جەۋھەر مۇسايېۋىچ دۇدايېف (رۇسچە: Джоха́р Муса́евич Дуда́ев، چېچەنچە: Дуди Муса кант Джохар) سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى گېنېرالى، چېچىنىيە ھازىرىقى زامان مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ مەرھۇم رەھبىرى. 1991 - 1996 -يىللار چېچىنىيە رەئىس جۇمھۇرى.

ھاياتى تەھرىرلەش

مىلادى 1944 - يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېچېن - ئىنگۇش ئاپتونوم سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى گالانچوز رايونى يالخوروي (ھازىرقى چېچەن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاچخوي-مارتان رايونى) دا توغۇلۇپ، 1996 - يىل 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گېچى-چېچەندە ئۆلگەن.

ھاياتىنىڭ دەسلەپكى 13 يىلىنى رۇسلار تەرىپىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە مەجبۇرىي يوسۇندا سۈرگۈن قىلىنغان، كۆپىنچىسى ھايات – ماماتلىق يولىنىڭ گىرۋىكىگە كېلىپ قالغان 500 مىڭ نەپەر چېچەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزگەن.

ئاتا مۇسا، ئانا رابىيە دۇدايېۋلارنىڭ 13 - بالىسى. جەۋھەرنىڭ 3 ئاكىسى ۋە 3 ئاچا - سىڭىلى، دادىسىنىڭ ئالدىنقى نىكاھىدىن بولغان 4 ئاكا - ئۇكا ۋە 2 ئاچا - سىڭىلسى بار ئىدى. دادىسى مال دوختۇرى ئىدى.

جەۋھەر ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەندە دادىسى قازا قىلغان. دودايىف بالىلىقىنى قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىدە قاتتىق نامراتلىق ۋە ئاچارچىلىق قاپلىغان ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئانىسىنىڭ زېرىكمەي -تېرىكمەي سۆزلەپ بېرىدىغان چېچنىيە ھەققىدىكى ھېكايىلىرى بىلەن شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا پۈتۈن ئوي – پىكىر ۋە دىنىي قىممەت قاراشلارنى بوغۇۋالغان زۇلمەت ئىچىدىكى نۇر كەبى روھلۇق مۇسۇلمان بولۇپ چوڭ بولغان.

ئوقۇش ھاياتى تەھرىرلەش

1957 – يىلى چېچەن ۋە ئىنگۇشلۇقلار يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ، كەچلىك مەكتەپتە ئوقۇشنى باشلىغان ۋە ئېلېكتر كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئاندىن ۋلادىكاۋكازدىكى ئېلېكترون كەسپىنى ئوقۇشقا باشلاپ ئىككىنچى يىلى يەنى 1962 – يىلى ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلىق مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، 1966 – يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1971 _ 1974 – يىللىرى گاگارىن ھاۋا ئارمىيە قورال – ياراغ ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇغان. ئاندىن ئالا خانىم بىلەن ئۆيلەنگەن.

ھەربىيلىك ھاياتى تەھرىرلەش

دودايىف سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە ئارمىيەنىڭ بالتىق ئېستونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاللىنغا مەركەزلەشكەن ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى قىسمىغا باشلىق بولغان. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئېستونىيەلىك مۇستەقىلچىلەرگە ئاشكارا ھېسداشلىق قىلغان. ھەتتا ئۆزى باشچىلىق قىلىۋاتقان قىسىمنىڭ بازىسىنىڭ ئالدىدا ئېستونىيەنىڭ بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ۋە ئېستونىيەدىكى بىگۇناھلارنى بومباردىمان قىلىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى: «مەن ئۆيلىرىنى، يۇرت – ماكانلىرىنى قوغداۋاتقان بىگۇناھلارنى نېمىدەپ بومباردىمان قىلغۇدەكمەن!» دەپ رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇيرۇققا بويسۇنمىغان ئاسىي گېنېرال دەپ ئاتالغان. دودايىفنى ئۆزىگە كەلگەن ئېستونىيە تېلېۋىزىيەسى ۋە پارلامېنتىنى تاقىۋېتىش قاتارلىق بىر قانچە بۇيرۇقلارنى قەستەن بىلمەسكە سېلىپ ئېستونىيەلىكلەرنىڭ تەرىپىنى ئالغان ۋە ئېستونىيەدىكى ھاۋا قىسمىنى چېكىندۈرۈپ كېتىپ سوۋېت ئارمىيەسىگە ئىستىپانامىسىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سىياسىي ھاياتى تەھرىرلەش

شۇ ۋاقىتلاردا چېچىنىيەدە ۋەزىيەت جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى. چۈنكى، يانداربايىف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىنقىلاب تەشكىللەۋاتاتتى. دودايىف بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى. ئۇ يانداربايىفنىڭ تەكلىپى بىلەن 1990 – يىلىنىڭ ماي ئېيىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چېچىنىيەنىڭ پايتەختى غەرۇزنىغا كېلىپ، چېچەنلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت سۈپىتىدە ئىدارە قىلىنىشى كېرەكلىكىگە چاقىرىق قىلىدىغان بىرەسمىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. 1991 – يىلى ئۆكتەبىردە دودايىف خەلقئارا نازارەتچىلەر گۇرۇپپىسى نازارەت قىلغان سايلامدا، سايلامغا ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ %85 نىڭ قوللىشى بىلەن چېچىنىيە ئىشكىرىيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ۋە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. دودايىفنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولسا پۈتۈن كاۋكاز خەلقىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. 1992 – يىلى باشلانغان ئابخازىيە ئۇرۇشىدا كاۋكاز خەلقىنىڭ ئىتتىپاقىلىقىنى قوللاش ئۈچۈن، شامىل باسايىفنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئۆز جەڭچىلىرىنى ئەۋەتكەن.

موسكىۋا بولسا قاتتىق ئەنسىزلىك ئىچىدە كاۋكازدا بولۇۋاتقان بۇ ئىشلارنى كۆزىتىۋاتاتتى. شۇڭا، دودايىف رايوندىكى بارچە خەلقلەرنى كاۋكاز دۆلەتلىرىنىڭ بايرىقى ئاستىدا رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلاتتى.

رايوندا جەڭ سىگناللىرى ياڭراشقا باشلىغاندا دودايىف رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كۈچىدى، سۆھبەت چېچنىيەنىڭ ھازىرقى تاتارىستانغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بارلىق تەكلىپلەرنى رەت قىلدى ۋە دودايىفنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى. ئۇلار ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى جاسۇسلىرى ئارقىلىق مۇستەقىللىق پىلانىنى بىتچىت قىلىشقا ئۇرۇندى، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىدى. چۈنكى، دودايىف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ياققان ئىنقىلاب پىلتىسى چېچىنىيەنى، بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قەدەر قاپلىغان بولۇپ، پۈتۈن كاۋكازنى قاپلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ تېگى چېركەس بولغان ئەدلىيە ۋەزىرى كالمۇك يۇۋرا بىر دوستىغا: «خەۋپسىزلىك كېڭىشىمىز بۇ ئۇرۇشنى باشلاشنى قارار قىلدى، بۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ كىچىك ئۇرۇشتىكى غەلبىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ قارارغا ئاساسەن، رۇسىيە ئارمىيەسى چېچىنىيەگە كىرىدۇ» دېگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ.

دودايىف رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرى پاۋىل گراچېۋغا زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىككە قوشۇلغاندىن بەش كۈن كېيىن يەنى 11 – دېكابىر رۇسىيە ئارمىيەسى چېچىنىيەگە بېسىپ كىرىدۇ، رۇس ئارمىيەسىنى ياخشى بىلىدىغان دودايىف ئۇلارنى «كۈتىۋالىدۇ» ۋە ئۇلارغا ئۇلارنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ساۋاق بېرىپ قويۇش ئۈچۈن رۇسىيەگە قارشى جىھاد ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «‹غەلىبە قىلدۇق› دېگەن سۆزنى قىلالىشىڭلار ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىكى چېچەنلەرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلار كېرەك. ناۋادا بىرەر چېچىنىيەلىك قېپقالسا ئەۋلاد قالدۇرۇپ سىلەر بىلەن جەڭ قىلىدۇ – دە، بىز يېڭىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشكە، قوغلىۋېتىشكە، ئۇستىخانلىرىمىزنى تانكىلىرى بىلەن ئېزىۋېتىشكە تامامەن ئىمكانىيىتى بار، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق روھىمىزنى مەڭگۈ يوقىتىۋېتەلمەيدۇ».

ئۆلۈمى تەھرىرلەش

دودايىف 1996 – يىلى 21 – ئاپرېل چېچىنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گىخچۇ يېزىسىدا دۇما پارلامېنتىدىكى بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بولغان تېلېفۇن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن سىمسىز تېلېگراف ئاپپاراتى ئىشلىتىۋاتقاندا رۇسىيەنىڭ رازۋېدكا ئايرۇپىلانى تەرىپىدىن ئورنى بايقىلىپ قېلىپ لازىر نۇرلۇق راكېتا بىلەن شېھىت قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ داۋاملىق شېھىت بولۇشنى تىلەپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىدىندۇر، ئەلۋەتتە. ئۇ داۋاملىق شېھىت بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ: «شېھىت بولۇشنى ئىستەيمەن، چۈنكى بۇ ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە. مەن ۋەتىنىمنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن، تا نەپىسىمدىن قالغانغا قەدەر جەڭگە ھازىر ھالەتتە تۇرىمەن» دەيتتى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۇنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغان مەنبەلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ ئىنقىلابنىڭ ۋە چېچىنىيەدىكى ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، بۇ شېھىت ئۆز خەلقىگە ھەقىقەتنى مۇستەملىكە دۆلەتلىرى مەڭگۈ تېگىگە يېتىپ بولالمايدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا، خەلق ئۆز شېھىتلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغان. رۇسلارغا قارشى بۇ جەڭ باشلانغىلى ئىككى يىل بولغان ۋە بۇ «كىچىك ئۇرۇش» سەۋەبلىك 150 مىڭ چېچىنىيەلىك شېھىت بولغاندىن كېيىن رۇسلارنى مەغلۇپ قىلغان.

كىشىلىكى تەھرىرلەش

شېھىت جەۋھەر دودايىف ھەقىقىي رەھبەر بولۇپ، ھېچقاچان پۇل – مال، ھوقۇق – مەنسەپ تەمەسىدە بولمىغان. ۋەتىنىدىن چىقىپ كېتىپ چەتئەلدە ئارامخۇدا ياشىشى ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل – مالنى ئەسلا قوبۇل قىلمىغان. ئۇ ئىنتايىن كەمتەر ئىدى. جەڭدىن بۇرۇن بىر مۇخبىرنىڭ قوشۇنىدا قانچىلىك گېنېرال بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا: «ھەر بىر چېچنىيەلىك بىر گېنېرال، مەن پەقەت مىليوننىڭ ئىچىدىكى بىرى، خالاس» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئىنتايىن جەسۇر بولۇپ، چېچنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تېلېگرامما يوللىغان ۋە رۇسىيەدىن قورقۇپ رەت قىلغان دۆلەتلەرگە: «سىلەر بىزنى ئېتىراپ قىلمىساڭلار، بىزمۇ سىلەرنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېگەن.

چېچىنىيە بۇ بۈيۈك رەھبىرىنى ئەسلا ئۇنۇتمايدۇ. چېچنىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق شېھىت بەردى. مىڭلىغان چېچەنلەر ھېلىھەم سۈرگۈندە تۇرۇپتۇ. ئۇلار بۇ رەھبىرىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. چېچنىيەلىكلەر ھازىرمۇ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ جەڭ نېمىشقا بۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىتتىمۇ توختىمايدۇ، دەپ سورىساڭلار، مەزكۇر شېھىدىمىزنىڭ تىلى بىلەن مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: «بىر كۈن بولسىمۇ شان – شەرىپى بىلەن ياشاش قۇل بولۇپ 100 يىل ياشىغاندىن مىڭ ئەلا».

مەنبەلەر تەھرىرلەش

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 2020 - يىل 19 - ئۆكتەبىر ئۇلىنىشى