جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى (中国科学院新疆分院) بولسا 1957- يىلى 30 - ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرىشىغا بېرىلگەن. 1977- يىلى 24- نويابىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى مەركەزگە ئىلتىماس سۇنۇپ شىنجاڭ شۆبىسىنى قايتا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، باياندا: "شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ قايتا قۇرۇلىشى، يەرلىك پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ياردەمدە بولغۇسى" دېيىلگەن. 1977- يىلى 27 - نويابىر كۈنى دېڭ شىياۋپېڭنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشكەن .