خاڭدى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىقەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. خاڭدى يېزىسى ۋە سەمەن يېزىسى ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قاقاس رايون بۇلۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ تۆت تەبىئىي كەنت 1956-يىلى خاڭدى يېزىسى تەسىس قىلىنغان. ‹‹ 314 ›› دۆلەت يولىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىر يېزا تاشيولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان، يېزىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلى ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلغان.

خاڭدى يېزىسى

荒地乡.Xangdi town

قەشقەر شەھىرى (قىزىل) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
شەھەر قەشقەر شەھىرى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 8 دانە
نوپۇس 11 مىڭ
يەر مەيدانى ?
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

جۇغراپىيىسى تەھرىرلەش

خاڭدى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر قاقاسلىق رايون بۇلۇپ، گۇما تېغى جەنۇبىي ئېتىكىدىكىگە، تۈمەن دەرياسى ۋە ئاۋات ئۆستەڭ ئارىسىغا جايلاشقان. % 90 ى چۆللۈك بۇلۇپ، شۇڭا يەرلىك كىشىلەر ئۇ يەرنى قاقاسلىق دەپ ئاتىغان. كېيىن سەمەن يېزىس ۋە خاڭدى يېزىسى قەشقەر شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق يېزا بولغان. جەنۇبىي رايونى بىلەن سەمەن يېزىسى قوشنا، شەرقتە قەشقەر شەھىرى باغ يېزىسى بىلەن چېگرىداش، غەربتەقەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان تار بەلباغلىق ياپيېشىل دەرەخلەر، مۇنبەت ئېتىز، مېۋىلىك دەرەخلەر قاتار بۇلۇشقان قەشقەر شەھىرىنىڭ مۇھىم بولغان كۆكتات تېرىش بازىسى.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش