىق پۇللارنىڭ بارلىققا كېلىشغا ئەگىشىپ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

شىفىرلىق پۇللار توكېننىڭ بىر خىلىدۇر.
توكېنساد پاي گرافى.