جەمشىت روزاخۇنوف

جەمشىت روزاخۇنوف
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1950-يىلى 1-يانىۋار
ئالمۇتا ئوبلاستى، قازاقىستان
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى مائارىپچى، يازغۇچى

جەمشىت روزاخۇنوف بولسا قازاقىستاندا توغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر زىيالىسى ۋە مائارىپچى.

ھاياتى تەھرىرلەش

جەمشىت روزاخۇنوف 1950-يىلى 1-يانۋاردا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاتقۇرۇش بىلەن بىر قاتاردا ئۆز يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، تۇرمۇش-تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى ياخشىلاش ساھەلىرىدىمۇ تىنماي ئەمگەك قىلغان. ئۇ 2000-يىلدىن باشلاپ تۇغۇلغان يېزىسىدىكى ئىسمايىل تاھىروف نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە تارىخ پېنى بويىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. جەمشىت روزاخۇنوف يەنە كۆپلىگەن مۇشائىرىلەرگە قاتنىشىپ، نەتىجىلەرگە ئ‍ېرىشكەن.

جەمشىت روزاخۇنوف 1985-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «ئاققۇلار قايتقاندا»، «ئوي تامچىلىرى»، «كەڭلىكنى كىنەيمەن»، «ئۈمىد بىلەن ياشايمەن» قاتارلىق سەككىز توپلامىغا، شۇنداقلا 20 گە يېقىن ئومۇمىي توپلاملارغا ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بېغىشلانغان دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن.[1]

باشقىلار تەھرىرلەش

روھىي مەدەت تەھرىرلەش

ئۆلمەيدىكەن ئۇيغۇرۇم،

ئۆلمەيدۇ، ياق!

ماي-پىلىكنىڭ بارىدا ئۆچمەس چىراق.

ئاققان دەريا سوغۇلماس،

ساي بېشىدا،

جوشقۇن ئۇرۇپ تۇرغاندا مىڭ بىر بۇلاق!

ئۇيغۇرۇمنىڭ نامۇ ئىزى ئۆچمەيدۇ، ياق!

شادمەن ئاڭا كۆزۈمنىڭ يەتكىنىگە،

گۇمان-غەشنىڭ كۆڭلۈمدىن كەتكىنىگە.

قىن-قىنىمغا پاتماستىن خۇرسەن بولدۇم،

داۋا تاپقان جان ئوخشاش دەرت-غېمىگە!

يۈرەتتىم راست، نەپسىم قىسىلغاندەك،

ئەمدى تەشۋىش، ئەندىشەم بېسىلغاندەك.

روھىم ئۆسۈپ،

سەزدىم كەڭ جاھاننىڭ،

ماڭا تۇيۇق يوللىرى ئېچىلغاندەك!

ياشلار باركەن.

بىلەر ئەل قىممىتىنى،

تارىخىنى، ئەجرىنى، ھىممىتىنى.

تونۇتقىدەك ئالەمگە ئەجداتلارنىڭ،

ئامانەتلىك ناخشا-ساز، سەنئىتىنى!

ياشلار باركەن،

ئوت يۈرەك، ئىستېداتلىق،

تىل، ۋەتىنى، يېرىگە ھەم ئېتىقادلىق!

چىقىدىغان دۇنيانىڭ سەھنىسىگە،

ئىقتىدارى، ئارزۇسى قوش قاناتلىق!

ياشلار باركەن،

ۋىجدانى قاينايدىغان،

تەقدىرىنى خەلقىنىڭ ئويلايدىغان.

يۆلەپ قېرى-يېشىنى، يول كۆرسىتىپ،

ھەرگىز ئالغان بېتىدىن قايتمايدىغان!

ياشلار باركەن،

ئىنتىلگەن يۈكسەكلەرگە،

ياققان دەۋەت ئوتىنى يۈرەكلەرگە.

قايىل قىلىپ ئەقىل-ئوي، پاراسىتى،

يېتىدىغان ئەڭ ئالىي تىلەكلەرگە،

ئاق يول تىلەپ قوياي شۇ زېرەكلەرگە!

ياشلار باركەن،

سۆيىنىپ، زوقلانغۇدەك،

مەغرۇرلىنىپ ئىشىغا، روھلانغۇدەك،

باشقىلاردەك ئۆزۈڭنى زور سېزىنىپ،

چوققىلارغا يۈرەكلىك ئوقلانغىدەك!

شادمەن خەلقىم! كامسىنماي ئۆتكىنىڭگە،

شۇ پەلەڭگە تىرىشىپ يەتكىنىڭگە.

ئەمدى ئاجىز، بېچارە ئەل ئەمەسسەن،

كۈنۈڭ قاراپ قالغان بىر كەتمىنىڭگە،

ياشايدىغان بوغۇلۇپ دەرت-غېمىڭگە! ؟

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى