سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى تىيىن ئائىلىسىگە تەۋە. سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ.

تىيىن قىياپەتكە ھازىر بولدى
ئۇيغۇرچە نامى تىيىن
ئىنگلىزچە نامى Squirrel
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى غاجىغۇچىلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى 35 خىل
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
كەنجى تۈركۈمى تىيىن كەنجى تۈركۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 松鼠
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى
ئائىلىسى غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى تىيىن ئائىلىسى
تۈرى 212 خىل
كەنجى سىنىپى ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى
لاتىنچە نامى Sciuridae

ھەققىدە تەھرىرلەش

ئوخشىمىغان تۇرمۇش مۇھىتىغا ئاساسەن ، تىيىن دەرەخ تىيىنى ئائىلىسى، سېرىق تىيىن ۋە جەنۇبىي جۇڭگو تىيىنى قاتارلىقلارغا بۈلۈنىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى 35 ئۇرۇقدىشى، 212 خىلغا يېقىن تۈرلىرى بار، جۇڭگودا 11 ئۇرۇقدىشى، 24 خىل تۈرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ تىيىن ۋە يان سىزىقلىق قىيا تاش تىيىنى بولسا جۇڭگونىڭ ئۆزىگە خاس ھايۋىنى ھېسابلىنىدۇ.

 
كالىفورنىيە يەر يۈزى تىيىنى پويىنىت لوبوستا

قىيالىق تىيىنى ئوخشىمىغان تۇرمۇش مۇھىتىغا ئاساسەن، تىيىن دەرەخ تىيىنى ئائىلىسى بۆلۈنىدۇ ، سېرىق تىيىن ۋە جەنۇبىي جۇڭگو تىيىنى قاتارلىقلار بار . تىيىن يۇقىرىقى جاغ قىسمىدا 5 دانە ئېزىق چىشى بولىدۇ ، تۆۋەنكى جاغ قىسمىدا 4 تال چىشى بولىدۇ .

تىيىن تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 240 تۈرى بار، جۇڭگودا 24 خىل بار بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئورماندا ياشايدىغان تىيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى جايلاردا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، ئادەتتە بەش يوللۇق تىيىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، تۈكلىرى كۈل رەڭ ، قارامتۇل قوڭۇر ياكى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ ، شۇڭا كۈل رەڭ تىيىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۈرى تەھرىرلەش

قار تىيىنى تەھرىرلەش

 
تىيىن يەر ياڭىقى شاكىلى غاجىلاشقا تەييار

قار تىيىنى  ئەڭ قىممەت ئەرمەك ھايۋان. بازارلاردا تىيىن ئويۇنچى ۋە دورىلىق قىممەت بويىچە ئېلىپ يۇرۇلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئوتلاق ، تەڭرىتاغ تىزمىسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان ، قار تىيىن كەنجى تۈرى ئۆزگەرگەن يېڭى تۈرى .

چوڭ - كىچىكلىكى 20 ~ 30 سانتىمېتىر. ئېغىرلىقى  350 ~ 450g.  ئالاھىدىلىكى پۇت - قولى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە، قۇلاق تۈكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ .

قار تىيىنى كۈز پەسلىدە تۈك تاشلايدۇ. يېتىلگەن تەن ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى بويۇن، باش قىسىملىرىغا يەتكەن بولىدۇ. قار تىيىن ئەتىگەن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، چۈشلىكى ئاساسىي جەھەتتىن دەرەختە يوشۇرۇن جايدا ئارام ئالىدۇ. ھەر يىلى 1 ~ 2 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 6 ~ 4 كۆپىيىدۇ.

قىزىل قورساق تىيىن تەھرىرلەش

قىزىل قورساق تىيىن تاغلىق رايوندىكى ئامما ئاسما چاشقان دەپمۇ ئاتايدۇ . بىر خىل چوڭ دەرەختە ياشايدىغان تىيىن، چوڭ - كىچىكلىكى 19 ~ 25 سانتىمىتىر، ئېغىرلىقى 280 ~ 430 گىرام ، ئالاھىدىلىكى تۇمشۇقى قىسقا ، قۇلىقى كىچىك ھەم يۇمىلاق ، بوينى توم ، قىزىل قورساق تىيىن ئاساسلىقى بۈك - باراقسان ئورمانلىقتا ياشايدۇ ، ياشاش ئادىتى بەزى تىيىنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاساسلىق ئوزۇقلىنىشى ھەر خىل قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى، مەسىلەن: شەمشاد غوزىسى، كاشتان دەرىخى ۋە شىرنىلىك مېۋىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ھەر خىل دەرەخ، يۇمران چىۋىقلار، گۈل بىخى ۋە قۇش تۇخۇمى، قۇش بالىسى ۋە ھاشارات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  يىلىغا ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 4 ~ 3 نى تۇغىدۇ ، 2 بالىسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ .

ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق تىيىن   تەھرىرلەش

 
قىزىل پۇتلۇق قۇياش تىيىنى (دەرەخكە يامىشىشى ئۇستىسى)

ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق تىيىن يەنە بىر نامى « قىزىل تۇمشۇقلۇق تىيىن ». چوڭ - كىچىكلىكى  20 ~ 25 سانتىمىتىر. ئالاھىدىلىكى پۇت - قولى سەل قىسقا ، قۇيرۇقى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ، قۇيرۇقى قىسىقا ، پاخپايغان دۈمبە تۈكىنىڭ رەڭگى كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە ، قورساق تۈكى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك . ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق تىيىن ئادەتتە تۇرمۇش بۈك - باراقسان ئورمانلىقتا ياشايدۇ. ئادەتتە باشقا تىيىنلاردىن  چوڭ پەرقى يوق، لېكىن پۈتۈنلەي دەرەختە ياشايدىغان بولۇپ، يەر يۈزىگە يىقىلغان دەرەخ ۋە ئوت چۆپ دۆۋىسى ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئەتىگەنلىك ئۇزۇق ئىزدىشى ئەڭ جانلىق.

قىيا تىيىنى تەھرىرلەش

قىيالىق تىيىنى يەنە بىر ئىسمى « چاشقان » ، سىرتقى شەكلى خۇددى قىزىل قورساق تىيىنغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى 20 ~ 25 سانتىمىتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى  15 سانتىمىتىر. ئالاھىدىلىكى قۇلىقى چوڭ بولۇپ، پۇتلىرى سەل قىسقا، قۇيرۇق تەرىپىدە شالاڭراق، دۈمبە تۈكلىرى كۈل رەڭ بولۇپ قورساق قىسمى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ مويى سېرىق ، كۈل رەڭ ، تۆۋەن ئېڭەك ئاق رەڭلىك .

قىيالىق تىيىنى بولسا تاغلىق رايونلاردىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ رايونىدا ياشايدۇ، قىيالىق تىيىنى كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ ، ئاساسلىقى ياۋا مېۋە ياكى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى يەيدۇ ، مەسىلەن: قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى ، ياڭاق ، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار.

ياشاش قانۇنيىتى تەھرىرلەش

تىيىن سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى غاجىلىغۇچىلار ئەترىتى تىيىن ئائىلىسىگە تەۋە. سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ۋە سوغۇق بەلباغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقلىرى رايونى ياشايدۇ. قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ. قارچىغا، بۇلغۇن ، يىلان قاتارلىق كۈشەندىلىرى بار.  

 
قۇيرۇقىنى تىك تۇتقان تىيىن

تىيىن دەرەخقە يامىشىشقا ۋە تاقلاشقا ماھىر بولۇپ ، تۈكلۈك چوڭ قۇيرۇقى پاراشوتنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ. تىيىننىڭ پۇراش سىزىمى ئىنتايىن تەرەققى قىلغان بولۇپ، تاڭ سەھەردە ۋە كەچقۇرۇندا دەرەختىن چۈشۈپ يەردە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئۆچەككە كىرمىگەچكە، كۈزدە مول ئوزۇقلۇق توپلاشقا ئادەتلەنگەن. دەرەخ كامارلىرىدىن پايدىلىنىپ ياكى يەرگە كامار كولاپ، مېۋە قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنى ساقلايدۇ. يەنە لاي ۋە يوپۇرماقلار بىلەن كامار ئېغىزىنى ئىتىپ باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىدۇ.

باشقىلار تەھرىرلەش

تىيىن تۈكلۈك ئۇزۇن قۇيرۇقىنى سۆرەپ دائىم ئالدىراشلا يۈرىدۇ. بىردەم قارىغاي مېۋىسى ئۈزسە، بىردەم ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ھەر يىلى كۈز پەسلىدە ئۇ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئالدىراش بولغانسېرى خۇشال كۆرىنىدۇ. كۈز پەسلى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى پىشىدىغان بولۇپ، تىيىنلار يەرگە ئورەك كولېۋىلىپ، ئاندىن نۇرغۇن مېۋىلەرنى يىغىپ ئورەككە سېلىپ، لاي -توپا ياكى يوپۇرماقلار بىلەن ئورەكنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېتىدۇ. قىش كېلىپ ھەممە يەر قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ يوپۇرماقلار تۈگىگەندە، تىيىنلار كۈزدە يىغىپ قويغان مېۋىلىرىنى خالىغانچە يەپ ھۇزۇرىنى سۈرىدۇ. تىيىنلارنىڭ ئىشچانلىقى ئۇلانى قىشتىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزىدۇ.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. ئىزدە قامۇسى